ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئىستىلى ۋە تەربىيىسى
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە ئىستىلىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن، چۈنكى ئۇلار ئائىلە ئىستىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇش ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشى ياكى ۋەيران بولۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى شۇ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىستىلى بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. ئائىلىگە مەنسۇپ ئورتاق ئىستىل ھەربىر ئائىلىدە ئەنئەنىۋى ھالىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئىجتىمائىي ئادەت بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئونىڭغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئائىلە ئىستىلى ئائىلە تەربىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيىسى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي تەربىيىگە ئەھميەت بىلەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت.
ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئاتا - ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە كۆز قارىسىدا «ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ» دېگەن ئەقىدە ناھايىتى كۈچلۈك. شۇسەۋەبتىن قائىدە - يوسۇن بىلمەيدىغان ئەدەبسىز بالىلار چېلىقسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئەيىبلەيدۇ، «چاقتاگۇناھ يوق، شادىسى بۇزۇق، قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق» دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى قاراشتىن چىققان.
ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئومۇمەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمگەكچان، راستچىل، ئۆز - ئارا كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل - پاراسەتلىك، ئەھلى مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوغۇل بالىنى تەربىيىلەشنى ئاساسەن دادا، قىز بالىنى تەربىيىلەشنى بولسا ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دادا بولغۇچى ئوغلىنى كىچىك ۋاقىتىدىن باشلاپ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەدەب - ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلسە، بالىسىنى چاقىرىپ مېھمانغا ئەدەب بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ، مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى مەقسەتلىك ھالىدا بالىغا تاپشۇرىدۇ ۋە باشقىلار. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە قىز بالا ھامان «تالانىڭ ئادىمى»، يەنى باشقا ئائىلىگە «بالا» بولىدىغان بولغاچقا، قىز بالىنىڭ تەربىيىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئانا بولغۇچى قىز بالىغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆي تازلىقى، كىر - قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، تىكمىچىلىك قاتارلىق ئىشلارغا ئۆگىتىدۇ.
قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن تارتىپ ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن بىر يۈرۈش ئائىلە قائىدە - يۈسۇنلىرى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، كېيىنچە ئىسلام دىنىنىڭ ئەدەب - ئەخلاق مىزانىلىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مىللىي خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە كلاسسىك يازما ئەدەبىياتتا روشەن ئەكس ئېتىلگەن. مەسىلەن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا مۇنداق بېيىتىلار ئۇچرايدۇ:
110 . تولا كونا بىر سۆز مەسەلدە كېلۇر،
ئاتا ئورنى، ئاتى ئوغۇلغا قالۇر.
246 . كىشى ياخشى ئات بىرلە ئالقىش ئالۇر،
يامان ئاتلىق ئولسا، ئۇ قارغىش ئالۇر.
1664 . دۇرۇسلۇق، ئۇيات ھەم بۇ ياخشى قىلىق،
بىرىكسە بۇ ئۈچى بولۇر خۇشچىلىق.
1951 . ئەقىللىك كېرەك ھەم بىلىملىك كېرەك،
سېخىيلىق كېرەك ھەم سىلىقلىق كېرەك.
4276 . خۇشال ھاياتتا ياشايمەن دېسەڭ،
تىرىشقىن، ھەسەتتىن يىراق بول ئۆزۈڭ.
4509 . ئوغۇل - قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەب
بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئائىلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە - يۇسۇنلار بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا پۈتۈلگەن «خاتىرىسىز ئاساسىي قانۇنى» دۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ تارىختىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت سۈپىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە قائىدە - يوسۇنلىرىغا خىلاپ ئىش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە چەكلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.