ئۇيغۇرلارنىڭ يۈڭدىن ئىشلەنگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرى

ئورنى Wikipedia

       ئۇيغۇرلار ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئەقىل -پاراسىتى ئارقىلىق  نۇرغۇن ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىپ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلدى. ئۇيغۇر قول–  ھۈنەر سەنئىتىنىڭ، نەپىس، چىرايلىقلىقى، سەنئەت  قىممىتىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت ساھەسىدە يۇقىرى باھالارغا  ئېرىشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ يۇڭدىن ئىشلەنگەن كىيىم - كېچەك ۋە  تۇرمۇش بويۇملىرى ئەنە  شۇ قول ھۈنەر  سەنئىتىنىڭ بىر  تۈرى.

      كىگىز — كىگىزنىڭ ئىتىلىش  ئۇسۇلى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن نۇسخىسىغا قاراپ ئاق كىگىز، گۈللۈك كىگىز، تەڭلىمات  كىگىز، بوياق كىگىز، شىرداق، سىدام كىگىز، يۇڭ پالاس قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ . سىدام كىگىز يەنە ئىشلىتىلگەن يۇڭ رەڭگىگە قاراپ سىدام كىگىز، قارا سىدام كىگىز ۋە بوز سىدام كىگىز دەپ  بۆلىنىدۇ. ئاق سىدام كىگىزنى ئىتىشتە ئالدى بىلەن يۇڭى يۇمشىتىلغاندىن كېيىن توقۇلغان چىغ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىلىپ، ئۈستىگە ئازراق سۇ سېپىپ، چىغنى يۆگەپ، دۇمىلاتقاندىن كېيىن چىغدىن ئاجرىتىپ قول بىلەن دۇمىلىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. قانچە ئۇزاق دۇمىلاتسا كىگىز شۇنچە قاتتىق پىشىدۇ. ئاق سىدام كىگىزگە ھېچقانداق رەڭلىك يۇڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن ئاق سىدام كىگىز  دەپ ئاتىلىدۇ. قارا  يۇڭدا  ئەتكەنلەرنىڭ رەڭگى قارا، بوز يۇڭدا ئەتكەنلەرنىڭ رەڭگى بوز بولغاچقا  ئۇلار  قارا سىدام كىگىز ۋە  بوز  سىدام كىگىز دەپ ئاتىلىدۇ.

     گۈللۈك كىگىز— گۈللۈك كىگىزنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى ئاق سىدام كىگىزگە ئوخشايدۇ، بىراق كىگىز يۈزىگە گۈل نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈشتە ئالدى بىلەن نېپىز سېلىپ پىشۇرۇلغان ئاق كىگىزنى پارچە- پارچە قىلىپ ھەر خىل رەڭلەردە بوياپ، ئاندىن ئۇنى قايچا  بىلەن كېسىپ چىغ ئۈستىگە گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلىدۇ. ھەر خىل رەڭلىك يۇڭلار ئۆز ئارا گىرەلەشتۈرۈلۈپ ئوخشاش بولمىغان نۇسخا  شەكىللەندۈرۈلىدۇ. گۈللۈك كىگىزنىڭمۇ گىلەم نۇسخىلىرىغا ئوخشاش ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئومۇمىي نامى ئاق گۈللۈك كىگىز دەپ ئاتىلىدۇ. ئاق گۈللۈك كىگىز  ئىتىشتە گۈل ئۈستىگە يۇڭ سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.

      بوياق كىگىز— بۇ خىل كىگىز ئالدى بىلەن ئاق ھالەتتە ئىتىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى چوڭ قازانغا  سېلىپ مۇۋاپىق مىقتاردا سۇ قويۇپ رەڭ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قايناق سۇدىن سۈزۈۋېلىپ نەم ھالەتكە  كەلگەن ۋاقىتتا يەنە قول بىلەن دۈمىلىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. بوياق كىگىز كۆپ ھاللاردا  قىزىل رەڭدە  بويىلىدۇ.

    جايناماز— جاينامازنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلى كىگىزنىڭ ئىتىلىش ئۇسۇلىغا تامامەن ئوخشايدۇ. ئەمما جايناماز ئىتىشكە  ئىشلىتىدىغان يۇڭ پاكىز يۇيۇلۇپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىلىدۇ، جاينامازنىڭ ئوڭ يۈزىگە رەڭلىك يۇڭدا مېھرابنىڭ شەكلى چۈشۈرۈىدۇ.

     پىيما— پىيما كۈز پەسلىدە قىرقىلغان قوي يۇڭىدا ئىتىلىدۇ. ئەتىياز ياكى ياز كۈنلەردە قىرقىغان قوي يۇڭىدا  ئىتىشكە  بولمايدۇ. پىيمىچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئۈستىگە ئۆتۈك شەكلىدە تەكشى سالىدۇ. ئىچىگە چاپلاشتۇرمايدىغان رەخت  سېلىپ يۇڭنى خامداپ بولغاندىن كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتۇرىدۇ.

     پىيمىنىڭ چىڭ، قاتتىق بولۇشى ئۈچۈن يۇڭغا  كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، كۈنجىرا قاتارلىق نەرسىلەر  ئارىلاشتۇرىلىدۇ.پىيمىنى كىيىش ئوبىيېكتلىرىغا  ئاساسەن ئەرەنچە، ئايالچە قىلىپ ئىتىشكە  بولىدۇ. پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار  كۆپ ياغىدىغان، سوغاق قاتتىق بولىدىغان رايونلادا پىيما  ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر پىيمىنىڭ تاپىنىغا چەم قويدۇرۇۋالسا ئون يىلدىن ئارتۇق كىيىشكە  بولىدۇ.

     ھازىر  پىيما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بەزى جايلاردا مەخسۇس پىيمىچىلىق دۇكانلىرى قۇرۇلدى. ئۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرشتە مۇھىم رول ئويناپلا   قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، ئىستېتىك قاراشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە  ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىغا  كەلگەن بىر قىسىم چەت  ئەللىك ساياھەتچىلەر پىيمىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ تەتقىقات  ئويېكتى قىلماقتا.

     كىگىز پايپاق— كىگىز  پايپاق  ئۇيغۇر  كىگىزچىلىكىنىڭ بىر  تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ مەيداغا  كېلىش تارىخى پىيمىنىڭ مەيدانغا  كىلىش تارىخدىنمۇ ئۇزۇن. چۈنكى ئۇنى ئىتىش ئۇسۇلى ئاددى، كىيىن ئوبيېكتلىرى كۆپ. كىگىز پايپاقنى ئىتىش  ئۇسلىمۇ كىگىز  ئىتىش  ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش. كىگىز پايپاقنى ئىتىش ئۇسۇلى مۇنداق: يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، چىغ ئۈستىگە سېلىپ يۆگەپ، دەسسەپ دومىلىتىپ ئاخىرىدا قول ئارقىلىق قاتۇرۇلىدۇ. ئاندىن سۈزۈپ، تەڭشەپ پايپاق شەكلىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تاپىنى يىپ بىلەن چېتىلدۈرۈلۈپ تىكىلىدۇ. پايپاقنى كىيىش ئوبېيكتلىرىغا ئاساسەن ئەرەنچە، ئايالچە، چوڭ- كىچىك قىلىپ ئىتىشكە  بولىدۇ. رەڭگى جەھەتتىن ئاق پايپاق، گۈللۈك پايپاق دەپ بۆلىنىدۇ.

      خاس ئاق يۇڭدا  ئىشلەنگەنلىرى ئاق پايپاق بولىدۇ. گۈللۈك پايپاق سەل مۇرەككەپ بولۇپ، ئاۋۋال چىغ ئۈستىگە بويالغان ھەر خىل رەڭلىك يۇڭلاردىن گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۈستىگە يۇمشىتىلغان يۇڭ سېلىنىپ، رەڭلىك يۇڭ بىلەن ئاق يۇڭ مۇستەھكەم جىپسىلاشقانغا قەدەر دۇمىتىلىپ قول ئارقىلىق قاتۇرۇلىدۇ.

      گۈللۈك پايپاقنىڭ گۈلى ئادەتتە  ئۆتۈكنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدىغان قىلىپ ئىتىلگەچكە ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۇ بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، سوغۇق قاتتىق بولغان ۋاقىتلاردىمۇ پۇتنى ئاسان توڭدۇرمايدۇ. پۇتنى تەرلەتمەيدۇ، يۇمشاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە  ئىگە.[1]

  1. مۇھەررىر : قەيسەر ؛مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى ؛ۋاقىت:2007- 08- 20 11:45 ؛ تور ئادىرسى:http://uy.ts.cn/wenhua/content/2007-08/20/content_21274.htm؛