ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي بىساتلىرى

ئورنى Wikipedia

ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىك زوقى بولىدۇ. ئۆي - ئىمارەت قۇرۇلۇشىنىڭ شەكلى، ئىچكى بېزەكلىرى ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى گۈزەللىك زوقىنىڭ مۇقىم ئىپادىلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇلارنىڭ ئۆينىڭ ئىچكى بېزەكلىرى ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مەركەزلىك ھالدا مۇنۇ جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:

ئۆي بىساتلىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر قەدىمكى ئۆي بىساتلىرىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا تارىخىي مەلۇمات يوق. خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ئەجدادلىرىمىز ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى سېلىنجا - يېپىنجا قىلغان. روشەنكى، بۇ كۆچمەن چارۋىچى قوۋملارغا ئورتاق قىسمەن ئادەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا بېرىلگەن مەلۇمات. ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن كەلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئەجدادلىرىمىز يىراق ئۆتمۈشتىلا قوي يۇڭىدا توقۇلغان كىيىم كىيگەن ۋە يېپىنجا - سېلىنجا ئىشلەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن ۋە چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان بۇنىڭدىن 3 - 4 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت قەبرىلەردىن چىققان كىيىم، پالاز، ئېگىز بۇيۇم قاتارلىقلار ۋە شۇ بۇيۇملارنىڭ بولۇپمۇ پالاز، كىگىزنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات شەكلى - تۈرلۈك خاس يۇڭ ياكى يۇڭ - پاختا ئارىلاش ياكى خاس پاختا يىپتا توقۇلغان رەڭدار پالاز، سىدام، رەڭدار كىگىز ۋە گېلەم قاتارلىق بۇيۇملار بىزنىڭ شۇ قارىشىمىزنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، پالاز، كىگىز گېلەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئاساسلىق ئۆي بىساتلىرى بولۇپ كەلگەن.

ئەجدادلىرىمىز بۇ بىساتلاردىن يېتىپ - قوپۇش ئۈچۈن يەرگە سېلىش، ئۆي بېزىكى ئۈچۈن تامغا ئېسىشتەك ئىككى خىل پايدىلىنىپ كەلگەن. يەرگە سېلىشتا ئالدى بىلەن ئادەتتە تېگىگە بورا ئۈستىگە پالاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆر تەرەپتىن پەگا تەرەپكە قارىتىپ گېلەم، كىگىز سالىدۇ. سۇپىلىق، كاڭلىق ياكى كارىۋاتلىق ئۆي بولسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن شۇنداق سېلىنىدۇ. ئۆي بېزىكى ئۈچۈن تامغا ئاساسلىقى گېلەم ئېسىلىدۇ. بەزىلەر رەڭدار پالازمۇ ئاسىدۇ. مەيلى گېلەم، مەيلى پالاز بولسۇن تامغا ئېسىش - ئاسماسلىق ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا بۇ ئۈچ خىل بۇيۇمنى ئاساسلىق ئۆي بىساتى قىلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار داۋامىدىكى تۇرمۇش تەجرىبىلرىدىن كەلگەن، ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرىدە كىگىز، پالاز، گېلەمنىڭ كۆركەم، چىداملىق ۋە كىر كۆتۈرۈشلۈك، ئاسان نەم ئۆتمەيدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا ئۇلارنى ئاساسلىق بىسات قىلىپ تاللىغان. چىداملىققا كەلگەندە گېلەم ئەڭ چىداملىق بولۇپ، 30 - 40 يىلغىچىمۇ ئۈزۈلۇپ توزىمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا «كەمبەغەل بولساڭ گېلەم قىل» دېگەن ماقال مەيدانغا كەلگەن. بۇندىن باشقا ئوۋچىلىق ۋە كۆچمەن مەيدانغا كەلگەن. بۇندىن باشقا ئوچىلىق ۋە كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ قالدۇق ئىزلىرىنى ھازىرمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئېيىق تېرىسى، ئىت تېرىسىدىن كۆرپە قىلىش؛ ئوچاق ئالدى، سۇپا لىۋىگە ئولتۇرش ئۈچۈن ئۆچكە تېرىسى سېلىپ قويۇشقا ئوخشاش. ئېيىق ۋە ئىت تېرىسىنى رېماتىزىمغا داۋا دەپ ئۇنىڭدىن سېلىنجا ئورنىدا پايدىلىنىشمۇ ئەمەلىيەتتە ئاشۇ قەدىمكى ئادەتنىڭ داۋامى.

ئۇيغۇرلاردا ئۆينى چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرۇشنى ھوزۇر دەپ بىلىش ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەت. «دىۋان» نىڭ 1 - تومىدا «چارچاپ» دېيىلىدىغان زەدىۋال ياكى پالاز ئورنىدا تامغا ئېسىلىدىغان بىر خىل بېزەكلىك بايان قىلىنغان. بۇ ئۆينى چىرايلىق زىننەتلەش ئادىتىنىڭ «پالۋان» دەۋرىدىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. زەدىۋالمۇ شۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن مەھسۇلات، زەدىۋال تارتىشنى «دىۋان» دەۋرىدىن بۇرۇنلا شەكىللەنگەن ئادەت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئادەت بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئورۇن - كۆرپىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا ئاز - تولا شارائىتى بارلىكى ئائىلىلەردە مۇمكىنقەدەر چوڭ - كىچىك دېمەي ئادەم بېشىغا ئايرىم يوتقان كۆرپە قىلىدۇ. يوتقان تېشى چىرايلىق، گۈللۈك نەفىس رەختلەردىن، ئەستىرى پىشىشق، كىر كۆتۈرۈشلۈك رەختلەردىن قىلىنىدۇ. تەكىي - ياستۇقلارغا كەشتە قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرپىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، كۆرپىگە چۆرۈلدۈرۈپ زىغزىق تۇتۇش ياكى ماشىنىدا شوخ، رەڭدار يىپتا چىرايلىق نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن قارا رەخت تۇتۇشتا ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئادەت ئۆي بېزەش ئادىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئورۇن - كۆرپىنى ئۆينىڭ تۆرتېمىغا مەخسۇس چىقىرىلغان لىمتاق يەنى چوڭ ئويۇققا چىرايلىق قاتلاپ يىغىدۇ. بۇنداق مەخسۇس لىمتاق چىقىرىلمىغان ئۆيلەردە بولسا، ئۆينىڭ تۆر تېمىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە يىغىپ تەكىي - ياستۇقلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىزىپ قويىدۇ. ھازىر زامانىۋى بىنالاردا ئۇنداق شارائىت بولمىغانلىقتىن بەزىلەر مەخسۇس ئورۇن - كۆرپە ئىشكابى ياسىتىپ شۇنىڭغا تىزىلغان ياكى بىر تۇتاش تەكشى كارىۋات قىلىپ، ئۇنىڭدا يېتىپ قوپىدىغان ۋە ئورۇن - كۆرپىنى ئۇنىڭ بىر بۇلۇڭىغا تىزىپ، ئۈستىگە ئەدىيال، ئەدىيال ئۈستىگە تور يېپىپ قويىدىغان بولدى ياكى تەرەپكە ئايرىم بىر كارىۋات قويۇپ ئۇنىڭغا يىغىدىغان بولدى.

ئۇيغۇرلار مېھماندوست كەلگەچ ھەربىر ئائىلىدە مۇمكىنقەدەر بىر - ئىككى كىشلىك، ھېچبولمىغاندا بىر كىشلىك مېھمانلىق يوتقان - كۆرپە قىلىپ قويۇش ۋە ئادەتتىكى كۈنلەردە كېلىپ - كېتىدىغان مېھمان، يارۇ - بۇرادەرلەرنىڭ ئاستىغا سېلىشقا ئاتاپ مەخسۇس كۆرپە قىلىپ قويۇش ئومۇميۈزلۈك بىر ئادەت. مۇنداق كۆرپە ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى خىلى ئادەتتىكى كۆرپىگە ئوخشاش. ئىككىنچى خىلى ئادەتتىكى كۆرپىدىن بىر ھەسسە ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ ئادەتتە ئۆينىڭ تۆرىگە سېلىقلىق تۇرىدۇ. مۇنداق كۆرپە «يېكەنداز» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەت ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇرلاردىكى «كۈن كېلەر - كېتەر، ئۆمۈرىنىڭ يېرىمى تۈندە ئۆتەر» دېگەن ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئورۇن - كۆرپىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلار تەكىي - ياستۇقلارنى ئالاھىدە ھازىرلايدۇ. بەزى رايونلاردا تويغا مەخسۇس كەشتىلەنگەن ياستۇق - تەكىي تويلۇق قىلىپ سېلىنىدۇ.