ئۇزۇن چاچ ئۆرۈش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئۇزۇن چاچ ئۆرۈش ئويۇنى ئۇيغۇر قىزلىرى ئوينايدىغان، روشەن خاسلىققا ئىگە بىر خىل ئويۇن تۈرىدۇر. بۇ ئويۇن ياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق (ھۆل - يېغىنسىز) كۈنلىرى ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا قىزلار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان قىزلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز ئالدىغا چاچلىرىنى چۇۋۇپ - تاراپ تەييارلىنىدۇ. ئۇلار ئىچىدىن بىر قىز رىياسەتچى قىلىپ سايلىنىدۇ. ئۇلار ئىچىدىن بىر قىز رىياسەتچى قىلىپ سايلىنىدۇ. رىياسەتچى قىز باشقا ئىش قىلماي، ئويۇن كۆرسىتىدىغانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، ئاخىردا دەرىجىگە ئايرىيدۇ. چېچىنى تەلەپكە لايىق ئۆرۈمىگەنلەرنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە قايتا ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ. يەنىلا ئۆرەلمىسە <جازاغا> تارتىلىدۇ ئويۇن رىياسەتچى قىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن باشلىنىپ، قىزلار بەس - بەستە چاچ ئۆرۈيدۇ. شەرت: چاچ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش قىرىق تال (ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋال قانچە تال ئۆرۈش بېكىتىلگەن بولسا شۇ بويىچە بولسىمۇ بولىدۇ) ئۆرۈلۈشى، چاچ ئۆرۈگۈچىنىڭ ھەرىكىتى تېز، قائىدىلىك، كۆركەم بولۇشى، ئۆز ئارا پاراڭ سېلىشماسلىقى، چاچ ئۆرۈۋاتقان قىزلار بىر - بىرىگە قاراپ رەتلىك ئىككى سەپ تۈزۈپ ياكى ئىككى قىز بىر - بىرىگە قاراپ ياكى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشى، قانداق ئولتۇرۇشتىن قەتئىينەزەر چاچ ئۆرۈۋاتقان تەرەپكە سەل - پەل ئېگىلىپ، قىزلارغا خاس ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلىشى، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ ئۇچىسىدىكى كىيىم - كېچىكىنى پاكىز تۇتۇشى لازىم. ۋاقىت جەھەتتە، ئويۇن رىياسەتچىسى ھەر بىر قىزنى بىر قېتىمدىن ئايلانغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ ۋە بۇ ئويۇن يېڭىلگەنلەرگە <جازا> بېرىش بىلەن تاماملىنىدۇ. قىزلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تۇرمۇشىنى، كىشىلىك ھاياتىنى ۋە ئۆزىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇپ، ئۆزىنىڭ گۈزەللىك چۈشەنچىسىنىڭ بىخلىنىشىغا ئاساس سالىدۇ. رەتلىك، تال - تال ئۆرۈلگەن چاچنىڭ قىزلارنىڭ سۈپىتى، خاسلىقى ئىكەنلىكىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا ھېس قىلدۇرىدۇ: تازىلىققا، سالامەتلىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئانىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. تېز ھەركەت قىلىشنى ئۆگىنىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]