ئۇزدىل تورى

ئورنى Wikipedia

ئۇزدىل تورى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇرچە تور تېخنىكا بايلىق مەنبەسى، 2009-يىلى 11-ئايدا خەلقئارالىق بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى www.uzdil.com نى رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشنى ئۆزىگە قىبىلىنامە قىلىپ تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇزدىل ئەترىتىنىڭ 10 يىلغا يېقىن تەرەققىيات مۇساپىسىدە 1600 گە يېقىن ئۇيغۇرچە تور بېكەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تېخنىكىلىق مۇلازىمەت تەمىنلەپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر تور تېخنىكلىرى ۋە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى.

ئۇزدىل ئەترىتى دەسلەپكى مەزگىلدە ئاناتىلىم تور تۇراسى ۋە سەبۇرى ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق بىلوگباستا بىلوگ قۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە مۇستەقىل ئۇچۇر ئامبىرىلىق ئىزدەش ماتورى قۇرۇپ لۇغەت، تەرجىمان، ئىزدەش ماتورى ۋە ئېلان ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارادىكى داڭلىق تور بېكەت ۋە سىستېمىلارغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەمىنلەش قاتارلىق ئاممىۋىي كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ توردۇنياسىدىكى قوللىنىشى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

2013-يىلى كۆپ تىللىق شىركەت سىستىمىسى ئۇيكوم (UyCOM)نى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ۋە قازاقچە تۆت تىللىق سىستىما بىلەن 50 كە يېقىن كارخانىنىڭ تور بىكىتىنى قۇرۇپ بەردى.

2014-يىلى 149 قىسىملىق تور تېخنىكا يۈرۈشلۈك سىن دەرسلىكىنى ئېلان قىلىپ كەڭ قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشتى.

2015-يىلى ئۇزدىل قۇرغان ئۇزسودا سالونى 3 ئايدا 90 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ئۈندىدار سودىگىرىنىڭ 8 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق دوست قوشۇپ سودىسىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىشىغا ياردەم بەردى، شۇنداقلا «ئۈندىدار سودىسىنىڭ مەخپىيەتلىكى» يۈرۈشلۈك دەرسلىكلىرىنى تارقىتىپ ئۈندىدار سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

2016-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ ئاساسلىق كەسپىنى تور تېخنىكا بىلىملىرىنى تارقىتىشقا قارىتىپ خەلقئارا W3 ئۆلچىمىدىكى تور بېكەت تېخنىكىسىنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي HTML دىن CSS غىچە، ھەتتاكى XML ، SQL ، JS ، PHP ، ASP ۋە ASP.NET دەرسلىك ۋە قوللانمىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئۇزدىل تورىدا ھەقسىز تەمىنلىدى.

2017-يىلىدىن باشلاپ ئەسلىدىكى تور تېخنىكا ھەقسىز دەرسلىكلىرىنى www.uzdil.net تور نامىغا يۆتكەپ، يېڭى بېكەت سىستېمىسى ئارقىلىق تور تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەسىپلەشكەن خەۋەر، ئۇچۇر، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقتى.