ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق مەدەنىيىتى

ئورنى Wikipedia

       ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تولىمۇ مېھماندوست خەلق.ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. شۇنداقلا ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۆزلىشىپ، ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ– ئادەت خاراكتېرىنى ئالغان.

     ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىقى مېھمان ۋە ساھىبخاندىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹ مېھمان›› دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىغا پارىسچىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن بولۇپ، توي- تۆكۈن، چاي، زىياپەت، يىغىلىش قاتارلىقلارغا چاقىرىلغان ياكى مۇشۇنداق مۇناسىۋەتلەر بىلەن كۆتۈۋېلىنغان كىشىنى بىلدۈرىدۇ. ‹‹ ساھىبخانا ›› ئەرەپ- پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ، ئۆي ئىگىسى، سورۇن- زىياپەت، پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپ ياكى شەخسنى بىلدۈرىدۇ. ئۆرپ- ئادەت، قائىدە- يوسۇن،يۈزىسىدىن كۆپىنچە ھاللاردا بۇ ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئالمىشىپ تۇرىدۇ. مېھماندارچىلىققا ئامراق، قىزغىن، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار ‹‹ مېھماندوست›› نامى بىلەن ئاتىلىپ، باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ.

      ئۇيغۇرلار مېھماندارچىلىق مەدەنىيىتى تۇغرىسىدا بىر قاتار ئېسىل ھېكمەت دۇردانىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. مەسىلەن: ‹‹ مېھمان ھەممىدىن ئۇلۇغ›› ، ‹‹ ئۆزى كەلگەن مېھمان خۇدايى مېھمان››، ‹‹مېھمانلىق ئۆي بازار››،، ‹‹ مېھمىنى كۆپنىڭ دوستى كۆپ، دوستى كۆپنىڭ ئامىتى كۆپ›› ، ‹‹ ياخشى مېھمان ئاش ئۈستىگە كېلىدۇ››، دېگەنلەرگە ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىگە مېھمان كەلسە ئىچ- ئىچىدىن خوشال بولۇپ كېتىدۇ. مېھماننى ئۇلۇغلاپ ھۆرمەتلەيدۇ ھەم ياخشى كۈتىدۇ.

     ھەرقانداق بىر مېھماننىڭ كۆڭلىنى دەپ ئالاقىدار ئىشلارنى ئەتراپلىق، پۇختا ئويلاپ، رەتلىك ئىشلەپ پۈتتۈرىدۇ. بولۇپمۇ تۇرالغۇ ئۆي- ئىمارەت قۇرۇلىشى قىلغاندا ‹‹ مېھمانخانا››  دەپ ئاتىلىدىغان مېھمان باشلاش ئۆيىنى ئورۇن، شەكىل، ھەجىم، قۇرۇلما جەھەتلەردىن ئالاھىدە كۆركەم، ياخشى قىلىشقا تىرىشىدۇ، كۆڭۈل قويۇپ بېزەيدۇ. ئۆي سەرەمجانلىرىنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەم دائىم دېگۈدەك پاكىز تۇتىدۇ، بۇ ئارقىلىق مېھمانلارغا رەڭدار،ساپ ھاۋالىق، شاد- خوراملىق، گۈزەل، يېقىملىق مۇھىت بەخش ئېتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىقىدا بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ ئائىلە ئەزالىرىدىن، بىرەر ئورۇنغا  نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شۇ سورۇندىكىلەردىن باشقا سىرتتىن كەلگەنلەر ‹‹ مېھمان››  دەپ قارىلىدۇ. مېھمانلاردىن ئۆزى كۆڭلى تارتىپ ياكى بىر ئىش مۇناسىۋېتى بىلەن كېلىدىغانلىرىمۇ، ھېيت، مەرىكە پەتىسى مۇناسىۋېتى بىلەن كېلىدىغانلارمۇ، تەكلىپ- چاقىرىق ئارقىلىق كېلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. مېھمانلار كېلىشتىن ئىلگىرى پۈتكۈل ئۆي- ئىمارەت، ھويلا- ئارام، ئۆي بېساتلىرى، مۇھىت ئادەتتىن تاشقىرى ياسىلىپ، پاكىزلىنىپ، ساپ ھاۋالىق گۈزەل مەنزىرە نامايەن قىلىنىدۇ. مېھمان ۋە ساھىپخانا ھەر ئىككى تەرەپتىكىلەر يۇيۇنۇپ پاكىزلىنىپ، پەردازلىنىپ ۋە يېڭى ياكى پاكىز كىيىملىرىنى كىيىشىپ، گۈل ئۈستىگە گۈل قوندۇرۇپ، جۇلالىق مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ھەممە شاد- خوراملىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشىدۇ. مېھمانلار كەلگەندە ساھىپخانا تەرەپتىكىلەر مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، قائىدە يوسۇنلۇق ھالدا قول تۇتۇشۇپ كۆرۈشۈپ تىنچ- ئامانلىق سورىشىدۇ ۋە ساھىپخانا تەرەپنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مېھمانلار قائىدىلىك ھالدا يەڭگىل قەدەملىرى بىلەن ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دەپ ئۆي ياكى سورۇنلارغا كىرىپ كېلىدۇ. بالدۇرراق كېلىپ جايلىشىپ بولغان بولسا ‹‹ ۋائەلەيكوم ئەسسالام›› دەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرىشىدۇ. ياشقا، بىلىمگە، ھۆرمەتكە چوڭلار ئوڭ قول تەرەپنى ئاساس قىلىىشپ ئولتۇرىشىدۇ. سۇپا ۋە سەينالاردا چاقناپ تۇرغان زىلچا- گىلەم، يېڭى كىگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىل كۆرپە قاتارلىقلار سېلىنىدۇ. بۇنداق سورۇنلاردا مېھمانلار ھىم ھەم تەكشى تىزلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قائىدە بويىچە دۇئا قىلىشىپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۆزئارا يەنە بىر قېتىم ئىنتايىن سىلىق- سىپايىلىق بىلەن ھال- ئەھۋال سورۇشۇپ، ئاندىن ئەركىن- ئازادە ئولتۇرىشىدۇ. ساھىپخانا تەرەپ مېھمانلارنىڭ قوللىرىغا سۇ ئالىدۇ. ھېيت- ئايەملەردە ۋە ئادەتتىكى چاغلاردا ئالدىنئالا كېلىش مۈمكىنچىلىكى بولغان مېھماندارچىلىققا، مېھمان كېلىشتىن ئىلگىرى داستىخان ۋە شىرەلەر ئۈستىگە تۈرلۈك نازۇنېمەتلەركۆزنى قاماشتۇرغۇدەك مول قىلىپ تىزىلىدۇ، قەرەلسىز كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا بولسا تەييار مەززە كەلتۈرىلىدۇ ۋە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا پىيالىدە دەملەنگەن ياكى قەنت- ناۋات سېلىنغان چايلار كەلتۈرۈلۈپ، مېھمانلار چاي ئوتلاشقا، مەزەلەرگە بېقىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇلاپ مېھمانلارغا ئاتاپ تەييارلانغان باشقا ئېسىل تائاملار كەلتۈرىلىدۇ.

     ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىقىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا يەپ- ئىچىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ. يەنە ئۇنىڭغا قىزىقارلىق كۈلكە- چاخچاق، پاراڭ، لەتىپە- يومۇر، ناخشا- مۇزىكا، ئۇسۇل- مەشرەپ، ھېكمەتلىك سۆزلەر قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، ھەممىنىڭ كۆڭلىگە شاد- خوراملىق بەخش ئېتىش بىلەن بىرگە مەدەنىي تۇرمۇشنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىقىدا مېھمانلار، بولۇپمۇ ئايال مېھمانلار كۆپىنچە ھاللادا قۇرۇق قول كەلمەيدۇ، ساھىپخانا تەرەپمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا مېھمانلارغا يوللۇق تۇتىدىغان ۋە ئائىلىدە  قالغان بالا- چاقىلىرىغا ئاتاپ بىر نەرسە ئەۋەتىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. پۈتكۈل مېھماندارچىلىق جەريانىدا ھەر كىم قائىدە- يوسۇن، ئۆرپ- ئادەتلەرگە ئاڭلىق ۋە تولۇق رىئايە قىلىپ، ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى نامايەن قىلىدۇ. بولۇپمۇ روزى ھېيت ۋە  قۇربان ھېيتلاردا مېھماندارچىلىق تازا ئەۋجىگە چىقىدۇ. ھېيت مەزگىلىدە يەنە بالىلارغا ھېيتلىق بېرىپ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ئادەتلەرمۇ داۋاملىشىدۇ. بۇ ھال ئۆزئارا مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، دوستلۇق، ئىناقلىق ئىتىپاقلىقنىڭ رىشتىسىنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۆيۈم- ساخاۋەت ئىشلىرى ئىزچىللىقا ئىگە بولىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق مەدەنىيىتى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق شاد- خوراملىققا تولغان بولۇپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش جەھەتلەردە  تەڭداشسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ خاسىيىتى.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى ؛ۋاقىت:2007- 07- 26 11:49 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2007-07/26/content_17402.htm؛