ئۇيغۇرئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ياغاچ قۇشۇق

ئورنى Wikipedia

     كەلپىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي قىسمىغا ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا ، تارىم ئويمانلىقنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە ، قىرتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. ئومۇمىي يەر مەيدانى 12مىڭ 47 كۋادىرات كىلومېتىر . ناھىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا كەلپىن ئويمانلىقى بولۇپ ، كەلپىن بوستانلىقى شۇ ئويمانلىقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . ناھىيە بويىچە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ . كەلپىننىڭ ياغاچ قوشۇقى قەدىمىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى .[1]

     بۇ ئېسىل ھۈنەر سەنئەت ئىشچان ، كەلپىن خەلقى، ئەمگەكچان بولغاچقا ، ئەۋلادتىن– ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇلۇپ ، بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە . كەلپىن ياغاچ قوشۇقىدا كەلپىننىڭ ھەقىقىي يەرلىك ئالاھىدىلىكى ساقلىنىپ كەلگەن . كەلپىن ياغاچ قوشۇقى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا يەرلىرىدە ياسالغان قوشۇقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . ئۈرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ياساش جەريانى ھېچقانداق فىزىكىلىق ، خىمىيىلىك جەريان تەلەپ قىلمايدۇ. قول ئارقىلىق ياسىلىدۇ. كەلپىن ياغاچ قۇشۇقى يەنە مەشرەپلەردە باشقا مىللىي چالغۇلار بىلەن بىرلىكتە چالغۇ ئەسۋاب ئورنىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. قۇشۇق ياساشقا ھەرە ، پالتا ، چوت ، ئاتالغا (ئەگمەك چوت)، كاشكات (قۇشۇق ئىچىنى ئويۇش ئەسۋابى) قاتارلىق ئەسۋابلار كېتىدۇ.

     ھەرە- چوڭ ئۈرۈك كۆتەكلىرىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

     پالتا- ئۈرۈك كۆتەكلىرىنى ھەرە ئارقىلىق پارچىلىغاندىن كېيىنكى ئۈرۈك ياغىچىنى پارچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

     چوت-پارچىلانغان ئۈرۈك كۆتىكىنى قۇشۇقنىڭ دەسلەپكى ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

     ئاتالغا- بۇ بىرخىل ئالاھىدە ياسالغان چوت بولۇپ، چوت ئالدى قىسمى تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئايسىمان بولۇپ، قۇشۇق ئىچىنى ئويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    كاشكات- قۇشۇق، چوت، ئاتالغا ئارقىلىق تولۇق قۇشۇق شەكلىگە ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ، تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن سىلىقلاشقا ئىلشىلىتىدىغان بىرخىل ئالاھىدە پىچاق بولۇپ، سۇئال بەلگىسىگە ئوخشايدۇ.  ئۇزۇنلۇقى 15سانتېمېتىردىن 17سانتېمېتىرغىچە بولىدۇ.باش قىسمى ئايسىمان بولۇپ، دىئامېتىرى 3سانتېمېتىردىن 5سانتېمېتىرغىچە بولىدۇ. ئاستىنقى قىسمى تۈز پىچاق شەكلىدە ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، 30سانتېمېتىردىن 50سانتېمېتىرغىچە دەستىلىنىدۇ. ئۇنىڭ باش قىسمى قوشۇق ئىچكى قىسمىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ئويۇش ۋە قوشۇق كاللىسىنى پەردازلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاستىنقى پىچاق قىسمى بولسا قوشۇق دەستىسى ۋە قوشۇق بېشىنى سىلىقلاشقا ئىشىلىتىدۇ.

قوشۇق تۆۋەندىكى تۆت باسقۇچ بويىچە ياسىلىدۇ.

     1-باسقۇچ ؛ ياغاچ تەييارلاش باسقۇچى:

1–قەدەمدە ئۈرۈك ياغىچى تەييارلىنىدۇ.2– قەدەمدە ئۈرۈك ياغىچى ھەرە بىلەن 15سانتېمېتىردىن  20سانتېمېتىر ئۇزۇنلۇقتا پارچىلىنىدۇ. 3–قەدەمدە ھەرە ئارقىلىق پارچىلانغان ئۈرۈك ياغىچىنى پالتا ئارقىلىق كەڭلىكى 7سانتېمېتىر ئەتراپىدا قايتا پارچىلىنىدۇ.

     2-باسقۇچ؛ دەسلەپكى شەكىلگە كەلتۈرۈش باسقۇچى:

شەكىلدىكى ئۈرۈك ياغىچى چوت ئارقىلىق ئاستى تەييارلانغان ئۈستى ،ئوڭ –سول تەرەپلىرى چانىلىپ تەكشىلەنگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ يۇقىرقى قىسمىدىن 3سانتېمېتىردىن 5 سانتېمېتىرغىچە تاشلىنىپ توغرىسىغا 2.5 سانتېمېتىردىن 3.5 سانتېمېتىر ئەتراپىدا چانىلىدۇ. سول تەرىپىمۇ يۇقىرقىغا ئوخشاش چانىلىپ قالدى قىسمى چىقىرۋېتىلىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن باش قىسمى يۇمىلاق شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ دەسلەپكى شەكىل ھالىتى پۈتىدۇ.

     3-باسقۇچ؛ قوشۇق باش قىسمىنى ئويۇش باسقۇچى:

دەسلەپكى شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن قوشۇق باش قىسمىنى ئاتالغا بىلەن چاناپ ئويىلىدۇ. باش قىسمى تەكشىلىنىپ ، قوشۇق شەكىل جەھەتتىن تولۇق پۇتىدۇ.

     4-باسقۇچ ؛سىلىقلاش باسقۇچى

تولۇق شەكىلگە  كەلتۈرۈلگەن قوشۇق كاشكات ئارقىلىق قوشۇق بېشى ۋە قۇشۇق دەستىسى قايتا سىلىقلىنىدۇ. ئاخىرى كۆركەم ياسالغان قوشۇق پۇتىدۇ.

            ماقالىنى تەمىنلىگۈچى:ئابدۇ جاپپار ھامىدىن

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ؛ۋاقىت:2008- 05- 14 14:05 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-05/14/content_71561.htm؛