ئۇرۇقچىلىق قانۇنى

ئورنى Wikipedia

ئۇرۇقچىلىق قانۇنى


(2000 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 – سانلىق يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن) 1 – ماددا بۇ قانۇن گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىش، ئىشلىتىش ھەرىكەيلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سورت يېتىشتۈرگۈچىلەر ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتكە سالغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۇرۇقنىڭ سۈپەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇرۇقچىلىقنىڭ كەسىپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، تېرىقچىلىق ۋە ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىش، ئىشلىتىش، باشقرۇرۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلەردە بۇ قانۇن تەدبىقلىنىدۇ. بۇقانۇندا دېيىلگەن ئۇرۇق زىرائەت ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ تېرىلىدىغان – تىكىلدىغان ماتېرىيالى ياكى كۆپەيتىلىدىغان ماتېرىيالىنى، جۈملىدىن دېنى، مېۋىسى ۋە يىلتىزى، غولى، مايسىسى، بىخ، يۇپۇرمىقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي ئۇرۇق خىزمىتىگە ئايرىم – ئايرىم مەسئۇل بولىدۇ؛ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايۇننىڭ زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل – دەرەخ ئۇرۇقى خىزمىتىگە ئايرىم – ئايرىم مەسئۇل بولىدۇ. 4 – ماددا دۆلەت گېر مپلازما بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىگە ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلاش، ئومۇملاشتۇرۇشقا يۆلەك بولىدۇ، سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ، گېرمپلارما بايلىقىنى قوغداش خىزمىتى ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ئوخشاش خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىيات پىلانىنى يېزائىگىلىكىنى پەن – تېخنىكا مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش فاڭجېنىغا ۋە تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈشى ھەمدە بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مالىيە، كرېدىت ۋە باج قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 6 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنى يۆلەشكە مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 7 – ماددا دۆلەت ئاپەت يۈز بەرگەن چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى ئاساسلىق قامداپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىدۇ. زاپاس ساقلىنىۋاتقان ئۇرۇقنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم. ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 2 – باب گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداش 8 – ماددا دۆلەت گېرمپلازما بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ گېرمپلازما بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان تەبىئىي گېرمپلازما بايلىقىنى يىغىش ياكى كېسىش مەنئى قىلىنىدۇ. پەن تەتقىقاتىغا ئوخشاش ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن يىغىشقا ياكى كېسىشكە توغرا كەلگەندە، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. 9 – ماددا دۆلەت گېرمپلازما بايلىقىنى پىلانلىق يىغىدۇ، رەتلەيدۇ، باھالايدۇ، تىزىملايدۇ، ساقلايدۇ، ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پىلانلىق پايدىلىنىدۇ، پايدىلانغىلى بولىدىغان گېرمپلازما بايلىقى كاتالوگىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقى بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەت گېرمپلازما بايلىقى ئامبىرى قۇرۇشى لازىم، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ گېرمپلازما بايلىقى ئامبىرى، گېرمپلازما بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى ياكى گېرمپلازما بايلىقى مۇھاپىزەت يېرى تەسىس قىلسا بولىدۇ. 10 – ماددا دۆلەت گېرمپلازما بايلىقىغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىس چېگرا سىرتىغا گېرىمپلازما بايلىقىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم؛ چېگرىدىن گېرمپلازما بايلىقىنى كىرگۈزۈش گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. 3 – باب سورت يېتىشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش 11 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، پەن – تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنى سورت يېتىشتۈرۈش نەزەرىيىسى، تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. دۆلەت ئورۇنلار ۋە شەخىسلەرنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 12 – ماددا دۆلەت ئۆسۈملۈك يېڭى سورتلىرىنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياكى بايقالغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلگەن سورتلىرىدىن يېڭىلىرىغا، ئالاھىدىلىرىگە، تەكشى ۋە مۇقىم بولغانلىرىغا ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى بېرىدۇ، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. يېتىشتۈرۈلگەن سورتلار ئومۇملاشتۇرۇلسا، سورت يېتىشتۈرگۈچى قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. 13 – ماددا ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقى سۈپەتلىك دەل – دەرەخ سورتى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئېنىقلاش ئورمىنى، سىناق ئورمىنى، سۈپەتلىك دەرەخ توپلاش رايونى، گېن ئامبىرى قۇرۇش تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي كىرىمى كېمىيىپ كەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئۇنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىدۇ. 14 – ماددا گېنى يۆتكەلگەن ئۆسۈملۈك سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، سىناق قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا بىخەتەرلىك جەھەتتىن باھالاش ھەمدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش لازىم. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 15 – ماددا ئاساسلىق زىرائەت سورت ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن دۆلەت دەرىجىلىك ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈش لازىم، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش ياكى دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئاسالىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتى ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش چارىسىدە ئادىل بولۇش، ئاشكارا بولۇش، ئىلمىي بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش پرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم، ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايۇنلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز ئالدىغا كەسپىي خادىملاردىن تەشكىللەنگەن زىرائەت سورتى ۋە ئۆز ئالدىغا كەسپىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەيئىتى قۇرىدۇ، ئۇ ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېكولوگىيىسى ھەر خىل رايوندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقى رايونلۇق شەھەرگە، ئاپتونوم ئوبلاستلارغا ئالاھىدە ئېكولوگىيىلىك رايوندا ئومۇملاشتۇرۇشقا ماسلىشىدىغان ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. 16 – ماددا دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئاساسلىق زىرائەت سورتلىرى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخلەرنىڭ سۈپەتلىك سورتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلاردا ئومۇملاشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئاساسلىق زىرائەت سورتلىرى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخلەرنىڭ سۈپەتلىك سورتىلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلاردا ئومۇملاشتۇرۇلسا بولىدۇ؛ مۇھىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلاردا ئومۇملاشتۇرۇلسا بولىدۇ؛ قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شۇ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلىرى ئۆزى قاراشلىق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن سورت كىرگۈسە بولىدۇ. 17 – ماددا تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تېگىشلىك زىرائەت سورتلىرىدىن بېكىتىشتىن ئۆتمىگەنلىرى ئۈستىدە ئېلان چىقىرىشقا، ئۇنى تىجارەتكە سېلىشقا ۋە ئومۇملاتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تېگىشلىك دەل – دەرەخ سورتلىرىدىن بېكىتىشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى سۈپەتلىك سورت قاتارىدا تىجارەتكە سېلىشقا، ئومۇملاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ، بىراق ھەقىقەت ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىنى دەل – دەرەخ سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەيئىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم. 18 – ماددا تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتمىگەن زىرائەت سورتى ۋە دەل – دەرەخ سورتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، ئەسلىدىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەيئىتىگە ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەيئىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 19 – ماددا جۇڭگودا دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت سورىنى بولمىغان چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى باشقا چەت ئەل تەشكىلاتلىرىدىن سورتنى جۇڭگودا تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە جۇڭگو ئۇرۇق تەتقىقاتى، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، ئۇرۇق تىجارەت ئاپپاراتىغا ۋاكالەتچى بولۇشنى ھاۋالە قىلىشى لازىم. 4 – باب ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشى 20 – ماددا ئاساسلىق زىرائەت ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخلەرنىڭ تاۋار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشدا ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاساسلىق زىرائەت شالغۇت ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاتىلىق، ئانىلىق ئۇرۇقى، ئادەتتىكى سورتلارنىڭ ئەسلىي ئۇرۇقى، ئاساسلىق دەل – دەرەخنىڭ سۈپەتلىك سورت ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورماچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ؛ باشقا ئۇرۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ. 21 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخىسلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: (1) ئۇرۇق كۆپەيتىشتە ئايرىۋېتىش ۋە يېتىشتۈرۈش شارائىتى بولۇش؛ (2) كارنتىن قىلىندىغان كېسەل، ھاشارەت زىيىنىدىن خالى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئۇرۇق ئېلىنىدىغان ئورمىنى بولۇش؛ (3) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشقا لايىق مەبلىغى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پرىيوم قىلىش ئەسلىھەسى بولۇش؛ (4) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە پرىيوم قىلىشقا لايىق كەسپىي تېخنىك خادىملىرى بولۇش؛ (5) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى بار ئۇرۇققا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سورت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم. 22 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىدە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇرۇقنىڭ سورتى، ئورنى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىق تۈرلەر ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىش – سېتىش، ئىجارە – ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئۇرۇقنى ئىجازەتنامىسىز ياكى ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئىشلەپچىقىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 23 – ماددا تاۋار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۇرۇق پرىيوم، كارانتىن قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش لازىم. 24 – ماددا دەل – دەرەخ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ئۇرۇق ئېلىشنى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى باشقۇرغۇچىلار ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئۇرۇق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە ئېلىنىدۇ. پىشمىغان ئۇرۇقنى ئېلىش، ئانا دەرەخنى نابۇت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، سۈپەتسىز ئورمانلىقتىن، ناچار سۈپەتلىك ئانا دەرەختىن ئۇرۇق ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 25 – ماددا تاۋار ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان ئورۇن، ئىشلەپچىقىرىلغان يەر مۇھىتى، ئالدىنقى ئېڭىز زىرائىتى، ئاتىلىق، ئانىلىق ئۇرۇقنىڭ مەنبەسى ۋە سۈپىتى، تېخنىكا مەسئۇلى، ئېتىز پرىيوم خاتىرىسى، ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ مېتېئولوگىيە خاتىرىسى، ئۇرۇقنىڭ تارقىتىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق خاتىرىلىشى كېرەك. 5 – باب ئۇرۇق تىجارىتى 26 – ماددا ئۇرۇق تىجارىتىدە ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى ئالدى بىلەب ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئېلىشى شەرت، ئاندىن شۇ ئىجازەتنامە بىلەن سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى ياكى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىشتە دەرىجە بويىچە تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئۇرۇق تىجارەتى ئىجازەتنامىسىنى ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ. ئاساسلىق زىرائەت شالغۇت ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاتىلىق، ئانىلىق ئۇرۇقى، ئادەتتىكى سورتلارنىڭ ئەسلىي ئۇرۇقى، ئاساسلىق دەل – دەرەخنىڭ سۈپەتلىك سورت ئۇرۇقى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ. تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىشنى بىرلەشتۈرگەن ھەمدە رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن سوممىغا يەتكەن ئۇرۇقچىلىق شىركەتلىرى ۋە ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكىسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ. 27 – ماددا دېھقانلار ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى ئۇرۇقنىڭ ئېشىنغانلىرىنى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالمايلا سودا بازارلىرىدا ساتسا، ئالماستۇرسا بولىدۇ، باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزۈپ چىقىدۇ. 28 – ماددا دۆلەت پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەكتەپلەر ۋە پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ زىرائەت يېڭى سورتى ۋە دەل – دەرەخ سۈپەتلىك سورتنى تەتقىق قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈشىگە ۋە قانۇن بويىچە تىجارەكە سېلىشىغا، ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. 29 – ماددا ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخىسلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: (1) تىجارەتكە سالىدىغان ئۇرۇقنىڭ تۈرى، مىقدارىغا لايىق مەبلىغى ۋە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان ئىقتىدارى بولۇش؛ (2) تىجارەتكە سالىدىغان ئۇرۇقنى توغرا پەرىقلەندۈرەلەيدىغان، ئۇرۇق سۈپىتىنى پرىيوم قىلالايدىغان، ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش، ساقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن خادىمى بولۇش؛ (3) تىجارەتكە سالىدىغان ئۇرۇقنىڭ تۈرى، مىقدارىغا لايىق تىجارەت سورۇنى، شۇنىڭدەك پىشىشىقلاپ ئىشلەش، ئوراش – قاچلاش، زاپاس ساقلاش، ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە ئۇرۇق سۈپىتىنى پرىيوم قىلىدىغان سايمان – ئۈسكۈنىسى بولۇش؛ (4) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر. ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى قايتا بۆلۈپ قاچلىمايدىغان ئوراقلىق، قاچىلاقلىق ئۇرۇقنى مەخسۇس تىجارەتكە سالىدىمانلىرى ياكى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالغان ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىنىڭ يازما ھاۋالىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغانلىرى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالمىسىمۇ بولىدۇ. 30 – ماددا ئۇرۇق تىجارىتى ئىجارىتى ئىجازەتنامىسى كۈچكە ئىگە بولىدىغان رايوننى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگەن ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بەلگىلەيدۇ. ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىدىن تىجارەت ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە رايوندا تارماق ئاپپارات قۇرىدىغانلىرى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى قايتا ئالمىسىمۇ بولىدۇ، كېيىن 15 كۈن ئىچىدە شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋە ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. 31 – ماددا ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىدە ئۇرۇق تىجارىتى دائىرىسى، تىجارەت شەكلى ۋە كۈچكە ئىگە مۆھلىتى، كۈچكە ئىگە رايون قاتارلىق تۈالەرنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىش – سېتىش، ئىجارە – ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئۇرۇقنى ئىجازەتنامىسىز ياكى ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ تىجارەتكە سېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 32 – ماددا ئۇرۇق تىجارەتپىلىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۇرۇقنىڭ قىسقىچە خۇسۇسىيىتى، ئاساسلىق ئۆستۈرۈش تەدبىرى، ئىشلىتىش شەرت – شارائىتىغا ئائىت چۈشەندۈرمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى ھەمدە ئۇرۇق سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا قانۇنسىز ئارىلىشىشغا يول قويۇلمايدۇ. 33 – ماددا ئەتىۋارلىق دەرەخ ئۇرۇقىنى ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىشقا چەك قويغان دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز سېتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 34 – ماددا سېتىلىدىغان ئۇرۇقنى پىششىقلاپ ئىشلەش، دەرىجىگە ئايرىش، ئوراش – قاچلاش لازىم. لېكىن پىششىقلاپ ئىشلەشكە، ئوراش – قاچىلاشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. چوڭ ئورالما – قاچىلانما ئۇرۇق ياكى ئىمپورت قىلىنغان ئۇرۇقلارنى بۆلۈپ قاچلاشقا بولىدۇ؛ بۆلۈپ قاچلىغاندا بۆلۈپ قاچىلىغۇچى ئورۇننى ئەسكەرتىپ قويۇشى ھەمدە ئۇرقنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇش لازىم. 35 – ماددا سېتىلدىغان ئۇرۇققا بەلگىسى قوشۇمچە قىلىنىشى كېرەك. بەلگىدە ئۇرۇق تۈرى، سورت نامى، ئىشلەپچىقىرىلغان جايى، سۈپەت كۆرسەتكۈچى، كارانتىن ئىسپات نومۇرى، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئىجازەتنامە نومۇرى ياكى ئىمپورت تەستىق ھۆججىتى نومۇرى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىش كېرەك. بەلگىدە ئەسكەرتىلگەن مەزمۇن سېتىلدىغان ئۇرۇق بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. ئىمپور ئۇرۇقنى ساتقۇچىلار خەنزۇچە بەلگىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. گېنى يۆتكەلگەن ئۆسۈملۈك سورتى ئۇرۇقىنى ساتقۇچىلار ئېنىق يازسا ئەسكەرتىش بېرىشى ھەمدە ئىشلىتىشتە قوللىنىدىغان بىخەتەر تىزگىنلەش تەتبىرلىرىنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. 36 – ماددا ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى ئۇرۇق تىجارەت ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئۇرۇق مەنبەسى، پىششىقلاپ ئىشلەش، زاپاس ساقلاش، توشۇش ۋە سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ھالقىلىرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈمىسى شۇنىڭدەك جاۋابكار كىشى، ئۇرۇقنىڭ قەيەرگە سېتىلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىشى لازىم. بىر يىللىق زىرائەت ئۇرۇقىنىڭ تىجارەت ئارخىپىنى ئۇرۇق سېتىلىپ ئىككى يىلغىچە ساقلاش لازىم، كۆپ يىللىق زىرائەت ۋە دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنىڭ تىجارەت ئارخىپىنى ساقلاش مۆھلىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 37 – ماددا ئۇرۇق ئېلانىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ قانۇندىكى ۋە ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئاساسلىق خۇسۇسىيەت تەسۋىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئومومىي ئېلاندىكى بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم. 38 – ماددا ناھىيىدىن يۆتكەيدىغان ياكى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان ئۇرۇقنىڭ كارانتىن گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك. 6 – باب ئۇرۇق ئىشلىتىش 39 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرۇقنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشغا يول قويۇلمايدۇ. 40 – ماددا دۆلەت مەبلەغ سالغان ياكى دۆلەت سالغان مەبلەغ ئاساس قىلىنغان ئورمان بەرپا قىلىش تۈرىدە ۋە دۆلەت ئورمانچىلىق ئورۇنلىرى ئورمان بەرپاقىلىشتا ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن پىلان بويىچە دەل – دەرەخلەرنىڭ سۈپەتلىك سورتلىرىنى ئىشلىتىش لازىم. سۈپەتلىك دەل – دەرەخ سورتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىپ ئىھاتە ئورمىنى، ئالاھىدە ئورمان بەرپا قىلىشقا دۆلەت يۆلەك بولىدۇ. 41 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرۇق سۈپىتى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇرۇق سېتىپ بەرگەن تىجارەتچى زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، تۆلەم سوممىسى ئۇرۇق سېتىۋېلىش پۇلى، ئالاقىدار ھەق ۋە ئېرىشىدىغان مەنپەئەت زىيىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىجارەتچى زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىق ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەردىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. 42 – ماددا ئۇرۇق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ھەق تەلەپ ماجىراسى تۇغۇلسا، دەۋالاشقۇچىلار ئۇنى كېڭىشىش ياكى مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار كېڭىشىش، مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمىسا ياكى ھەل قىلالمىسا، ئۆزلىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىم بويىچە كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 7 – باب ئۇرۇق سۈپىتى 43 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوراش – قاچلاش، پرىيوم قىلىش، زاپاس ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە ساھە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق سۈپىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. 44 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق سۈپىتىنى پرىيوم قىلىشنى ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى مۇناسىپ تەكشۈرۈش شەرت – شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى لازىم. 45 – ماددا ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى ئۇرۇق پرىيومچىلىرىنى قويۇشى كېرەك. ئۇرۇق پرىيومچىلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم: (1) مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بويىچە ئوتتۇرۇ تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش؛ (2) ئۇرۇق پرىيوم قىلىش تېخنىكا خىزمىتىنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇش؛ (3) ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇش. 46 – ماددا ساختا، سۈپەتسىز ئۇرۇقنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇرۇقلار ساختا ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ: (1) ئۇرۇقلۇق ئەمەسلىرى ئۇرۇقلۇق قىلىپ كۆرسىتىلگىنى ياكى بۇ سورتتىكى ئۇرۇقلۇق ئۇ سورتتىكى ئۇرۇقلۇق قىلىپ كۆرسىتىلگىنى؛ (2) ئۇرۇق تۈرى، سورتى، ئىشلەپچىقىرىلغان جايى بەلگىدە ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغىنى. تۆۋەندىكى ئۇرۇقلار سۈپەتسىز ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ: (1) سۈپىتى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۇرۇقلۇق ئۆلپىمىدىن تۆۋەن بولغىنى؛ (2) سۈپىتى بەلگىدە ئەسكەرتىلگەن كۆرسەتكۈچتىن تۆۋەن بولغىنى؛ (3)سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىتىن ئۇرۇقلۇق قىلغىلى بولمايدىغىنى؛ (4) ياۋا ئوت – چۆپ ئۇرۇقىنىڭ نىسپىتى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكىنى ؛ (5) دۆلەت كارانتىن ئوبيىكتى قىلىپ بېكىتىكەن زىيانداش جانلىقلار بولغىنى. 47 – ماددا يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن ئۇرۇقلۇق ئۆلچىمىدىن تۆۋەن زىرائەت ئۇرۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇرۇق ئىشلىتىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم؛ دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇرۇق ئىشلىتىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. 48 – ماددا سورت تاللاپ يېتىشتۈرگۈچى ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ھەمدە باشقارغۇچى ئورۇن ۋە شەخىسلەر ئۆسۈملۈك كارانتىنىغا ئائىت قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، ئۆسۈملۈكلەردىكى خەتەرلىك كېسەل، ھاشارەت، ياۋا ئوت – چۆپ ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ تارقىلىشى ۋە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا كېسەللىك، ھاشارەت زىيانداشلىقىغا ئائىت ئەملەش سىنىقى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 8 – باب ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلىش ۋە تاشقى ھەمكارلىق 49 – ماددا ئۇرۇقىنى ئىمپورت ۋە ئېكىسپورت قىلىشتا كارنتىن قىلىپ، ئۆسۈملۈكلەردىكى خەتەرلىك كېسەل، ھاشارەت، ياۋا ئوت – چۆپ ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ چېگرا ئىچى ۋە چېگرا سىرتىغا تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى شەرت، كونكرېت كارنتىن خىزمىتى ئۆسۈملۈكلەرنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش – چىقىرىشتا كانرانتىن قىلىشقا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىنىدۇ. 50 – ماددا تاۋار ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن سىرت، تاشقى سودىغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكىسپورت سودا ئىجازىتىنىمۇ ئېلىشى لازىم. چېگرادىن زىرائەت، دەل – دەرەخ ئۇرۇقى كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇق دائىرسى، زىرائەت، دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنى ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلىشنى تەستىقلاش چارىسى ۋە گېنى يۆتكەلگەن ئۆسۈملۈك سورتى كىرگۈزۈشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 51 – ماددا ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىدا توختامدا پۈتۈشكەن ئۆلچەم ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ. 52 – ماددا چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇرۇق ئىمپورت قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 50 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، لېكىن، چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش توختامى بولۇش، ئىمپورت قىلغان ئۇرۇقنى ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش توختامى بولۇش، ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى دۆلەت ئىچىدە سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ. چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلىدىغان سىناققا ئىشلىتىلىدىغان زىرائەت ئۇرۇقىنى ئايرىپ ئۆستۈرۈش لازىم، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنىمۇ تاۋار ئۇرۇق قاتارىدا سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ. 53 – ماددا ساختا، سۈپەتسىز ئۇرۇقلارنى ۋە دۆلەت ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلىشقا يول قويمايدىغان ئۇرۇقلارنى ئىمپورت – ئېكىسپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 54 – ماددا چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلار، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى شەخىسلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە كېلىپ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، ئۇرۇق تىجارىتى قىلىشىقا مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە بەلگىلەيدۇ. 9 – باب ئۇرۇقچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش 55 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇقچىلىققا دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورگان ئۇرۇقچىلىققا دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كېنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بۇ قانۇننى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. 56 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتكە سېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىش ئاپپاراتىنىڭ ئۇرۇقچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۇرۇقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىش ئاپپاراتىنى ئادەم ۋە مالىيە جەھەتتىن ئايرىۋېتىش شەرت. 57 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا جايدا ئۇرۇق كۆپەيتىدىغانلار قاراشلىق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باشقا جايدا ئۇرۇق كۆپەيتىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قاتناش – ترانسپورت تارماقلىرى ئۇرۇق ترانسپورتىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 58 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئالاقىدار كىنىشكە – گۇۋاھنامىلەرنى بېرىش خىزمىتىدە، بەرگەن كىنىشكە – گۇۋاھنامە ئۈچۈن تەننەرخ ھەققى ئالغاندىن سىرت، باشقا ھەق ئالسا بولمايدۇ. 10 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى 59 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا، سۈپەتسىز ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغان، ئۇرۇق تىجارىتى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بويرۇيدۇ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 60 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكىمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇرۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ئېلىپ – سېتىپ، ئىجارە – ئارىيەت ئېلىپ، ياكى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغانلار؛ (2) ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەر تىۋېلىپ، ئېلىپ – سېتىپ، ئىجارە – ئارىيە ئېلىپ ياكى ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئۇرۇق تىجارىتى قىلغانلار. 61 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇرۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ماسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ (1) چېگرا سىرتىدىكىلەرگە يېتىشتۈرۈپ بەرگەن ئۇرۇقنى دۆلەت ئىچىدە ساتقانلار؛ (2) چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن زىرائەت ئۇرۇقىنى سىناق قىلىپ ئالغان ھۇسۇلنى دۆلەت ئىچىدە تاۋار ئۇرۇقى قاتارىدا ساتقانلار؛ (3) دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان تەبىئىي گېرمپلازما بايلىقىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ خۇپىيانە يىغقان ياكى كەسكەنلەر. 62 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تۈزىتىشكە بويرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: (1) تىجارەتكە سېلىنىدىغان ئۇرۇقنى ئوراش – قاچلاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئورىمىغان، قاچلىمىغانلار؛ (2) تىجارەتكە سېلىنىدىغان ئۇرۇققا بەلگە سالمىغانلار ياكى بەلگىنىڭ مەزمۇنى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەر؛ (3) بەلگىنى ياكى سىناق، پرىيوم سانلىق مەلۇماتلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەنلەر؛ (4) ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەتكە سېلىش ئارخىپىنى تەييارلاش، ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (5) ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىدىن باشقا جايدا قۇرغان تارماق ئاپپاراتنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار. 63 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گېرمپلازما بايلىقىنى چېگرىدىن چىقارغان ياك چېگرىدىن كىرگۈزگەنلەرنىڭ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئالماي تۇرۇپ، گېرمپلازما بايلىقىنى بىللە ئېلىپ مېڭىپ، توشۇپ چېگرىدىن چىقارماقچى بولغانلارنىڭ گېرمپلازما بايلىقىنى تاموژنا تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. 64 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، ئومۇملاشتۇرغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇقنى تىجارەتكە سېلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇرۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 65 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پىشمىغان ئۇرۇقنى يىغقان، ئانا دەرەخنى نابۇت قىلغان ياكى سۈپەتسىز ئورمان ۋە سۈپەتسىز ئانا دەرەختىن ئۇرۇق يىغقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق يىغىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، يىغقان ئۇرۇقنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە يىغقان دەل – دەرەخ ئۇرۇقى قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 66 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 33 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئۇرۇقىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىۋالغان دەل – دەرەخ ئۇرۇقى باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 67 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا كېسەللىك، ھاشارەت زىيانداشلىقىغا ئائىت ئەملەش سىنىقى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكىمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى توختىتىشقا بويرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 68 – ماددا ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتلىرىدىن ساختا پرىيوم ئىسپاتى بەرگەنلىرى ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار بىلەن بىللە چايما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىرىمۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 69 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ ھالىدا ئۇرۇق سېتىۋېلىش، ئىشلىتىشكە زورلاپ زىيانغا ئۇچراتقانلار تۆلەم جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 70 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەرت – شارائىت ھازىرلىمىغان ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىگە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسى بەرسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 71 – ماددا ئۇرۇقچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملاردىن نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلىرى ياكى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇرۇق ئىشلەپچىقاغان، ئۇرۇق تىجارىتى قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاكارلىققا تارتىلىدۇ. 72 – ماددا دەۋالاشقۇچىلاردىن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەركىتى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىمىزگە دەخىلى – تەرۇز يەيكۈزدى، دەپ قارىغانلىرى مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ 73 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغاندىن كېيىن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش ھەققىدە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. 11 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ 74 – ماددا بۇ قانۇن قوللىنىلغان تۆۋەندىكى سۆزنىڭ مەنىسى: (1) گېرمپلازما بايلىقى – يېڭى سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشتىكى ئۇل ماتېرىياللارنى، جۈملىرىن زىرائەتلەرنىڭ ئۆزلەشمە ئۇرۇقلىرى، ياۋا ئۇرۇقلىرىنى كۆپەيتىش ماتېرىياللىرى ھەمدە يۇقىرىقى كۆپەيتىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي يارىتىلغان تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىدۇ. (2) سورت – سۈنئىي تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن ياكى بايقالغان ھەمدە ياخشىلاش ئارقىلىق فورماتسىيىلىك خۇسۇسىيىتى بىلەن بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئىرسىي خۇسۇسىيىتى نىسپى مۇقىم بولغان ئۆسۈملۈكلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. (3) ئاساسلىق زىرائەتلەر – شال، بوغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، سېرىق پۇرچاق ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز ئالدىغا بىردىن ئىككىگىچە ئايرىم بېكىتكەن باشقا زىرائەتنى كۆرسىتىدۇ. (4) سۈپەتلىك دەل – دەرەخ ئۇرۇق – تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن دەل – دەرەخ ئۇرۇقلىرىدىن مەھسۇلات مىقدارى، ماسلىشىشچانلىقى، تاقابىلچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەلۇم رايوندا ھازىر ئاساسلىق ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ماتېرىياللاردىن روشەن ھالدا ياخشى بولغان كۆپەيتىش ماتېرىيالى ۋە تېرىش – تىكىش ماتېرىيالىنى كۆرسىتىدۇ. (5) بەلگە – ئۇرۇق ئوروسىغا شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىچ – سىرتىغا مۇقىملاشتۇرۇلغان خاس نەقىش ۋە يازما چۈشەندۈرمنى كۆرسىتىدۇ. 75 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاساسلىق دەل – دەرەخنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇلى تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئاساسلىق دەل – دەرەختىن باشقا سەككىز خىلدىن ئاز ئاساسلىق دەل – دەرەخنى بېكىتسە بولىدۇ. 76 – ماددا ئوت – چۆپ ئۇرۇقى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنىڭ گېرمپلازما بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە سېلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بۇ قانۇندىن پايدىلىنىدۇ. 77 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان ئۇرۇققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامىلەردە بۇ قانۇندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بايانان ئېلان قىلىپ ساقلاپ قالغان ماددا – تارماقلار بۇنىڭ سىرتىدا. 78 – ماددا بۇ قانۇن 2000 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1989 – يىل 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇق باشقۇرۇش نىزامى»شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكار قىلىنىدۇ.