ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى

ئورنى Wikipedia

     ئىنسانلار ئۆزىنى بىلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئۆز بەدىنىدىكى ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ روللىرىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىللە، شۇ تەركىبىي قىسىملارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېستېتىك قاراشلىرى ئاساسىدا ئۆز لايىقىدا گۈزەللەشتۈرگەن.

   چاچ ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىكىنى تەشكىل قىلىدىغان  مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى — يازدا باشقا چۈشكەن كۈن نۇرى ۋە ئىسسىقلىقنى تارقىتىش، قىشتا باشنى ئىسسىق ساقلاش ھەمدە باش تېرىسىنى تۈرلۈك خىمىيىلىك ماددا ھەم نۇر قاتارلىق فىزىكىلىق زەخمىلەردىن ساقلاشتىن ئىبارەت. ئەمما چاچنىڭ ئادەمگە گۈزەللىك بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، كۆركەم، چىرايلىق، يارىشىملىق چاچ شەكىللىرى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ چىراي گۈزەللىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پوسۇنى جەھەتتىمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.

      ‹‹ بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى شۇ ئايال ۋەكىللىك قىلغان مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرىدىكى مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس چاچ شەكلى بولغان .

     ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ ، پاكىز ياسىنىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ ، ئۆز چېچىنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چاچنى ھەر خىل شەكىلدە ياسىغان ۋە جىگدە يىلىمى، تۇخۇم، ناۋات، ئوسما، سىيادان قاتارلىق چاچقا پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چېچىنى ئاسرىغان ۋە چاچنىڭ ئۇزۇن، توم، كۆركەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ نىسبەتەن ئۇزۇن چاچ قويۇشقا ئادەتلەنگەن ، شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى چاچتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چاچ بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى ناھايىتى زىچ ئورگانىك بىرىكىپ كەتكەن. ئۇلار باشتىن – ئاخىر ئۇزۇن چاچ  قويۇشنى بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە بىر قاتار چاچ ياساش ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلغان. تارىختىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىدىكى ئاياللارغا ئائىت بولغان گۈزەللىك قاراشلىرىدا ئۇزۇن، توم بولغان سۈمبۇل چاچ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئاتىلار  سۆزلىرىدىمۇ خەلقىمىزنىڭ چاچقا بولغان ئالاھىدە چۈشەنچىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

      چېچىدا ئۇلىقى يوق، يۈزىدە يامىقى يوق.

      تاراقسىز چاچنىڭ زىننىتى بولماس.

      يۇقىرىقى ئاتىلار سۆزلىرىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى چاچ بىلەن زىچ بىرىكىپ كەتكەن.

      خەلق ناخشا – قوشاقلىرىدىمۇ ئاياللارنىڭ چاچ  گۈزەللىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن:

      ئاتۇش خەلق  ناخشىسى ‹‹ ئاللا خالىدەم ›› دە  مۇنداق مىسرالار بار:

      ئاللا خالىدەم، ئاللا بوستان چاچ،

      ئاللا خالىدەم، يارىم قەلەم قاش.

      ئاللا خالىدەم، قاشىڭغا كۆيدۈم،

      ئالدىڭدىن قاراپ خالىدەم، قاشىڭغا كۆيدۈم،

      كەينىڭدىن قاراپ خالىدەم، چاچىڭغا كۆيدۈم.

                       

                                      كۆل بويىدا ئولتۇرار ،

                                      سۇمبۇل چاچلىقىم .

                                      ئۆلتۈرەمدۇ – كۆيدۈرەمدۇ ،

                                      قارا قاشلىقىم .

       ئۇنىڭدىن باشقا خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ چاچنىڭ گۈزەللىكىگە ئائىت مىساللارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

      مەسىلەن:

      ‹‹ چىن تۆمۈر باتۇر ›› ناملىق خەلق چۆچىكىدە، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى مەختۇمسۇلا ئېرىق بويىدا چېچىنى تاراش جەريانىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېچى قالماقلار دۆلىتىگە ئېقىپ بېرىپ ئېرىقتا قولىنى يۇيۇۋاتقان قالماقلار شاھزادىسىنىڭ قولىغا ئىلىنىشىپ قالىدۇ، قالماقلار شاھزادىسى بۇ ئۇزۇن ھەم گۈزەل چاچقا قاراپ، مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاشق بولۇپ قالىدۇ...... مۇشۇ خىلدىكى مىساللاردىن بىز كىشىلەرنىڭ چاچقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىۋالالايمىز.

      ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاساسلىق چاچ ياساش شەكلى چاچنى ئۆرۈش، يەنى ئۆرۈمە چاچ شەكلىدىن ئىبارەت، چاچنى ئۆرۈشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولسا چاچ ئۈچ بۆلەككە  ئايرىلىپ، بۇ ئايرىلغان ھەر بىر بۆلەكلەر رەتلىك ھالدا بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتە تال چاچنى بىر قىلىپ ئۆرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

      ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئۈرۈمە چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەر شەكىللەنگەن. بۇ ئادەتلەر ‹‹ ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى ›› دېگەن كىتابتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئۇيغۇرلاردا توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچى 21،17، 15 ھەتتا 41 تال قىلىپ ئۆرۈلىدۇ. ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەمدە توي قىلمىغان قىزنىڭ پىشانىسىدە كوكۇلا چېچى بولىدۇ، قىزنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ َگەجگە قىسمىدىكى چاچ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چۈشۈرىلىدۇ. توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن قىز ياكى چوكاننىڭ كوكۇلا چېچى ئىككى تەرىپىگە قايرىلىدۇ. ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرى جۈپ ئۆرۈلىدۇ، چاچنى جۈپ ئۆرۈش ياتلىق بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ. ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار جۇۋان دېيىلىپ، ئۇلار ياڭاق سىكىلەك قويۇش بىلەن بىللە، چېچىنى 9،7،5 ... تال قىلىپ تاق ئۆرۈۋالىدۇ. بۇ تۇللۇقنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ياشانغان يەنى نەۋرىلىك بولغان ئاياللار ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئۇنى چاچ تەڭگە بىلەن چۈپلىۋالىدۇ.....

      ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ چاچ تۈرىگە ۋە ئۆرۈلگەن چېچىنىڭ تاق ياكى جۈپلىكىگە قاراپ، ئايالنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان، ياشانغان ئايال ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى ۋە ياكى ئۇنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇشىدا يەنە بىر قاتار پەرھىزلەرمۇ بار. توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچىنى توي قىلىپ بولغان ئاياللارغا ئوخشاش ياسىشى ۋە تۈرمەكلىشى چەكلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلىپ سالسا ئۇلارنىڭ توي قىلمىقى تەس بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى چاچنى بەخت ۋە بايلىق دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ‹‹ چاچ قانچە ئۇزۇن بولسا، شۇنچە بەختلىك بولىدۇ ›› دەپ قاراپ چۈشكەن چاچلارنى ھەرگىزمۇ يەرگە قالايمىقان تاشلىماي يىغىپ ساقلايدۇ.

     ئاياللار ئوڭايلىقچە چاچنى كەسمەيدۇ. ئەگەر كېسىشكە توغرا كەلسە، ھەسەن – ھۈسەن چىققاندا چاچنى پالتا بىلەن كېسىدۇ، ئېيتىشلارغا  قارىغاندا، بۇنداق قىلغاندا ئۆسۈپ چىققان يېڭى چاچ ھەم ئۇزۇن، ھەم كۆپ بولارمىش.

     چاچ تاراش جەھەتتىنمۇ بىر قىسىم پەرھىزلەر بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا چاچنى قۇرۇق تاراش چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر چاچنى قۇرۇق تارىسا ‹‹ قۇرۇق سۆز – چۆچەككە قالىدۇ ›› دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنە ھەپتىنىڭ ئۈچى ۋە تۆتى چاچ تارىسا بولمايدۇ. ھەپتىنىڭ ئۈچى چاچ تارىسا شۇ ئايالنىڭ يولدىشىغا خەۋپ يېتەرمىش، ھەپتىنىڭ تۆتى چاچ تارىسا، يىراقتىكى تۇغقىنى بىلەن كۆۈشەلمەسمىش. شۇڭا ئاياللار ئادەتتە ھەپتىنىڭ بىرىنچى ۋە بەشىنچى كۈنى چاچ تارىشىدۇ. بولۇپمۇ قىزلار ھەپتىنىڭ بەشى چاچ تارايدۇ. بۇنداق قىلغاندا بەختنى ئاشۇرغىلى بولارمىش. بەزى يەرلەردە يەنە كېچىدە چاچ تاراش مەنئى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ  قۇربان ھېيتىن بۇرۇنقى بىر ھەپتە ئىچىدە، روزا ھېيت ۋە  قۇربان ھېيت كۈنى چاچ تاراش چەكلىنىدۇ. بۇ پەرھىزلەر بەلكىم خاسىيەتلىك ۋاقىتلاردا  مەينەت نەرسىلەرنى قالدۇرماسلىق سەۋەبىدىن بولسا  كېرەك. ئاياللار چاچ تارايدىغان ئورۇن جەھەتىنمۇ پەرھىزلەر بار بولۇپ، ئادەتتە كۈن نۇرى چۈشكەن جايلاردا چاچ تارالمايدۇ.

     ئاياللار چاچ تارىغاندا چاچنى يانتۇ ئايرىش چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر يانتۇ ئايرىلسا ئۇ دۇنياغا بارغاندا بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى – يامان ئىشى ھەقىقىي، ئادىل ھالدا ئايرىلمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. قارىغاندا بۇ بىر خىل دىنى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئادەت بولسا كېرەك.

     ئىسلاھات ۋە ئىشكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھلىرىدىكى خەلقىئارالىق ئالماشتۇرۇش كۈچەيدى. چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بولۇپم شەھەرلەرگە بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. ئۆز گۈزەللىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر  ئاياللىرى ئۆزلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىش جەريانىدا چەت ئەل ئاياللىرنىڭ خىلمۇ خىل چاچ پاسونلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىنى كېسىپ، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلارنىڭ تۈرلۈك ‹‹ قولايسىزلىقلىرىنى ›› يوقىتىشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشۇپ تېقىملىرىدا ‹‹ ئوينايدىغان ›› ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلار كۆز  ئالدىمىزدىن ئاستا – ئاستا يوقالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلاردىكى چاچقا قاراپ ئۇيغۇر  ئاياللىرىنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان.... ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش ئادىىتىمۇ يوقالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئۆرۈمە چاچ شەكلى ئاساسەن تاق ئۆرۈمە، قوش ئۆرۈمىدىن ئىبارەت.

      ئەممان كەڭ يېزىلاردىكى ئاياللار ئادەت كۈچى ۋە ئەنئەنىنىڭ تەسىرىدە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى جىگدە يىلىمى، تۇخۇم، ناچات، ئوسما، سىيادان قاتارلىق چاچقا  پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، چاچلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، توم ھەم كۆركەم بولۇشىنى  ئىزدىمەكتە. [1]

  1. مۇھەررىر : قەيـسەر؛ مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى؛ ۋاقىت: 2009- 03- 27 15:16 ؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-03/27/content_172461.htm