Jump to content

ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، تۈركىيەدە يورۇق كۆردى. مەزكۇر ئەسەر 26-ئاپرېل كۈنى نەشردىن چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار يازغان تۇنجى قېتىملىق «ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى» ئىكەن. مەزكۇر كىتابقا 1300 دىن كۆپرەك ماددا تاللانغان بولۇپ، مەزكۇر سەككىز تومغا 920 ماۋزۇ كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئېنسىكلوپېدىيەنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ قامۇسنى يېزىپ چىقىش پىكرىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەدىكى خىلمۇ-خىل ئېنسىكلوپېدىيەلەردىن ئىلھام ئېلىپ، 2021-يىلى 4-ئايدا ئۆز ئالدىمغا تۈزۈپ چىققان 333 ماددىلىق، 220 بەتلىك ‹ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى› ناملىق كىتابنى نەشر قىلىپ تارقاتقان ئىدىم. مەزكۇر ئېنسىكلوپېدىيە تارقالغاندىن كېيىن بىر قەدەر مۇكەممەل، بىر قەدەر تولۇق ماددىلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بىر ‹ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيەسى› تۈزۈش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىۋاسىتە قوللىشى بىلەن 10 توملۇق قامۇسنى 2021-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە يېزىپ پۈتتۈرۈشنى پىلان قىلغان ئىدۇق. ئاللاھغا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، قامۇسقا 1300 دىن ئارتۇق ماددا تاللانغان ئىدى. بۇلاردىن 920 ماددىدىن تەركىب تاپقان سەككىز توملۇق قىسمى كىتابخانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى. ھازىرغىچە مەنبە تېپىلمىغان ۋە يېزىلىپ بولالمىغان 300 دىن ئارتۇق ماددا كېيىنكى قوشۇمچە توملىرىغا قالدۇرۇلدى.»

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]