ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا

ئورنى Wikipedia
ئۇزۇن سەپەر 3 ئا قويۇپ بېرىش كۆرۈنۈشى

ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 18 دە، يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىناق كېمىسى ۋە ئەۋرىشىم يەل قاچىلاش شەكلىدىكى يۈكنى قايتۇرۇپ كېلىش بۆلمىسى سىناق بۆلمىسى ئېلىمىزنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئوت ئالدۇرۇلۇپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، تۇنجى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ، ئېلىمىز ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ 3-قەدىمى بولغان بوشلۇق پونكىتىنى ئوربىتىدا قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ بەردى.

قويۇپ بېرىش نەق مەيدانىدا، ئۇچۇپ تەخمىنەن 488 سېكۇنتتىن كېيىن، يېڭى ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسى سىناق كېمىسى بىلەن ئەۋرىشىم يەل قاچىلاش شەكلىدىكى يۈكنى قايتۇرۇپ كېلىش بۆلمىسى سىناق بۆلمىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى راكېتا بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىرىپ، بوشلۇق پونكىتى باسقۇچلۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسى تۇنجى جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا-ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئاساسىدا ياخشىلىنىپ تەتقىق قىلىپ ياسالغان، يەر يۈزىگە يېقىن ئوربىتىدىكى توشۇش ئىقتىدارى 22 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يەر يۈزىگە يېقىن ئوربىتىدىكى توشۇش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ راكېتاسى، ئاساسلىقى ئېلىمىز بوشلۇق پونكىتىنىڭ بۆلمىسى قاتارلىق زور ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا سىستېمىسىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ جۆ مۇنداق دېدى: ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتاسى ئاساسلىقى يەر يۈزىگە يېقىن ئوربىتىدىكى چوڭ سۈنئىي ھەمراھلار ۋە ئالەم كېمىسى، مەسىلەن: ئادەملىك بوشلۇق پونكىتىنىڭ يادرولۇق بۆلمىسى ۋە سىناق بۆلمىسى قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئەھمىيىتى[تەھرىرلەش]

ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتانى تۇنجى ئۇچۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى-راكېتا ئومۇمىي لايىھەسى، ھەر قايسى سىستېما لايىھەلىرىنىڭ توغرىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئىسپاتلاپ، چوڭ رازمېرلىق ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقىنى ئاجرىتىش تېخنىكىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ياساپ، ئېلىمىز بوشلۇق پونكىتىنى ئوربىتىدا قۇرۇش ۋەزىپىسىگە مۇھىم ئاساس سېلىپ بەردى.

ئالەم بوشلۇقى پونكىتى پىلانىغان ئائىت[تەھرىرلەش]

پىلانغا ئاساسەن، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى 2022-يىلى ئەتراپىدا قۇرۇلۇپ بولىدۇ. جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ ياردەمچىسى جى چىمىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز بوشلۇق پونكىتىنىڭ يادرولۇق بۆلمىسىنىڭ رەسمىي نۇسخا مەھسۇلاتى ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى. ۋېنتيەن سىناق بۆلمىسى بىلەن مېڭتيەن سىناق بۆلمىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قانات يايدۇرۇلدى؛ بوشلۇق ئىلىمى قوللىنىشچان ناگرۇزكىسى ئارقا-ئارقىدىن رەسمىي نۇسخىنى تەتقىق قىلىپ ياساش باسقۇچىغا كىردى، بوشلۇق پونكىتىنى قۇرۇش باسقۇچىنىڭ تۆت قېتىملىق ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تاللىنىپ بولدى، ھازىر ۋەزىپە مەشىقى قىلماقتا. بۇندىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ 3-تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتىمۇ بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. تور دۇنياسى