ئۇيغۇرلارنىڭ ناماقۇللۇق چېيى

ئورنى Wikipedia

     بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر بىر ھەرىكەت ۋە گەپ – سۆزلىرىمىز مەلۇم بىر ئادەتنىڭ ، قاراشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بولىدۇ. ئەنە شۇ ئادەت ۋە مۇراسىم ئەنئەنىلىرى ئىچىدە ، ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ناماقۇللۇق چېيى ۋە مەشرىپى ئۆزگىچە ئەقلىيەتچىلىكى بىلەن جەلپكاردۇر.

      ئويغۇرلارنىڭ ناماقۇللۇق چېيى ئادەتتە ئۆز ئارا زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىككى كىشى، دوست- بۇرادەر، قولۇم- قوشنا، يۇرت- جامائەت ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاداۋەتنى يۇيۇپ، بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ، باشقىدىن دوست–بۇرادەر، قۇلۇم– قوشنا بولۇپ ئۆتىدىغان، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇش مەزمۇنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان چايدىن ئىبارەت. ئەگەر ئىككى كىشى ئارازلىشىپ قالسا، شۇ كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئارا تۇرالايدىغان بىرەيلەن ئۇتتۇرىغا چۈشۈپ، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيەتلىشىپ قېلىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارغا ئايرىم داستىخان ھازىرلاپ، ئۈچەيلەن بىر يەرگە كېلىپ، ئازارلىشىپ قالغان كىشىلەر ئۆتكەن– كەچكەن ئىشلارنى بىر قۇر ئەسلىشىدۇ ياكى ياراشتۇرغۇچى ئۇلارنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى بىر قۇرۇپ سۆزلەپ چىقىدۇ. ئوتتۇرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئاددىيلاشقاندىن كېيىن، ياراشتۇرۇش باشلىنىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى سىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. قايسى كىشى بەكرەك كەتكۈزۈپ قويغان بولسا ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ياراشتۇرغۇچى ياكى گۇناھى ئېغىر تەرەپ ئارازلىشىپ قالغان كىشىگە چاي تۇتۇپ، قارشى تەرەپتىن ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ. قارشى تەرەپمۇ ئۆزىدىن ئۆتكەن تەرەپلەرنى سۆزلەپ كەمتەرلىك بىلەن خاتالىقىنى تونۇپ، سۇنغان چاينى قۇبۇل قىلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بۇلىدۇ.

    دېمەك، ئويغۇرلاردىكى ناماقۇللۇق چېيى، ناماقۇللۇق مەشرىپى، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلار جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام ئېلىپ بېرىلىشىغا، جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئويۇشقاقلىق قارىشىنىڭ ۋە ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. ناماقۇللۇق چېيى، ناماقۇللۇق مەشرىپى، ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ئويغۇر پسىخىكىسىنىڭ خاراكتېرىدىكى ئوچۇق مىجەزلىك، كۆڭلى– كۆكسى كەڭ بولۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە  ئەقلىيلىكنى مەنبە قىلىشتەك خاسلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. شۇنداقلا ساغلام بىر جەمئىيەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۆلچەم ۋە ئادەتلەرنىڭ بۇرۇندىنلا بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.[1]

  1. مۇھەررىر : ئامانگۈل ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى ؛ۋاقىت:2008- 04- 21 13:10 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2008-04/21/content_66504.htm؛