ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە
ئۇيغۇر ئۆرپ _ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە
(1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! >> (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم .
(4) چوڭلار كىچىكلەرنى "بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم )" دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا "ئالجىغان" ، "قېرىغىنىنى تۇيمىغان" ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەت چوڭلارنى "دادا" ، "بوۋا" ، "موما" ، "ئانا" ، "ئاكا ، ئاچا" دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ، "ئەدەبسىز" ، "تەربىيە كۆرمىگەن" دەپ قارىلىدۇ .
(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا "كۆيۈمسىز" ، "مېھرى يوق" ، "باغرى قاتتىق" ، "كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(6)سىرداش دوست - ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى "سىز" ، "سىلى " ..... دەپ ئاتىشى لازىم ، "سەن" دېيىلسە "كۆزگە ئىلمىغانلىق" ، "پەس كۆرگەنلىك" دەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كېيىن "ئۆيگە باشلاي" ، "خىزمەتتە بولاي" دېيىش لازىم . بولمىسا "قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق " دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا "قائىدىسىز" ، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت" دەپ ئەتىبلىنىدۇ .
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم .
(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان "قېنى باقىلىي" دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ .
(12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ .
(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ .
(14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
(15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ .
(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .
(18) مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ .
(19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ .
(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . "تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان .
(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، "رەھمەت" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم .
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . "ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن .
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ .
(24) غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ" ، " ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(25) مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى " ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ " ، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ" ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ .
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا " ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق" ، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(28) مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(29) يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ .
(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا " بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(32) يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ .
(33) ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ .
(34) ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(35)كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭەە " دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان .
(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
(37) تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ .
(38) نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى "تۇزۇم ئۇرسۇن" ، "تۇزكور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور" دەپ قارىلىدۇ .
(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
(40) سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى "تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ" ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا - تەگبىر قىلماي ، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش "يامان بولىدۇ" ، "پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
(41) چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلەەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ .
(42)ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش .
(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ .
(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ .
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(46) چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ .
(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشڭغۇچى "سۇخەنچى ، تەخسىچى...." دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(51)چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(52) ئەر - ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى "پالاكەت باسىدۇ" ، دەپ قارىلىدۇ .
(53) ئات - كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن - كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز - ئۆردەك ، توخۇ ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك .... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي - كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ .
(54) ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
(55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
(56) زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ .
(57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ .
(58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ .
(59) كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ .
(60) كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن قەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ .
(61) قۇدۇق ، ئېرىق - ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتىانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ .
(62) زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جىمىيەت لەنەت - نەپرەت ياغدۇرىدۇ .
http://blog.retim.cn/
مەنبە : ئۇيغۇر ئۆرۇپ ئادەتلىرى دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى