ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارىخى مەسئۇلىيىتى

ئورنى Wikipedia

نۇرانىيە قەشقىرى

21- ئەسىرنىڭ يولۇچىلىرى بولغان بىز ھالسىرىغان ،ئۇھسىنغان ھالدا بۇ سەپەرنى داۋام قىلماقتىمىز.  ماڭدامدا بىر سەن كىم؟- دەپ سورالغان سوئالغا ،- مەن ئۇيغۇر،- دەپ خىتاپ قىلدۇق. ئاتا ئانىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، بالىلىرىمىزنىڭ ئاچچىق ئىڭراشلىرىدىن يۈرەك باغرىمىز قان زەرداپقا تولدى. چىدىغۇسىز ئازاپتا تاڭغا ئۇلاشقان سانسىزلىغان ئۇيقۇسىز كىچىلەرنى كىممۇ بىزدەك ئۆتكۈزۈپ باقتى. ئېيتىپ ئىپادىلىگۈسىز ئازاپ،ئەنسىزلىك بىزگە ھەمراھ بولدى. كېچە- كېچىلەپ ئاللاھ دەپ نىدا قىلىپ چىقتۇق. بۈگۈن شۇنى ھېس قىلدۇقكى، بىزگە ئۆزىمىزگە تايىنىشتىن باشقا يول يوق ئىكەن. بىزگە ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىكەن. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئورنىمىزدىن دەس تۇرغاندا بىزگە يىتىپ كىلىدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنىپ تۇرۇپتىمىز. قىسقىسى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئاچچىق رېئاللىق ئىچىدە  بۇ ھەقىقەتنى تۇنۇپ يەتمەكتە.

ئاياللار مۇشۇ تارىخى شارائىتتا نىمە قىلىشى كىرەك؟

بۇ سۇئال بىزنىڭ جاۋاپ بىرىشىمىزنى، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ.

تارىخىمىزدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان تومارس، نوزۇگۇم، رىزۋانگۈللەر ئۆزىنىڭ ئار-نومۇسىنى، مىللى روھىنى قۇغداش يولىدىكى جاسارىتى، قەھرىمانلىقىنى بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. تارىخىمىزدا بۇنداق ئاياللىرىمىز ساناپ تۈگەتكۈسىز، ئۇلاردىكى روھ، ئۇلاردىكى پىداكارلىق ھىچقاچان ئەكەكلەردىن كام بولمىدى. بىز شۇلارنىڭ ۋارىسى. بۈگۈن بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟ ئىشنى نەدىن باشلىشىمىز كىرەك؟

ئاياللار بىر مىللەتنىڭ ئومۇرتقىسى. مىللەت ئايال بىلەن ياشنايدۇ، ئايال بىلەن تەرەققى قىلىپ، ئايال بىلەن پارلايدۇ ھەم شۇنداقلا ئايال بىلەن چۆكىدۇ، تۈگىشىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىشنى بۇيرىغان، تەكىتلەپ كەلگەن. دادىنىڭ بالىسى ئۈستىدىكى بىرىنجى مەسئۇلىيىتىنى بالىغا ياخشى ئانا تېپىپ بىرىش دەپ ئوتتۇرغا قويغىنىنىڭ ئۆزىلا، ئايالنىڭ بىر جەمەتنى يىتەكلەشتىكى رولىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە موھىملىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئايالنىڭ ئىدىيىسى پۈتۈن ئائىلىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى پەرزەنتكە دەسلاپتىلا ئانا تەربىيىسى سىڭىدۇ ۋە ئانا ئۇنىڭغا يول سىزىپ بىرىدۇ.

مىللىتىمىز ئىغىر تارىخى كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاياللار بۇ مىللەتنى قۇتقۇزۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. ئۆگىنىشنى ئاياللار ئۆزىدىن باشلىسا، تارىخىمىزنى ئۈگىنىپ بالىلارغا ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق مىللى روھىمىزنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنى قەلبتىن قەلبكە تۇتاشتۇرۇسا، بۇ مىللەت ئىز باسارسىز قالمايدۇ، يىقىلمايدۇ، چۆكمەيدۇ.

ئەزىز خانىم- قىزلىرىمىز مىللى ئەنئەنىمىز بىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ موھىم بىر پارچىسى. بىز ئۆز مەدەنىي مىراسلىرىمىزغا، ئەنئەنىمىزگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزىشىمىز كىرەك. ئۇنى كېيىنكىلەرگە ئۇلىشىمىز كىرەك. دۈشمەن ئويغاق ۋە ئويغانغان ئانىلىرىمىزدىن قورقىدۇ. بىر ئايال ئۆزىدىكى كۆرەش روھى ئارقىلىق مىڭ ئەرنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزالايدۇ. بىز ئاياللار قوشۇنى مۇستەھكەم قورغان قۇرۇپ، كەينىگە چىكىنمەكچى بولغان، چىدىماس ئەرلەرگە ئۇرۇش ئاچساق، بۇ ھارۋا شۈبھىسىزكى ئالدىغا ماڭىدۇ. بىز پەرزەنتلىرىمىز بىلەن بۇ سىپىلنى قۇرايلى، ئەرلىرىمىز ئۈچۈن مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولايلى. بىزنى كۆرۈپ مۈگىدەشتىن خىجىل بولسۇن. مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن، يۈكسەك بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيۇشقاق، باتۇر، ئەقىللىق، قورقماسلىقتەك مىللى روھىنى نامايەن قىلايلى.

بىزگە دۇنيا ئىچ ئاغرىتىپ ئەمەس، قايىل بولۇپ قارىسۇن. ئىچ ئاغرىتىش توغرا كەلسە رەببىمىز بىزگە ئىچ ئاغرىتسۇن. ئۈمىدنى ئىنسانغا باغلاپ، ئىنساندىن كۈتىدىغان كۈنلەردىن ساقلىسۇن.

قىنى خانىملار! ئۇيغۇر ئاياللىرى! كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمىزگە بىز ياشىغان خورلۇقنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمىزنى ۋەتەنسىز قالدۇرماسلىغىمىز ئۈچۈن، چوڭ كىچىك دەپ ئايرىماستىن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ، كۆرەشنى ئاخىرقىچە داۋام قىلايلى.

مىللەت بىزنى كۈتىۋاتىدۇ، مىللەت ئىمان- ئىتىقاتلىق،ئەخلاق-پەزىلەتلىك،مەدەنىيەتلىك ئايال-قىزلىرىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاياللىرى قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە: ياش قىزلىرىمىز ۋە شارائىتى بار بولغان خانىم قىزلىرىمىز مونتىزىم بىلىم بىلەن قۇراللىنىپ، بىلىش دائىرىسىنى كىڭەيتىپ ، ئوقۇشنى، بىلىم ئىلىشنى چىڭ تۇتىشى كىرەك. قىزلىرىمىزدىن ماگىستىر، دوكتۇر، دوكتۇر ئاشتىلار كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشى، شۇ بىلىم بىلەن بىلىملىك ئەۋلادلارنى تەربىيلىشى، مىللىتىمىز قان يەڭگۈشلىشى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرشىنى ئەمەلگە ئاشۇرشى كىرەك. بۇنداق بولغاندا ئىشىنىمىزكى بىزنىڭ ھالىتىمىزدە چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ. خانىم – قىزلارنىڭ بىلىم ئىلىشنى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئەركەكنىڭ قوللايدىغىنىغا ئىشىنىمەن. ئىنساننىڭ بىلىش دائىرىسى قانچە كىڭەيگەنسىرى چۈشىنىش ئىقتىدارىمۇ شۇنچە ئېشىپ دىننى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ. تەپەككۈر قىلىش دىننىڭ جەۋھىرى، ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىسراپچىلىق، باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا خىيانەت ھىساپلىنىدۇ. دۇنيا ئەقىل بىلەن بېيىدۇ. توغرا ئەقىدە، چۇڭقۇر تەپەككۇر بىزدىن ئايرىلمىسۇن. بىز ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئاللاھ پەرز قىلغان بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىمىزگە دادىللىق بىلەن ئالايلى. ھەقىقىي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەربىيلەپ چىقىش تارىخى ۋەزىپە بولۇپ يۈكلەنگەن بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىمىز ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچىمىزدۇر. مىللەتنىڭ دەس تۇرۇشى دەل سىز ۋە مەندەك ئانىلارنىڭ دەس تۇرۇشى بىلەن ھەقىقىي روياپقا چىقىدۇ. قىنى خانىم قىزلار بۇ سەپكە بىرلىكتە ئاتلىنايلى…

2018-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى