ئۆزلۈك ئەينىكى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

ئۆزلۈك ئەينىكى ئىنسان تۇپراقتىن ئۈنگەن گىياھ، گىياھتىن قەد كۈتۈرگەن ھايۋاننىڭ ئاخىرىغا قۇشۇلغان كارامەت مۆجىزە سۈپىتىدە يارالغان پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئۇلۇغ ئەۋرىشكىسىدىن ئىبارەت. ئۇ-ئەينەككە موھتاج. ئۇ-ئاشۇ ئەينەك ئۆزلۈكتە ئۆزىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۆزگىلەرنى كۈرۈش ئىشقىغا، ئىنساننى ئىنسانىي كامالەتكە كۈتۈرۈش ۋە ئىنساننى بىر-بىرى بىلەن قۇشۇش مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ. ئۆزىنى كۆرمەسلىك-ئۆزلۈكنى بىلمەسلىك ئىنساننىڭ ھايۋانلىق زىندانىدىكى ئەڭ قورقۇنىچلۇق غاپىللىق ئۇيقۇسىدىن ئىبارەت. بۇنداق غاپىل، مەغرۇر، تەنتەك، ئاخماق ۋە جاھىللىقنى « سەگەكلىك » ۋە بەخت ھالاۋىتى دەپ قاراشقا ئىجىلراقتۇر. بۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلىق ماھىيەتلىرىگە تولمىغان پۈچەك ئىنسانلىق سۈرىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇ-ئىنسان ئىقتىدارىنى، ئۇنىڭ كامالەت مۇمكىنلىكىنى ھالاك قىلغۇچى -يەڭگىلتەك غاپىللىق. ئىنسان ئۆزىنى چەكلەش ۋە ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق، رەقىب ۋە كۈشەندىلىرىنىڭ تەھدىتى، مۈشكۈل ۋە يېڭىلىشلارنىڭ روھىيەتتە تاۋلىشى، ئۆلۈم تەھدىتى ۋە كىشلىك ئۈمىدى ئارقىلىق ئكزىدە ئىرادە ۋاراقلىرىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، نۇرانىلىق ھاسىل قىلىدۇ. بۇ نۇرلار ئۆز-ئارا قۇشۇلۇپ، ھېكمەت ئىلھامى ئاستىدا ئۆزلۈك ئەينىكى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ! ئۆزلۈك ئەينىكى ئىنسانى كامالەتنىڭ قەلبتىكى ماھىيەتلىك قۇياشى. ئۇنىڭدا ئىلگىرىكى مەقسەتلەرنىڭ پەقەت ۋاستە ئىكەنلىكى، مەيلى مەئىشەت، مەيلى مەدەنىيەت، مەيلىئىلىم ۋە ئىمان، سەنەت ۋە شېئىرىيەتنىڭ ۋاستە ئىكەنلىكىنى، ھەقىقى مەقسەتبولسا خۇددى قۇدۇققا تاشلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىرلەپ كىشلىك تەسەۋۋۇردىن يۇقالغان شەمسىدىن ئەتتاردەك بىرلا نەرسە-ئىنسان ۋە ئۇنىڭ كامالەتلىك ئىجتىمائى -مەنىۋى بەخت-سائادىتى ئىكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇچاغدا ئۇلۇغ قۇلدارلارنىڭلاي قورچاق ۋە خار كۆرگەن قۇللارنىڭ نۇرانە مالائىكە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىڭ، كىشلىك يولدا مەسلەك يۆتكىشىڭ ھېچقانداق سىربولماي قالىدۇ. ئۆزىنى چۈشەنگەن كامىل، ئۆزۈمچىلىكنى ئۇتۇغان ئالىمدۇر، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۇنتۇيدۇ ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئالىمى بىلەن قۇشۇلىدۇ. بۇ ئارىدا ھەقىقەتنى يۇشۇرغان پەردىلەر، چېگرالار، سېپىللار، ھېلىقى لاي قورچاقلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە سەجدە قىلدۇرۇش كويىدا ياراتقان ئەپسۇنكەش رىسالە ۋە سېھرىگەر نىزاملار بۇلۇپ چىقىدۇ. سەن تەڭرىلىك مۇقامىدا تۇرۇپ ئىنسانغا چۇقۇنىسەن، بۇ ئۇلۇغ ياتلىشىشتىن ئۆزلۈك ۋە ۋەھدەت دۇنياسىغا قايتا كۆز ئېچىشدىمەكتۇر. سەن شۇچاغدا ئىستىغپار ئۇقۇيسەن ؛ ئاددى كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلمىگەن، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ھايۋانى تەرىپىنىلا تەن ئېلىپ، كامالەت تەرىپىگە ئەقلىڭ يەتمىگەن ياكى ئۇنى تەن ئېلىشنى خالىمىغان، ھەتتا چەتتىن ئۇلۇغۋار ئەللامە ئىزلەپ، ئۇڭا مۇرت بۇلۇپ، ئۆز ئۇلۇغلىرىڭنى ئېغۋا كۇيىقاپىنىڭ تاش بورانلىرىدا يىقىتىپ، ئەيسادەك دارغا مىخلاپ، ئۆزگىلەر قولى بىلەن قەتلى قىلىپ، كونا جۇۋىغا پۈركۈنۈپ يۈرگەن كۈنلىرىڭگە توۋا قىلىسەن. دەرھەقىقەت، دانىشمەنلىكنىڭ دەردى نۇرغۇن، ئۇ ھاياتنىڭ ساختا لەززىتىدىن كېچىپ، ھەقىقى ئازاپلىرىدا ياشايدۇ. ياشاشنىڭ قىسقىلىغىنى بىلىپ، كېچە-كۈندۈز ئەجىر-ئەمگەك قىلىدۇ. ئۇ ئالدىن دىل يۇرۇتقاچقا قەلبى ھەقىقەت، لەۋزى ئادالەت ئوتىدا كۈيۈپ، كىشىلەر بىلگەن ئامەتلەرنىڭ ئىللەتلىكىنى ئېغىزىدىن چىقىرىشتىن ئەيمىنىپ، ئېغىر -دىلكەشسىز -تەنھالىق ئىچىدەدەرت يۇتىدۇ ؛ ئۇ ئۆمۈربويى رەشىك ۋە جاھالەت ئىللىتىدىن نەپرەت ۋە مەيۈسلۈك چېكىدۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىدا قايتا ئويغىنىش، ئۇلۇغ بۇرۇلۇش بىلەن ئىككىنچى قېتىم قايتا تۇغۇلغان تەپەككۇر بايراقدارىنىڭ دەل ئۆزى !ئۇ قۇياش ! تەنھا، بىراق مىليون-مىليون يورۇق يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچى قەلب كامالىتىنىڭ ئىنژىنىرى، ئۇلار دوزاخ ئوتىدا كۈيۈپ تۇرسىمۇ جەننەت دەرۋازىسىنى ئاچقۇچىلارنىڭ سىماھى بەستى ۋە زاھىرى ئەسلىدۇر. ئۆزلۈك ئەينىكى -مىراجى ئەلاكى، ئۇنىڭسىز تەڭرىنى، ئۆزۈڭنى، ئاشىقىڭنى، مەشۇقىڭنى، مەھبۇبىڭنى، مەقسىتىڭنى كۈرەلمەيسەن. ئۆزلۈك ئەينىكى كامىل ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ۋەھىدەتتۇر. ۋەھىدەت -مۇھەببەتنىڭ ۋىسال تويى.