ئۇسامە ئىبنى زەيد

ئورنى Wikipedia

ئۇسامە ئىبنى زەيد (أُسَامَةُ بْنُ زَيْدِ بْنِ حَارِثَةَ الْكَلْبِيّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ئۇسامە ئىبنى زەيد ئىبنى ھارىسە ئەلكەلبىي (ئەبۇ مۇھەممەد). (ھ. بۇرۇن 7 – ھ. 54 / م. 615 – 674) ئۆزى ۋە ئاتا - ئانىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازادگەردىلىرى ۋە ساھابەلەر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئەۋەتمەكچى بولغان قوشۇنغا قوماندان قىلغان چاغدا تېخى يىگىرمە ياشقا تولمىغانىدى. ئۇ قوشۇن ئىچىدە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب قاتارلىق كاتتا ساھابىلەر بار ئىدى.