ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى

ئورنى Wikipedia

       ئۇيغۇرلار-- كۆپ مەنبەلىك، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەتتا دۇنيا مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر  كۆرسەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. قول يۇيۇش مەدەنىيتى- ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئېسىل مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنە ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلنىۋاتقان تېما گەرچە ئاڭلىماققا كىشىگە ئانچە چوڭ ئىشتەك تۇيۇلمىسىمۇ، ئەستايىدىل كۈزىتىدىغان بولساق، بۇلارغا بىر مۇنچە ئىلمىيلىكنىڭ، ئىلغارلىقنىڭ، ئىجادىيلىقنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

     ▲قول يۇيۇش-- ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر خىل ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىققا- پاكىزلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ روشەن گەۋدىلىنىشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كونكىرېت ئىپادىلىنىشىدۇر.

     ئۇيغۇرلار: تازىلىق- ساغلاملىقنىڭ ئانىسى، بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئاساسى، ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئەخلاقنىڭ زىننىتى، دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، كېسەللىكنىڭ قول ئارقىلىق ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى؛ قول پاكىز بولسا، پۈتۈن بەدەن ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، تازىلىققا رىئايە قىلىشنى شەرەپ، رىئايە قىلماسلىقنى نومۇس دەپ بىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تازىلىقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بارلىق ئىش ھەركەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئومۇمىي بەدەن تازىلىقى، يېمەك- ئىچمەك تازىلىقى، كېيىم- كېچەك تازىلىقى، ئۆي- ئىمارەت تازىلىقى، مۇھىتتازىلىقى،  قاتارلىقلارغا تۈجۈپىلەپ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە؛ شۇنداقلا قول يۇيۇشنى ئائىلە  مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمونى قاتارىدا مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلمەكتە؛ ئۇيغۇرلار ھەر قېتىم ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغاندا، ئالدى بىلەن قولىنى، ئاندىن باشقا  ئەزالىرىنى يۇيىدۇ. ئاش- تاماق ئېتىش، كۆكتات ئادالاش، يېمەك- ئېچمەك تەييارلاش، ھەر خىل ئاش- تاماق ۋە باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئاۋۋال ۋە كېيىن قولىنى پاكىز يۇيىدۇ. بولۇپمۇ توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ، مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قول يۇيۇش ئالاھىدە چوڭ ئىش قاتارىدا ھۆرمەت- ئېكرام بىلەن قائىدە- يوسۇنلۇق ھالدا تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ ئېلىشتا نەپس ئىشلەنگەن ئاپتۇۋا- چىلاپچىلار ھازىرلىنىدۇ. ساھىبخان تەرەپتىن قولغا سۇ قويۇشقا  مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، قولغا سۇ قويغۇچىلار مېھمانلارغا بولغان ھۆرمەت ھېسياتى بىلەن سۇنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلىقىنى ئوبدان تەڭشەپ، ئوڭ قولىدا ئاپتوۋانىڭ بېغىنى تۇتۇپ، سول قولىنىڭ ئالقىنىنى ئاپتوۋانىڭ قورسىقىغا يەڭگىل تەككۈزۈپ، ياشتا ۋە  ھۆرمەتتە چوڭ بولغانلاردىن باشلاپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېگىلىپ تۇرۇپ، نۆۋەت بىلەن ئالدىرىماي ئۈزۈپ- ئۈزۈپ قولىغا سۇ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلە ئەزالىرى ئارا قول يۇيدۇرىدىغان ئىشلارمۇ دائىم بولۇپ تۇرىدۇ. قولغا سۇ بېرىشنىڭمۇ مۇناسىپ قائىدىسى بولۇپ بار بولۇپ، ئادەتتە 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە سۇ قويۇش بويىچە داۋاملىشىدۇ. يەنى بېرىنچى قېتىمدا ئازراق، ئىككىنچى قېتىمدا ئوتتۇرھال، ئۈچىنچى قېتىمدا يەڭگىل، ئۈزۈلدۈرمەي سۇ قويۇش كېرەك.

     ▲مەيلى قانداق جايدا بولسۇن كىچىكلەر چوڭلارنىڭ، پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلارنىڭ قولىغا سۇ قويىدۇ ۋە بۇمۇ ئوخشاشلا يۇقىرقى قائىدە- تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قېتىملىق قول يۇيۇشلاردىن كېيىن، پاكىز لۆڭگە بىلەن قول سۈرتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلار قويۇق تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى پاكىزە قول بىلەن يېيىشنى كىچىكىدىن باشلاپ ئادەت قىلغان بولۇپ، بۇنداق يېيىلگەن تاماقنىڭ تەمى قوشۇق ۋە چوكا بىلەن يېيىلگەن تاماققا قارىغاندا تاتلىق ۋە يېيىشلىك بولۇپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قول يۇيۇش مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئادەتتە ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئوڭايلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ ھەمدە بۇنىڭ خاسىيىتى تەن قۇرۇلۇشى، چىراي گۈزەللىكى، روھىي كەيپىياتى جەھەتلەردىنمۇ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا بويىچىمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈدىغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىمۇ قول يۇيۇش ئاساس قىلىنغان تازىلىق مەدەنىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى ؛ۋاقىت:2007- 06- 04 09:39 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2007-06/04/content_8063.htm؛