ئۇششارباشتىكى ئۆزگىچە توي ئادىتى

ئورنى Wikipedia

قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ قاراقۇرۇم تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان ئۇششارباش يېزىسىدا قىز كۆچۈرۈش ئالدىدىكى ئۆزگىچە توي ئادىتى قىش، ئەتىياز، كەچ كۈزدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئۇششارباشتا توي كۈنى ياكى توي ھارپىسىدا قىز تەرەپتىكى قىز – چوكانلار رەڭگارەڭ قەغەزدىن تولىمۇ چىرايلىق، نەپىس گۈللەرنى قىيىپ تەييارلايدۇ. توي كۈنى بىر تال جىغان شېخى شوخىلىرىغا ئالدى بىلەن بۇ گۈللەرنى ماسلاشتۇرۇپ قادىغاندىن كېيىن، شاخنىڭ باشقا شوخىلىرىغا بويالغان پىششىق تۇخۇم ۋە ئالما، ئانار، كەمپۈت، قەنت – ناۋات، بوغۇرساق، ئۆرۈك قېقى، چىلان ... قاتارلىق يەل – يېمىشلەرنى سانجىپ، تويى بولۇۋاتقان قىزنىڭ ئۆيى ئالدىدا قىزىقچى چوكاندىن بىرسى تۇتۇپ تۇرىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش بىرەر يۈز مېتىر يىراقتىن قارىغاندا گوياكى مېۋىگە كىرگەن گۈللۈك مەنزىرە دەرىخىگە ئوخشىسا، يېقىندىن قارىغاندا، خۇددى مېھمانخانىدا داستىخانغا تىزىلغان ھەر خىل مېۋە – چېۋىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرىدۇ.

قىز كۆچۈرگۈچىلەر كېلىنچەكنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە قىز – چوكانلاردىن بىرسى بۇ جىغان شېخىنى كۈيئوغۇلغا سۇنىدۇ. كۈيئوغۇل ئالدى بىلەن كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنگەن قىيما گۈلدىن بىرنى، ئاندىن تۇخۇم ۋە مېۋىدىن بىر – ئىككىنى ئالغاندىن كېيىن يىگىت قولداشلىرى مېۋە – چېۋىلەرگە قول ئۇزىتىدۇ. كېيىن مېھمانلار ۋە كىچىك بالىلار مېۋە – چېۋىلەردىن ئېلىشىدۇ. بۇ چاغدا خۇشاللىق ئەۋجىگە چىقىدۇ. بۇ يوسۇن ئادا قىلىنغاندىن كېيىن قىز كۆچۈرگۈچى مېھمانلار ئۆيگە قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ.[1]


  1. مەنبە: تەڭرىتاغ تورى؛ ئۇلىنىش: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-08/13/content_228562.htm؛مۇھەررىر: لالە؛ ۋاقىت: 2009- 08- 13