ئۇزۇنلۇق (ئارىلىق) ئۆلچىمى

ئورنى Wikipedia

ئۇزۇنلۇق (ئارىلىق) ئۆلچىمى


ئەجدادلىرىمىز ھازىرقى مىللىمېتىر، سانتىمېتىر، مېتىر، كىلومېتىر قاتارلىق ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنى ① <ئىلىك>، <چارەك>، <غىرىچ>، <غۇلاچ>؛ ② <ماڭدام>، <چام>، <ئۈن يېتىم>، <چاقىرىم>، <يول> بىلەن پەرقلەندۈرۈپ كەلگەن. بۇ ئۆلچەم بىرلىكلىرى بويىچە ① تۈركۈمدىكىنىڭ ئەڭ قىسقا بىرلىكى <ئىلىك>، ئەڭ ئۇزۇن بىرلىكى <گەز>، <غۇلاچ>؛ ② تۈركۈمدىكىنىڭ ئەڭ قىسقا بىرلىكى <ماڭدام>، ئەڭ ئۇزۇن بىرلىكى <چاقىرىم>، <يول> بولۇپ ئەمەلىي قوللانغاندا زۆرۈرىيەت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ھەربىر بىرلىكنىڭ ئالدىغا تۈپ سان، مۇرەككەپ سان قوشۇپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، بەش ئىلىك؛ چارەك؛ يىگىرمە غېرىچ؛ يۈزگەز، ئون بەش غۇلاچ؛ ئون ماڭدام؛ بەش چامدام بىر ئۈن يېتىم يەر، يۈز چاقىرىم (يول) قاتارلىق.

يۈز (كۆلەم) ئۆلچەم بىرلىكى جەھەتتە، ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنىۋى يۈز ئۆلچەم بىرلىكىدىن <تاناپ>، <چارەك> نى كۆرسىتىشكە بولىدۇڭ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەنزۇچىدىن <فۇڭ>، <مو> قوبۇل قىلىنىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىپ كەلمەكتە. شۇ قاتاردا، <گېكتار>، <كۋادىرات>، <كۇپ> قاتارلىق خەلقئارا ھەجىم ئۆلچەم بىرلىكىمۇ قوللىنىلىدۇ. 

<تاناپ>، <چارەك> كە كەلسەك، توقسان ياشتىن ئاشقان پېشقەدەملەرنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تانا بىلەن ئۆلچىنىدىكەن. شۇڭا تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى <تاناپ> دەپ ئاتالغانىكەن. ئۆلچەملىك تاناپ بىلەن تۆت چاسا قىلىپ ئۆلچەنگەن يەر كۆلىمى <بىر تاناپ> بولىدىكەن. بىر تاناپ تەخمىنەن بىر يېرىم موغا باراۋەر ئىكەن. <چارەك> بىر چارەك ئېغىرلىقتىكى يەنە ئون ئالتە جىڭ ئۇرۇق چۈشىدىغان كۆلەمدىكى يەرگە قارىتىلغان بولۇپ تەخمىنەن سەككىز - ئون موغا توغرا كېلىدىكەن. 

ئەجدادلىرىمىز يەنە <پاتمان> دېگەن بىر ئاتالغۇنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن. ئەمما ئۇنىڭ قايسى مىقدار بىرلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ھېكايە - چۆچەكلەردىكى، خەلق ئىچىدىكى <ئۇنىڭ گۈرزىسىنىڭ ئېغىرلىق × پاتمان كېلەتتى>، <× پاتمان يەر> دېگەن تەسۋىر ۋە سۆزگە ئاساسلانغاندا <پاتمان> نىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئەمما <بىر پاتمان> جىڭ ياكى كىلوگرام ھېسابىدا قانچىلىك يەر تەقلىتىدە <بىر پاتمان> يىگىرمە نەچچە موغا باراۋەر دېسە، بەزىلەر قىرىق - ئەللىك موغا باراۋەر بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەيدۇ. خەلق ئىچىدە ئادەمنىڭ كېلەڭسىزلىكى، ئىشتەيلىكى <بەش پاتمان يەردە ئولتۇرىدۇ>، <بىر ئولتۇرۇشىدا بىر پاتماننى يەۋېتىدۇ> دېگەن تەسۋىرىي ئادەت تىلىمۇ شۇ <پاتمان> ئۇقۇمى ئاساسىدا شەكىللەنگەن.