ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك

ئورنى Wikipedia

      ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ ، مىس ، تۇچ ، ئاليۇمىن ، قوغۇشۇن ، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى ، گۈزەل – سەنئەت بۇيۇملىرى ، زىبۇ –زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلىنىپ ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا نام چىقارغان .

    ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك قىلىش ئۈچۈن ، بولقا – سەندەل ، ئوچاق ، كۆيەك ، كۆمۈر ، ئوت پۈۋلىگۈچ ، چاسا بولقا ، كەكە بولقا ، بازغان ، قىسماق قاچا ، تۈز قاچا ، سەركۇل ، چاق ( سىلغايتىش چاقى ) ، ھەر خىل ئېكەك ، ئاق قۇم ، ( مىس ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان سايمان ) قاتارلىق سايمانلارنى ئىشلىتىدۇ . مىسكەرلىك ئۇسۇلىدىن ئاپتۇۋا – چىلاپچا ، چۆگۈن ، مانتا قازىنى ، مىس قازان ، مىس داش قازان ، جۈنبۈل ، لېگەن ، كەپكۈر ، چەينەك ، مىس چىنە – پىيالە ، جام قاتارلىق نەچچە خىل ئائىلە سەيمانلىرى ، كولدۇرما ، زەنجىر ، ئات ئىگىرى ، ھارۋا جابدۇقلىرى ، ئىشىك – دەرۋازا زىننەت بۇيۇملىرى ، چاچ ئاسقۇ ، ئۈزۈك ، بىلەزۈك ، چازا ، تاج ، قاداق ، سوقما ، قۇيما ھەيكەل ، باسما ھەرپلىرى ، تامغا ، داچەن پۇل ۋە باشقا قۇيما بۇيۇملار بولۇپ ، تۆت يۈز سەكسەن خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ .

    ئۇيغۇرلاردىكى مىسكەرلىك ئىشلەش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ . مېتال خام ، پىششىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . مىسكەرلىك ئەنئەنىسىدە ئېرىتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ . ئېرىتىش مۇۋاپىق ، ئۆلچەملىك بولمىسا ، سوققاندا قاسىراق كۆپ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ياكى بولقا تەگكەندە يېرىلىپ ، ئۇۋىلىپ كېتىدۇ . شۇڭا مىسكەرلىكتە ئەپچىللىك ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .

   مېتال ياخشى ئېرىگەندىن كېيىن ، ياسىماقچى بولغان سايماننىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە كېتىدىغان ماتېرىيالى پارچىلىنىپ ئايرىم سوقىلىدۇ . مەسىلەن ، ئاپتۇۋا ، چۆگۈنلەرنىڭ چەپچىكى ، قورساق ، جوغا ، تۇتقا ، كاناي ، قاپقاق ، تاج قاتارلىق بۆلەكلىرى ئۆلچەملىك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ، كەپشەرلىنىپ بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ . ئاندىن قىزىل بولسا قىزىل قۇم ، ئاق بولسا ئاق قۇم سۈرۈپ پەرداز بېرىدۇ .

  تۇچ سايمانلارغا بولسا قىزىل قۇمغا زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ سۈرۈلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن تۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭ ئالىدۇ . ئاندىن كىگىز سۈرۈپ سىلغايتىدۇ . نەتىجىدە تۇچ ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ . مىسكەرلىكتە ، چاق ئېكەكتە ئۇۋالغان قىرىندىلارمۇ ئىسراپ قىلىنمايدۇ . ئۇنى يىغىپ ، ئېرىتىپ يەنە ئىشلىتىدۇ . مىسكەرچىلىك قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان .[1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر ؛مەنبە:تەڭرىتاغ تورى ؛ۋاقىت:2008- 07- 29 15:58؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-07/29/content_95121.htm؛