ئۇيغۇرلاردا پاكىزلىق مەدەنىيىتى

ئورنى Wikipedia

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئۇيغۇرلار پاكىز، مەدەنىيەتلىك ۋە ئاڭلىق مىللەت. كۈندە بەش ناماز ئۈچۈن بەش قېتىم تاھارەت ئېلىپ، قول-پۇتلارنى، يۈزنى پاكىز يۇيۇش، ئېغىزنى پاكىز چايقاش، بۇرۇننى تازىلاش، غىزالىنىشتىن بۇرۇن ۋە غىزادىن كېيىن قولىنى يويۇش، پۈتۈن بەدىنىنى يويۇپ غۇسلى قىلىپ تۇرۇش، چىرايلىق، ئېسىل ۋە پاكىز كىيىنىش. مېھمانغا چاي بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئالدىغا چىلاپچا بىلەن ئاپتوۋىنى ئېلىپ كېلىپ ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىپ تۇرۇپ قولىغا سۇ بېرىش، ئاندىن قولىنى سۈرتىشى ئۈچۈن پاكىز لۈڭگىنى ئۇنىڭغا سۇنۇش، ھويلا ۋە قورا – جايلىرىنى ھەر ئەتىگىنى كۈن چىقىشتىن بۇرۇن تازىلاپ سۈپۈرۈش ۋە باشقىلار قاتارلىق ئېسىل ئادەتلەر ئۇيغۇرلارغا خاس تارىخىي ئەنئەنىلەردۇر.

تازىلىق، پاكىزلىق مۇسۇلمانلاردا مىلادىيە 6 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بېرى ئەڭ مۇقەددەس سانىلىپ كەلگەن بىر ئەنئەنە. مۇسۇلمانلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار قۇرئان كەرىمنىڭ تەربىيىسى ۋە ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاز دېگەندە ھەپتىدە ئىككى ـ ئۈچ قېتىم مۇنچىغا كىرىشنىڭ، ساقال ـ بۇرۇتلارنى ۋە قول ـ پۇتلارنىڭ تىرناقلىرىنى ھەپتىدە بىرەر قېتىم قىسقارتىپ، تازىلاپ تۇرۇشنىڭ، كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئۈچۈن بەش قېتىم تاھارەت ئېلىپ، ئېغىز، بۇرۇن، قول، پۇت ۋە يۈزلىرىنى بەش قېتىم يۇيۇشنىڭ، گاھىدا پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇپ غۇسلى قىلىشنىڭ،كىيىم كونا بولسىمۇ، يۇيۇپ چىرايلىق، پاكىز كىيىشنىڭ، ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە، جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازلارغا بېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ بېرىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەنئەنە ۋە ئېسىل مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەل قىلىپ كەلگەن.

پاكىزلىق ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئېسىل سوۋغىلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ۋاقىت تازىلىققا، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ كىيىمى، بەدىنى ھەمىشە پاكىز، خۇشپۇراق بولىدۇ. پاكىزلىق ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام مەدەنىيىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

ئىسلام دىنىنىڭ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭغا بۇيرىشىدا، ئۇلارنىڭ تەن ساقلىقى، روھى، دىنى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان كۆپلىگەن ئالىي ھېكمەتلەر بار. قىسقىسى، ــ تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىسپاتلىغىنىدەك ــ يۇيۇنۇشتا تەرلەشتىن كېلىپ چىققان مايلىق تۇز ماددىلىرى بىلەن بەدەننىڭ يېپىلىپ قالغان تۈشۈكچىلىرى ئېچىلىپ ئىنساننىڭ نەپەس ئېلىشىنىڭ ئوڭايلىشىشىغا، بەدەننىڭ راھەتلىنىشىگە، روھنىڭ كۆتىرىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئىجابىي نەتىجىلەر باردۇر. مۇندىن باشقا بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى يېقىمسىز ھىدلار يوقىلىدۇ، ۋۇجۇدنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاشىدۇ. پائالىيەتچانلىقى ئاشقان ئادەم مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى روھلۇق، جوشقۇنلۇق بىلەن كامىل ئورۇنلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئىنسان تەبىئىتىدە روھ بىلەن بەدەن ئوتتۇرىسىدا پاكىزلىق تەرەپتىن باغلىنىش بولۇپ، بەدەن كىرلەشكەن ۋاقىتتا روھ چۈشكۈنلىشىدۇ، بەدەن پاكىز بولغان ۋاقىتتا روھمۇ جانلىنىدۇ.

ئىسلام دىنى بىزنى ھەر تۈرلۈك بەختسىزلىكلەردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقلاشقا يېتەرلىك قانۇن-پىرىنسىپلارنى بەلگىلىگەن بولۇپ، ھازىر بىز خىتاي ۋىرۇسى بالاسىدىن ساقلىنىش مەقسىتى بىلەن ئىسلام دىنىمىزغا يېڭىدىن قايتىۋاتىمىز. ئەگەر بىز بەش ۋاخ نامازغا تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ، ئاللاھ تائالاغا چىن قەلبىمىز بىلەن يۈزلىنىپ ئىبادەتنى مۇكەممەل قىلساق، ئىسلام مەدەنىيىتى بىزگە ئاتا قىلغان تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، تېببىي جەھەتتىكى تەۋسىيەلەرنى يۈزدە يۈز ئورۇندىساق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بىزنىڭ بۇ ۋابادىن ساقلىنىپ قېلىشىمىزدا شەك يوق.

مەجبۇرىي دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتىۋالساق، بۇ بىز ئۈچۈن نېمىدېگەن ياخشى، ھە!

مەجبۇرىي دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ بەش ۋاخ نامازنى يەتتە ۋاخقا چىقارساق، يەنى بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىدىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇساق، ئاندىن قۇرئان ئوقۇش، زىكىر، تەسبىھ ئېيتىش، دۇئا قىلىش ۋە سىرتتا ساپ ھاۋادا مېڭىش بىلەن بولۇپ، كۈن چىققاندىن كېيىن ئاز دېگەندە ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ، ئاندىن ئائىلە ئەزالىرىمىز بىلەن خۇشال- خۇرام ناشتا قىلساق نېمىدېگەن ياخشى، ھە! بۇ نېمىدېگەن كاتتا نېمەت!

مەنبە:.turkistantimes.com