ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىدىكى نەقىش ۋە كاھىش

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلار ئۆي - ئىمارەتلەرگە نەقىش ئويۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆي - ئىمارەت نەقىشلىرى شەكىل جەھەتتىن سىر ياكى رەڭ بىلەن سىزىلغان رەڭلىك رەسىملەر، گەج نەقىشلىرى، قاپارتما نەقىشلەر، ئويما نەقىش قاتالىق بىر قانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ.

رەڭلىك رەسىم شەكىلدىكى نەقىشلەر كۆپرەك مېھمانخانا ئۆينىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرىگە، مېھرابنىڭ گىرۋەكلىرىگە، تەكچىنىڭ ئەتراپىغا، ئۆينىڭ ئۈستىدىكى خادا ياغاچ (لىم) ۋە بالا بېشىغا، ئايۋان - ساراي، پېشايۋانلارنىڭ كۆرۈنەرلىك جايلىرىغا سىر ياكى رەڭ بىلەن ئۆزىگە خاس شەكىل ۋە ئۇسلۇبتا كۆركەم ۋە ئوبرازلىق قىلىپ سىزىلىدۇ. ئۇنىڭغا كۆپرەك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ماس كېلىدىغان ھەرخىل مەنزىرىلەر، گۈللەر، قول - ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ شەكلى... قاتارلىقلار سىزىلىدۇ. ئادەمنىڭ سۈرىتىنى نەقىش قىلىپ سىزىش ئادىتى يوق. چۈنكى، خەلق ئارىسىدا، <ئادەمنىڭ سۈرىتى سىزىلسا ئۇدۇنياغا بارغاندا ئۇ سۈرەت جان تەلەپ قىلىدۇ> دەيدىغان دىنىي قاراش ئومۇملاشقان.

ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىدە گەج نەقىشلىرى ھەممىدىن كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرگەن كىشلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆيلىرىنى گەجخاھ قىلىدۇ. يەنى پىشۇرۇلغان ھاك ئۇنىغا مەلۇم ئۆلچەم بىلەن تۇخۇمنىڭ ئېقى، توزغاق، ئاز مىقداردا قۇمشېكەر، قۇم ياكى سېمونت ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئۆي تاملىرىنى سۇۋۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا گەج نەقىشلىرى ئىشلىنىدۇ. بۇنداق نەقىشلەرنىڭ شەكلى ھەرخىل بولۇپ، بەزىلىرى بىر ئورگاننى نۇقتا قىلىپ ئىككى يانغا ياكى تۆت تەرەپكە داۋاملاشسا، يەنە بەزىلىرى، يۇمىلاق، تۆت چاسا، ئۈچ بۇرجەك، روجا شەكىللىك، بادام شەكىللىك، يۇلتۇز، ئاي، نۇر شەكىللىك بولىدۇ. ئومۇمەن بۇ نەقىشلەرنىڭ ئېلېمېنتلىرى گېئومېترىك شەكىلدىكى مۇرەككەپ سىزىقلار بىلەن بىر - بىرىگە ماس كەلتۈرۈلگەن ھالدا ئارىلىقلىرى رەتلىك ۋە جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ ۋە سۆيۈندۈرىدۇ.

ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش ئۇسلۇبلىرى ئىچىدە گىرۋەك نەقىشى ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە شەكلى بىلەن باشقا نەقىش تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. گىرۋەك نەقىشى كۆپىنچە مۇنار، گۈمبەز، تۈۋرۈك، ئىشىك قاتارلىقلارغا قاپارتما شەكىلدە ئويۇلىدۇ. ئۇ ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ، شەۋلان، كۆپۈشەك، كەكلىك قېشى، قەنخىش، توقۇناق، زەنجىر، بادامچە، پىلتە، ناۋا، غۇنچە، زونجى، نەمۇيان، سوخەر، ئانار، چېچەك، مودەن، ئۈزۈم، شەددە، سولا، يورۇق، پىچىنە، زەمىس، ئېسىلما، سەبدە، گۈلشەن، قوشقۇزاق، نەستە، كەلكۈن، بېلىق قاسىرىقى، رېشات، كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ھەشقىپېچەك، ساندۇقچە، گېزەك، تالا، يوپۇرماق، تۇمارچە، زەنجىر، پەتنۇسچە، قىيپاش زەنجىر، گۈل - گىياھ قاتارلىقلارنى سيۇژىت قىلغان ئاساستا ئىشلىنىدۇ ۋە نەقىش تۇرىمۇ مۇشۇ نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. گىرۋەك نەقىشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

ئۇيغۇر بىناكارلىقىدا ئىشلىتىلىدىغان كاھىش ئاساسەن يېشىل ۋە زەڭگەر رەڭدە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىنەپشە رەڭ، ھال رەڭ، ئاق رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭلىك كاھىش ۋە قاپارتما چىقىرىلغان كاھىشلارمۇ بار. كاھىش مەخسۇس خۇمداندا پىشۇرۇلۇپ تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، رەڭگى ئۆڭمەسلىك ۋە چىداملىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. كاھىش كۆپىنچە مەسچىت، جامە، زىيارەتگاھلىقلار، گۈمبەزلەر ۋە بۈيۈك زاتلارنىڭ مازارلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق كاھىشلارغا گۈل چېكىلىدۇ. كاھىشلار ئۈچ بۇرجەك، تۆت بۇرجەك، ئالتە بۇرجەك ۋە رومبا شەكىللىك ياسىلىپ، ئۇلارنى ماس ھالدا گىرەلەشتۈرۈپ تىزىش ئارقىلىق ھەر خىل نەقىشلەر ھاسىل قىلىنىدۇ. خىشلارنى ھەر خىل شەكىلدە ياساپ گېئومېترىك شەكىلدە تىزىش ئارقىلىق ھاسىل قىلغان بۇنداق نەقىشلەر بىناغا كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك تۈس كىرگۈزىدۇ. (ئا)