ئۇيغۇرچە ئەنئەنىدىكى ئەۋزەللىك

ئورنى Wikipedia

ئايدىڭ

تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ياشلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ۋەتەندىن كېلىپ پات- پات يانلىرىدا بولۇشلىرىدىن نۇرغۇن پايدىلىق پۇرسەتلەرگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى پەرزەنتلىرىنىڭ تەجرىبىلىك مومىلارنىڭ ۋە كۆيۈمچان بوۋىلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە پەرۋىشلىنىشى، يېتەكلىنىشى ۋە تەربىيەلىنىشى بولدى. ئۇزاقتىن بېرى تۇغۇتتا قانداق قىلىشتىن ئەنسىرەپ بالىلىق بولالمايۋاتقان، ئائىلىدە پەرزەنتلىرىگە قارايدىغان بىر نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوبۇل قىلىپ بولالمايۋاتقان ياشلار تەشۋىشتىن قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدا پەرزەنتلىك بولۇش ئويلىرى تۇغۇلۇشقا باشلىدى. نەتىجىدە بوۋاقلار كەينى كەينىدىن تۇغۇلدى. كېلىنلەر ھوزۇرلۇق كۈتۈندى ۋە  ئاسانراق ئۆزىگە كېلىشتى. كۈيئوغۇللارمۇ ئائىلە غەملىرىدىن ئازات بولۇپ خاتىرىجەم ئىشلىرىغا مەشغۇل بولۇشتى. ئەمما ئارىدا يېقىمسىز قىستۇرما كۈيلەرمۇ ئاڭلانماي قالمىدى. بۇ بوۋاقلارنىڭ ئانىنى ياكى «كالىنى» ئىمىشى، ئايرىم ھوجرىسى بولۇش- بولماسلىقى،  ئانىسى بىلەن ئۇخلىشى ياكى يالغۇز ئۇخلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى زىددىيەت ئىدى.

شەھەرلەردىكى تۈركلەر ئارىسىدا بالىلارنى تۇغۇلغان بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاپ ئايرىم ئۆيدە ۋە ئايرىم كارىۋاتتا ئۇخلىتىش ئادەتكە ئايلانغان. ئانىلار ھامىلىدار بولغان كۈندىن باشلاپ بوۋاق ھوجرىسىنى بېزەشكە باشلايدۇ. مەخسۇس بوۋاق ھوجرىسىنى بېزەيدىغان شىركەتلەر، مەھسۇلاتلار ۋە ئۇستىلار بولۇپ، ئۇلار بالىلىق بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياش ئاتا-ئانىلارنىڭ خېرىدارلىق قىلىشلىرىنى كۈتىدۇ. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا كۆنگەن ۋە بۇنداق كۆنۈشنى تەبىئىيلىك، زامانىيلىق ۋە مەدەنىيىلىك دەپ قوبۇل قىلىشقان. ۋەتەندىن چىققان ئاتا-ئانىلار تېخى تۇغۇلمىغان بالىلارغا مەخسۇس ھوجرا ھازىرلاش، جاھازلار ۋە بېزەكلەرنى سېتىۋېلىشقا ئوخشاش ئىشلارنى ئارتۇقچە ئىسراپچىلىق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەۋلات بوشلۇقى ۋە تۈرلۈك پەرىقلىق قاراشلار سەۋەبىدىن زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ.

تۈركىيەدە بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋەتەندىن كەلگەن چوڭلار ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان ياشلار بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. ئاتا-ئانىلار «بىزمۇ سىلەرنى پوكىنىمىزغا بېسىپ، بىر ئورۇندا يېتىپ چوڭ قىلغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىپ ئۇخلاتقان نەدە بار» دەپ قەتئى قارشىلىق قىلىدۇ. ياشلار «سېلەرنىڭ دەۋرىڭلەردە ۋەتەندە ئۆيلەر كىچىك، شارائىت يوق ئىدى. بۇ دېگەن تۈركىيە شۇڭا مۇشۇنداق قىلىمىز» دەپ ئىتىراز بىلدۈرىدۇ. ئاغزىغا كەلگەنچە بوۋاقنى ئانىدىن ئايرىپ ئۇخلىتىشنىڭ ئىلمىيلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ باقىدۇ. ھەتتا بەزىدە باتنامچى ياشلار ئۆزىدىكى مۇستەقىللىقنىڭ ئاجىزلىقىنى، زىيادە ئىھتىياتچانلىقنى، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە بولغان ئىشەنچنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىنى كىچىكىدىن ئايرىپ ياتقۇزمىغانلىقىغا دۆڭگەپ،«بۇ كەمتۈكلۈكنى بالامغا مىراس قىلمايمەن» دەپ باقىدۇ.

تۈركىيەدىكى ياشلارنىڭ ئانا-بالىنى بىرگە ياكى ئايرىپ ئۇخلىتىش ھەققىدىكى باشقا قاراشلىرىغا باھا بەرمىگەندىمۇ بۇنىڭ ئىلىمگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئانا-بالىنىڭ ئايرىم ئۇخلىشى ئەڭ تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئامېرىكىدا بۇ ئادەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە تېخى ئاران 200 يىللار بولغانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ مۇستەقىللىقنى، خاسلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنىسى بولۇپ ئىلىمىيلىك بىلەن ھىچ بىر ئالاقىسى يوق ئىكەن. ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناسلاردىن ۋېلىيام ھاۋىلەند ۋە ھارولد پرىنسلار تۈزگەن «مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى» دېگەن كىتاپتا يېزىلىشىچە، بۇ ئەنئەنىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئامېرىرىكىلىقلاردىكى مۇستەقىللىق خاھىشى ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىنى قاپلىغان ئىستىمالچىلىق دولقۇنى تۈرۈتكە بولغان ئىكەن. دەسلەپتە مۇستەقىلىققا تەشنا ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىدا باشقىلاردىن ئايرىلىپ ياشىيالايدىغان ئادەتنى بوۋاقلىقىدىن يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا ئايرىم ئۆي، كارىۋات، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى تەييارلاشقا مۇھتاج بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىھتىياج بايقىلىپ كەسىپ بولۇپ تەرەققى قىلغان ۋە قاندۇرۇلغان، ئىقتىساتنىڭ دۇنياۋىيلىشىشى ۋە تەمىنلەشنىڭ ئىھتىياجنى يېتەكلىشى نەتىجىسىدە دۇنياغا يېيىلغان.

يېقىنقى تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى ئايرىلىپ ئوخلىغىنىدىن ئەزەلكەن. بىللە ئۇخلاش بوۋاقنىڭ يىغىسىنى كۆرىنەرلىك ئازلىتىدىكەن. ئانىنىڭ بۆۋاق بىلەن ئۇخلىشى نەتىجسىدە بالىنىڭ كۆپرەك ئىمىشىگە شارائىت يارىتىلىدىكەن. ئانىلار بوۋاقلادىن ئايرىم ئۇخلىغاندا سۈت تالقىنى ئانا سۈتىنىڭ ئورنىغا ئالىمىشىدىكەندە بالىلار شورىمىسىمۇ چىقىدىغان سوسكىغا كۆنىۋېلىپ ئانىسىنى ئەممەس بولۇپ قالىدىكەن. ئايرىپ ئۇخلىتىلغاندا بالا ئانا پۇرىقىنى ئالالماي ئەنسىزلىكتە ئۇيۇپ ئۇخلىمايدىكەن ھەتتا تاسادىپى ئۆلۈپ كېتىش كېسىلى بولىدىكەن. ئانا-بالا بىللە ئۇخلىغاندا ئىمىتىلىش سانى كۆپىيىپ بالىنىڭ مىڭىسىدە قوبۇل قىلىنىدىغان غىدىقلىنىش ئارتىدىغان بولۇپ بۇ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن موھىم ئىكەن. ئامېرىكىدا بوۋاقلارنىڭ «تۆشىكىدە تۈگەپ قېلىش» كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىكەن.   SIDS

  بۇ ئامېرىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەل بولۇپ 4-6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلاردا، سائەت نۆلدىن توققۇزغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ يۈز بېرىدىكەن. بوۋاقلارنىڭ تاسادىپى ئۆلۈپ كېتىش ئۇنۋېرىسال كېسەللىكى بوۋاقنىڭ يېنىدا بىللە ئۇخلايدىغان كىشى بولمىغان شارائىتتا كۆپ يۈز بېرىدىكەن. ئادەتتە بوۋاق ئۇخلاۋېتىپ نەپەس ئېلىشى تۇيۇقسىز قىيىنىلىشتىن ئۆلۈم كېلىپ چىقىدىكەن. بۇ كېسەل تەرەققىي قىلغان ئەللەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ ئامېرىكىدا 2011-يىلى بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان 3-خەتەرلىك كېسەل بولۇپ قالغان. بوۋاقلارنى ئايرىپ ئۇخلاتقاندا بەزىلەر ئويغىنىپ كەتمسۇن  ئۈچۈن يۆگەككە چىڭ تېڭىپ قويىدۇ. بۇمۇ «تۆشەكتە تۈگەپ قېلىش» نىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرىكەن.

ئانا-بالىنىڭ بىللە ئۇخلىشى «تۆشەكتە تۈگەپ قېلىش» نى ئازلاتقاندىن باشقا، ئانىلارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى زىيادە بۇرۇن تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى توسىدىكەن، ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىق ۋە كۈتىنىش مەزگىلىدە يىغىۋالغان ئاتۇقچە «يۈك» لىرىنى يەڭگىتىدىكەن. بەزى ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدىغان ئۇيقۇسىزلىقمۇ بوۋاقنى ئايرىم ئۇخلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. بوۋىقى بىلەن بىللە ئۇخلىمىغان ئانىلار ئەنسىزلىكتە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇيقىغا كىرىشەلمەيدىكەن. بوۋاقلار مەلۇم مەزگىلگىچە تولا ئويغىنىدىغان بولغاچقا ئانىدىكى ئەنسىزلىك ئۇزاققا داۋاملاشسا ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىق، تەشۋىشلىنىش ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ئوخشاش كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

تۈركىيەدە ياشاپ قالغان ياشلار بىلەن ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئارىسىدىكى يۇقارقى زىددىيەتنىڭ مەنبەسىدە زامانىۋىي يۈزلىنىش بىلەن ئەئەنىۋىي چۈشەنچىلەرنىڭ توقۇنىشى ياتىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا بوۋاقنى ئايرىم ئۇخلىتىش ياكى ئانا قوينىدا ياتقۇزۇش مەسىلىسىدە مۇۋاپىق بولغىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەنچىسى بولۇپ چىقتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق دېگەنلىك بالىلارغا زادى ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بەرمەسلىك كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا «تۆشەكتە تۈگەپ كېتىش» خەتىرى بوۋاق بىر ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاساسەن يۈز بەرمەيدىكەن. شۇڭا بۇنداق خەتەرلىك مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بالىلارنى ئايرىم ئۇخلاشقا، ئۆز كىيىملىرىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا، ئۆز ۋاقتىنى ئۆزى باشقۇرۇشقا كۆندۈرۈش شەكسىز بىر زۆرۈرىيەتتۇر.

يۇقارقى زىددىيەت ۋە يېشىم بىزگە پۈتۈنلەي زامانىۋىي تۇرمۇشقا ياندىشىپ ئۇيغۇرچە ئەنئەنىلەردىن گۇمانسىراشنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. مەلۇمكى، زامانىۋىيلىق كىشىلەرگە تۈرلۈك قولايلىقلارنى ئاتا قىلغاندىن باشقا بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئادەتلىرىنىمۇ مودا، ئىلغارلىق، تەرەققىيات سۈپىتىدە تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرىۋەتتى. ھادىسىلەر، پىكىرلەر ۋە ئۇچۇرلار تېزلىكتە يامراۋاتقان، ئىقتىساتتىن تارتىپ مەدەنىيەتكىچە شىددەتلىك يەرشارىلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىر قىسىم تەركىپلەر زامانىۋىيلىقنىڭ قارشىسىغا ئۆتۈپ قالدى. بۇ ھالدا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت قورغانلىرىنى قانداق ساقلاپ قىلىش تەپەككۇر، تەدبىر ۋە ئاقىللىق تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى