ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا

ئورنى Wikipedia

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

تىل پەقەت كىشىلەر ئاراسىدىكى ئالاقەلەشىش قورالى ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا كىشى بىلەن تەبىئەت، كىشى بىلەن تەڭرى، كىشى بىلەن ئۆتمۈش، كىشى بىلەن كەلەچەك ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقەلەشىش قورالىدۇر. شۇڭا تىل بۇزۇلسا، تەبىئىي ھالدا بۇ ئالاقەلەرمۇ بۇزۇلىدۇ. كۇڭزىنىڭ، تىلنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت فونكىسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى بايانى ھەممىمىزگە مەلۇم. “ئەگەر بىر دۆلەتتە ئەمەلدار بولغان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن نېمە قىلاتتىڭىز؟“ دەگەن سوئالغا كۇڭزى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “شەك-شۈبھىسىز، ئالدى بىلەن تىلنى تۈزەتكەن بولاتتىم. چۈنكى تىل بۇزۇق بولسا، سۆزلەر پىكىرنى توغرا ئىپادەلەيەلمەيدۇ، پىكىر توغرا ئىپادەلەنمەسسە، قىلىنىدىغان ئىشلەرنى توغرا قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ۋەزىپەلەر توغرا ئىجرا قىلىنماسسا، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت بۇزۇلىدۇ، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت بۇزۇلسا، ئادالەت خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئادالەت يولدىن چىقىپ كەتسە، گاڭگىراپ قالغان خەلق نېمە قىلىشىنى، ئىشلەرنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ناھايىتى مۇھىم.” بۇنىڭدىن قاراغاندا بىر مىللەتنى يوقاتىش ئۇنىڭ تىلىنى بۇزۇش بىلەن باشلانىدۇ. [1]

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاتالمىش ئازاتلىقتىن كېيىنكى 60 يىل جەريانىدا ئېلىپبە، ئىملا ۋە سىڭگارمونىزم (تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى، تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قانۇنى) جەھەتتىن ئاغىر دەرىجەدە بۇزۇلغانلىقى ياكى بۇزۇۋەتىلگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. 60 يىل ئىچىدە 2 قېتىم ئېلىپبە ئالماشتۇرۇلۇپ 5 قېتىم ئىملا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەرگىزمۇ تەسادىپىي ياكى تەبىئىي ئەھۋال ئەمەس. بۇ جەرياندا ئەڭ چوڭ ۋەيرانچىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ سىڭگارمونىزمى، يەنى تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قانۇنىدا كۆرۈلدى. سىڭگارمونىزم تۈرك تىلىنىڭ، جۈملەدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدەلىكلەرىدىن بىرى. بۇ ئالاھىدەلىكنىڭ بۇزۇلۇشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلىشى دېمەكتۇر. تەتقىقاتلاردىن قاراغاندا، بۇ بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ї نىڭ سوزۇق تاۋۇش سېستىمىسىدىن چىقىرىپ تاشلىنىپ ئۇنىڭ ئورنىغا جانلىق تىلگە خاس ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىش قائىدەسىنىڭ دەسسىتىلىشىدۇر. ھالبۇكى ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدە كۆرۈلمىگەن. مەسىلەن، 1948-يىلى نەنجىڭدە تۈزۈلۈپ باسىلغان ئۇيغۇرچە ” ئوقۇما كىتابى ” [2] دىكى سۆز ۋە ئىپادىلەرگە قاراپ باقايلى:

ئاچىلغان، ئاچىپ، ئاغىز، ئاقىپ، ئالىپ، ئارقالىق، ئاتالادۇر، ئاتا-ئاناسى، ئاتاغان، ئاتوم بومباسى، ئاڭلاغاندىن، ئاراللارىغا؛ بالا چاقالارى، بولۇر ئىدى، بارىپ، باشلادى، بولۇدۇ؛ چىچەكلەرى، چىقارىپ؛ دەرەخلەرىنىڭ، دەرۋازاسى، دەريالارى؛ گاچالار مەكتەبىنىڭ؛ ئىنسان بالاسى، ئىشلەرى؛ كىمەگە؛ قاش تاشى، قىلار ئىدى، قىرغاقىغا، قۇچاغلاشىپ؛ ماڭىپ، ئويۇن ئويناغان، ئويلادى، ئۆزلەرىنىڭ، ئۆزگەرىش؛ پاختالار؛ رەسىم يازىقى؛ ساچىپ سالىپ، ساتىپ ئالىپ، سۇغارىدۇ، سۇلارىدىن، سۇيى؛ تاغلارىدىن، تاغى، تاشىداكى، تۆرت؛ ئۇچراشىپ؛ ياقىن، يازىق

ھەتتا گۇننار ياررىڭ 1930-يىللاردا قەشقەر، خوتەن، گۇما ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردىن توپلاپ 1940-يىللاردا نەشىر قىلدۇرغان ماتېرياللاردىمۇ ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى ئانچە گەۋدىلىك بولمىغان.

ئاقسۇ دېگەن شەھەردە/ بىر باي بار دېيتۇ./ ئۇ باينىڭ ئەمدى/ تۆت قىزى بار دېيتۇ./ بىرىنىڭ ئاتى ھەلىمەخان/ بىرىنىڭ ئاتى سەلىمەخان/ بىرىنىڭ ئاتى قومۇش ئاغىچا/ بىرىنىڭ ئاتى كۈمۈش ئاغىچا/ ماڭا تېگەملا خانىم دېسەم/ ساڭا تېگىمەن دېيتۇ./ بىر سۆيەپ قوياڭ دېسەم/ تاۋار ئەكىلىڭ دېيتۇ./ تاۋارچى ئەمەس/ دۇردۇنچى ئەمەس/ تاغارچى ئەمەس/ قايداغ قىلىمەن يارىم، دېسەم/ يارغا مەيلىڭىز بولسا ئوغۇل/ تاۋار ئەكىلىڭ دېيتۇ./ ئالدىمچە ماڭىپ/ كەينىمچە يانىپ / ئۆيەمگە كىرىپ/ ساندۇقنى ئاچىپ/ تىزامنى قوياپ/ داچەننى ئالىپ/ خۇجۇنغا سالىپ/ قۇلۇپنى سالىپ/ ئاغىلغا كىرىپ/ ئاغماقنى توقۇپ/ خۇجۇننى سالىپ / ئاغماقنى مىنىپ/ بەيجىڭگە بارىپ/ سودىلار قىلىپ/ باي خوجام بولاپ/ پوزۇللنى ئاچىپ/ تاۋارنى ئالىپ/ ئېشەككە ئارتىپ/ تۆشنىما تارتىپ/ يارىم قاشىغا كەلسەم/ كېلىڭ مەشۇقىم دېيتۇ./بىر سۆيەپ قوياڭ دېسەم/ دۇردۇنىڭ قېنى دېيتۇ. [3]

يۇقارىقى تېكستتىكى ئىشارەتلەنگەن سۆزلەردە ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى مەيدانغا كەلمىگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى چاغاتاي تىلى دەۋرىدە قىسمەن مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، ئومۇمىي خاراكتېرلىق ئەھۋال ئەمەس ئىدى. [4] ئۇنداقتا بۇ ئۆزگەرىش ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قاچان، قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن ئوتتۇراغا چىققان؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملەرى مۇنداق دەيدۇ:

”ئەپسۇسكى، 1953-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۈركچەسىگە ئېلىپبە تەييارلىغان كىشىلەر كەلگۈسى يۈزلەنىشنى ياخشى كۆرەلمىگەنلىكى ۋە تىلشۇناسلىق بىلىمىنىڭ كەملىكى تۈپەيلى ئەسلىدە ئۇيغۇر خەلق ئاغىز تىلىنىڭ ئالاھىدەلىكى بولغان /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشىنى يازىقتا ئىپادىلەشتىن ئىبارەت تارىخىي بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن. مەنىڭچە /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشىنىڭ يازىقتا ئىپادىلەنىشى ئۇيغۇرلارنى باشقا تۈرك خەلقلەرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئايرىم بىر تىل بەرپا قىلىش مەقسەتىگە خىزمەت قىلىدىغان يامان بىر قەدەم بولغان.“ [5]

بۇ بايانلار سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆزبەك ئەدەبىي تىلى ئۈستىدە ئوچۇق ئاشكارا ئالىپ بارىلغان سىياسىي مانىپۇلاسيوننى ئەقلىمىزگە كەلتۈرىدۇ. روس تىلشۇناس پالىۋانوۋ 1922-يىلى ئۆزبەك ئەدەبىي تىلى ئۈچۈن 6 سوزۇق تاۋۇشى بولغان، ئاھاڭداشلىق بولمىغان تاشكەنت شىۋەسىنى ئاساس ئالىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نەتىجەدە ئۆزبەكچەدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قائىدەسى يوق قىلىنغان. [6] خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيەتىمۇ 60 يىل جەريانىدا تىلنى خەلققە ياقىنلاشتۇرۇش دەيدىغان كومۇنىست ئىدېئولوگىيەگە خاس چۈشەنچە، پوزىتسىيە ۋە تىل سىياسەتى ئارقىلىق جانلىق تىلنىڭ ئەدەبىي تىلگە ھاكىم بولۇشى ۋە بۇنىڭ نەتىجەسىدە ئاغىز تىلىگە خاس ئامىللەرنىڭ كۆپلەپ ئەدەبىي تىلگە كىرىشىگە ئىمكان ياراتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئىچكى قانۇنىيەتىنى بۇزغان. خىتاي تىلشۇناسلارى جانلىق تىلگە خاس /ئا/، /ئە < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشىنى ئۇيغۇر تىلىنى باشقا تۈرك دىيالېكتلەرىدىن ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ بېكىتكەن. [7] بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى سىياسىي خاراكتېرلىق بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. بىر قىسىم غەيرى نىيەتتىكى كىشىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېتىك سېستىمىسىنى بۇزۇشقا تىرىشىپلا قالماي، خىتايچەدىن ھەدەپ سۆز-ئىبارە ئالىشنى تەشەببۇس قىلىپ تىلىمىزنىڭ لېكسىك سېستىمىسىنىمۇ بۇزۇشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن “جوڭگوڭ جوڭياڭنىڭ خوۋبۇ ۋېييۈەنى، شىزاڭ جىياچا ناھىيىسى ئاۋاڭگارت گۇڭشېسى گېمىڭ ۋېييەنخۈينىڭ جۇرېنى ياڭجوڭ گۇڭشى كادىرلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىشنى…مۇزاكىرىلەشمەكتە.” [8] جۈملىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلشۇناس ۋە زىيالىيلارى ھوشيارلىق بىلەن مەسىلەنى بايقاپ بۇنى تۈزەتىش ئۈچۈن تەكلىپ پىكىرلەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نەزەرگە ئالىنمىغان. [9]

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ سىڭگارمونىزمىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى قانداق بىر ئۆزگەرىش؟ بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟ بۇنى بىر قائىدە ياكى قانۇن سۈپەتىدە قوبۇل قىلىشقا بولامدۇ؟

پروفېسسور ئابدۇرائوپ پولات تەكلىماكانى ئۆزىنىڭ “ئۇيغۇر تۈركچەسىندەكى ئا، ئە سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ ئې، ئى غا ئۆزگەرىشى ۋە سەۋەبلەرى“ ناملىق ماقالەسىدە بۇنى مۇنداق تۆرت سەۋەب بىلەن ئىزاھلاپ ئۆتكەن:

1 – ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساس ئۇرغۇ ئۈستىدىكى تەلەپپۇزىنىڭ باشقا تۈرك خەلقلەرىدىن پەرقلىق بولۇشى سەۋەب بولغان. بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ئاساس ئۇرغۇ يېڭى ئۇلانغان قوشۇمچە ئۈستىگە يۆتكەلىپ ئەسلىدىكى ئاساس ئۇرغۇ ئىككىنچى دەرىجەدىكى ئۇرغۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن: كان- ﻰ – كېنى، يار- ﻰ– يېرى پەن- ﻰ – پېنى، تەن- ﻰ – تېنى

2 – ئې سوزۇق تاۋۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر تۈركچەسىدىكى /ئا/، /ئە/ سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ / ئې/، /ئى/ گە ئۆزگەرىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان شەرت-شارائىتنى تەييارلىغان.

3 – ئۇيغۇر تۈركچەسىدىكى /ï/ سوزۇق تاۋۇشىنىڭ يوقاپ كەتىشى /ئا /،/ ئە / سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ /ئې /، /ئى/ گە ئۆزگەرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

4 – ئۇيغۇر خەلق ئاغىز تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالاھىدەلىكلەرىنىڭ تەسىرى بىلەن /ئا/، / ئە / < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى ئوتتۇرىغا چىققان. [10]

بىزچە، كۆرسىتىلگەن بۇ تۆرت سەۋەبنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنىڭ ئىلمىي ئاساسى كۈچلۈك ئەمەس. بىرىنچى سەۋەبتىكى ئۇرغۇ مەسىلەسىگە كەلسەك، سۆزلەردىكى ئۇرغۇ پۈتۈن تۈرك دىيالېكتلەرىدە ئورتاقلىققا ئىگە. مەسىلەن تۈركىيە تۈركچەسىدىمۇ يەر-ﻰ – يەرى؛ تەن-ﻰ – تەنى، گەل-ىر – گەلىر سۆزلەرىدىكى ئە ئۇيغۇرچەدىكى ئې غا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. لەكىن بۇ تۈركچەدە ئايرىم بىر سوزۇق تاۋۇش ھېساپلانمايدۇ. ئىككىنچى سەۋەبتە كۆرستىلگەن ئې سوزۇق تاۋۇشى چاغاتاي تىلىدە بولمىغان، جانلىق تىلگە ئائىت بىر تاۋۇشتۇر. [11] ئۈچۈنچى سەۋەبكە كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ئى [ï ] گەرچە ئېلىپبەدە ئىپادە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. قىز، قىزىل، قىرغاق، قىرغىن، قىزغىن دەگەن سۆزلەردىكى ئى ئەسلا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئى ئەمەس، بەلكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ï دۇر. بۇ تاۋۇش يوق پەرەز قىلىنىپ بۇنىڭ ئورنىغا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئى ئىشلىتىلگەچكە، ئى سوزۇق تاۋۇشى ئا، ئە سوزۇق تاۋۇشلارىنى ئۆزىگە ئوخشىتىش، يەنى ئاجىزلاتىش رولىنى ئويناپ ئاغىر قالايمىقانچىلىققا سەۋەبچى بولغان. مەسىلەن: باش-ﻰ -دا – بېشىدا؛ ئات- ﻰ -غا – ئېتىغا، بېلىق< بالىق -قا ، يېقىن-غا < ياقىن، تېقىم < تاقىم -غا ، يېرىق < يارىق -قا ، تېرىق< تارىق -قا … بۇ مىساللاردا ئى تاۋۇشى گەرچى ئا نى تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشاتىپ ماسلاشتۇرالىغان بولسىمۇ، ئۆزىدىن كەيىنكى -دا ۋە –غا/-قا قوشۇمچىسىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىشى، يەنى ئاھاڭداشلىقى يەنىلا ئەمەلىيلەشمىگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدە بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە مەسىلەنىڭ نېگىزى تۆرتىنچى سەۋەبتۇر. جانلىق تىلگە خاس بۇ ئۆزگەرىش ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېتىك سېستىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاغان. شۇڭا يات بىلىم ئادەملەرىنىڭ /ئا/،/ ئە/ > /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشكە قىزىقىشى بىھۇدە بولمىغان.

ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەقسەتىمىز تىلشۇناسلارىمىز ۋە زىيالىيلارىمىز ئاللىقاچان بايقاپ ئوتتۇراغا قويغان مەسىلەلەرنى قايتادىن ئوتتۇراغا قويۇش ئەمەس، بۇ مەسىلەلەرنى قانداق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭچە، ئەدەبىي تىلىمىزدە خىلمۇ – خىل سىياسىي ۋە غەيرى نىيەتلەر بىلەن ياراتىلغان بۇ سۈنئ‍ىي ھادىسەنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلەنىڭ تۈزەتىلىشى شەرت. بۇ مەسىلەنىڭ تۈزەتىلىشى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يازىق، ئىملا، فونېتىك، مورفولوگىيە ۋە تەلەپپۇز سېستىمىسى بويىچە بىر ئىسلاھات، بىر ئىنقىلاب ئالىپ بەرىشمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ئاسان بىر ئىش ئەمەس، نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلىدۇ. ۋەتەندىكى زىيالىيلارىمىز خىلمۇ – خىل چەكلەمەلەر سەۋەبلىك مەزكۇر مەسىلەنى تۈزەتىش ئىمكانىغا ئىگە بولالمىغان بولسىمۇ، لەكىن ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئىمكانى بار دەپ ئويلايمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھازىرچە جانلىق تىلگە مۇداخىلە قىلماستىن، يازىق تىلى دائىرەسىدە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئۈچۈن بىر قانچە تەكلىپ – پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز.

1 – ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىش قائىدەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. بۇنى پروف. در. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىمۇ تەكىتلەگەن. [12] چۈنكى ئەدەبىي تىلىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىلەلەرگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان مۇشۇ قائىدەدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدە سۆزلەرنىڭ يىلتىزىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلىپ بېكىتىش كېرەك. مەسىلەن ئات- ﻰ − ئاتى، باغ- ﻰ − باغى، تاغ- ﻰ − تاغى ، ئانا-سى − ئاناسى، ئاتا-سى − ئاتاسى، بالا-سى − بالاسى…

2 – سۆز يىلتىزىگە ئۇلانغان كۆپلۈك قوشۇمچەسى -لار/-لەر ئاجىزلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: بالا-لار- ﻰ − بالالارى، ئانا-لار- ﻰ − ئانالارى، ساچلار- ﻰ −ساچلارى، ئۆز-لەر- ﻰ − ئۆزلەرى، ئەل-لەر- ﻰ − ئەللەرى، كۆز-لەر- ﻰ −كۆزلەرى، سۆز-لەر- ﻰ − سۆزلەرى…

3 – ئۇيغۇر تىلىدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ï مەۋجۇت. بۇ تاۋۇشنى ئۇيغۇر كونا يازىقىدا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئايرىم بىر ھەرپكە ئېھتىياج بولماسىمۇ، ئىنتېرنېت لاتىن يازىقىدا ئايرىم بىر ھەرپكە ئېھتىياج بار. بۇرۇن بۇ تاۋۇش ترانسكرىپسىيە ئېلىپبەسىدە ï ھەرپى بىلەن ئىپادەلەنىپ كەلىنگەن ئىدى. مەنىڭچە بۇ تاۋۇشنى ئىپادەلەش ئۈچۈن تۈركچەدىكى ı ھەرپىنى قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق. ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئىنتېرنېت يازىقىدا تۈركچەدىن ئالىنغان Öۋە Üھەرپلەرى ئىستېمال قىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ مۇۋاپىق كۆرۈلمەسە، ئى ھەرپىنىڭ ھەم تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئى نى، ھەم تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ï نى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك. تۈركچەدىمۇ بۇنداق ئەھۋال بار. مەسىلەن: تۈرتكچەدە ك ھەرپى ھەم ك ھەم ق تاۋۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھ ھەرپىمۇ ھەم ھ ھەم خ تاۋۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

4 – ئىش-لار، ئىشچى-لار، تىل-لار، ئىز-لار، ئىش-قا، تىل-غا، ئىز-غا قاتارلىق سۆزلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىش-لەر، ئىشچى-لەر، ئىز-لەر، تىل-لەر، ئىش-كە، تىل-گە، ئىز-گە شەكلىندە يازىلىشى كېرەك. چۈنكى ئىش-لار، ئىشچى-لار، تىل-لار، ئىز-لار قۇرۇلمالارى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قائىدەسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. ئەسلىدە بۇ ئەھۋال چاغاتاي يازىقىنىڭ نائەھلى كىشىلەر تەرەپىدىن خاتا ئوقۇلۇشى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. مەلۇم بولغاندەك، چاغاتاي يازىقىدا ( ا )، ( ہ ) ھەرپلەرى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قائىدەسىگە ئاساسەن بەزىدە ئا بەزىدە ئە ئوقۇلىدۇ. جۈملىدىن( -لار )، (-ﻟﺮ ) قوشۇمچەلەرىمۇ بۇ قائىدەگە ئاساسەن بەزىدە -لار بەزىدە -لەر ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:

اشلار ( ئىشلەر )

تاغلار (تاغلار )

زامانلاردە (زامانلاردا )

يگرمە ( يىگىرمە )

اشلر ( ئىشلەر )

پاختاﻟﺮ ( پاختالار )

بۇ مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەرنى ئۆزى بىلگەنىچە ئوقۇۋېلىشى ۋە خاتا ئوقۇلغان سۆزلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنىشى ئارقاسىدا يۇقىرىقىدەك قۇرۇلمالار پەيدا بولغان.

5- سۆز تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار چۈشۈرۈلمەي يازىلىشى كېرەك. مەسىلەن: تۆرت، قارغا، ئورما، ئورغاق، بۆرك، يارما…

6- جانلىق تىلنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن بېلىق، يېقىن، يېرىق، يېرىم، ئېتىش، ئېلىش، ئېيتىش، سېلىش، سېتىش، مېڭىش دېگەندەك سۆزلەر يارىم، بالىق، ياقىن، يارىق، ئاتىش، ئالىش، ئايتىش، سالىش، ساتىش، ماڭىش شەكلىدە يازىلىشى كېرەك.

7- چەتئەللەردەكى تىلشۇناسلارىمىز ھەر خىل سىياسىې بېسىم ۋە سىياسىي خاھىشتىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي فونېتىكاسىغا ئاساسەن ئىلمىي ئاساستا يېڭى بىر ئىملا لۇغەتى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىسلاھاتقا، ئىنقىلابقا ئېھتىياجى بار، بولمىسا ئجانلىق تىلنىڭ، يەنى ئاغىز تىلىنىڭ ھاكىمىيەتى ئاستىدا تېخىمۇ بۇزۇلۇپ كەتىش ئېھتىمالى بار. جانلىق تىلدە قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەدەبىي تىلدە سۆزلەر فونېتىكالىق، مورفولوگىيەلىك قانۇنىيەتى بويىچە يازىلىشى شەرت. بۇ مەسىلەگە يۈكسەك مىللىي ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراشىمىز ۋە جىددىي پوزىستىيە تۇتۇشىمىز كېرەك. بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باشقۇرۇشى ئاستىدا چىقىدىغان “ئۇيغۇر مەدەنىيەتى تەتقىقات ژۇرنالى” ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا بۇ تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئارقالىق كەلگۈسى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك ياراتماقچىمىز. ئەلۋەتتە يۇقارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى بىراقلا تەدبىقلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، بۇلارنى پەيدىن – پەي تەدبىقلاشقا تىرىشىمىز. بۇ جەريانىدا نۇرغۇن زىددىيەتلەرگە، قىيىنچىلىقلارغا ۋە كۈتمىگەن مەسىلەلەرگە دۇچ كەلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا چەتئەللەردىكى يازغۇچى، شائىر، ژۇرنالىست، نەشرىياتچى ۋە ئىلمىي خادىملارىمىزنىڭ تەنقىد، تەكلىپ، تەۋسىيەسىگە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتى بىلەن قوللاشىغا ئېھتىياجىمىز بار. چەتئەللەردىكى زىيالىيلارىمىزنىڭ بۇ ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ۋەزىپەدە ئۆزلەرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد ۋە تەلەپ قىلىمىز.

مەنبەلەر:

[*1] بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى تەرەپىدىن 2013-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان.

[2] ئىپتىدائىي مەكتەپلەر ئۈچۈن ئوقۇما كىتابى، بەشىنچى قىسىم، نەشىرى: مائارىپ ۋەزارەتى مەركەزى ھۇدۇد مەدەنىي مائارىپ ئىدارەسى، 1948

[3]  گۇننار ياررىڭ، ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى، مىللەتلەر نەشرىياتى، بەيجىڭ، 1997، س. 57-58-بەتلەر ؛ بۇ تارام توققۇز تارام / توققۇز تارامدىن زۆھرەمگە سالام./ سالامىمنى ئىلىك ئالسا، / سالام تۆپەسىگە سالام، / سالامىمنى ئىلىك ئالماسا، /بۇرۇن سۆيگەنلەرىم ھارام.  يۇقىرىقى ئەسەر، 8-9-بەتلەر

[4] بۇ خىل ئۆزگىرىش بىلال نازىمدا قىسمەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلەرىدە سۆزلەرنىڭ ئاجىزلاشمىغان ئەسلى شەكلى بىلەن ئاجىزلاشقان شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن: ئاچىلىب / ئېچىلىب  (39-، 78- بەتلەر)، ئالىب / ئېلىب ( 23-، 80-بەتلەر)، باشىم /بېشىم ( 29-، 45-، 47-بەتلەر)، ياشىم /يېشىم (31-، 54-بەتلەر). قاراڭ: بىلال نازىم، ئەسەرلەر، “جازۇشى نەشرىياتى، ئالمۇتا، 1976

[5] Abduraop Polat Teklimakanli, “Uygur Türkçesindeki a, a Ünlülerinin e, i’ye Değişmesi ve Sebepleri”, Türk Dünyasi Dil ve Edebiyati Dergisi, Sayi:13, TDK, Ankara, 2002, s. 132

[6]  بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەخىمۇ كەڭ مەلۇمات ئالماقچى بولساڭىز تۆۋەندىكى ئەسەرگە قاراڭ:

Cöre Hudayberdiyev, “Özbekçede Ses Uyumunun Yok Edilişi” (Özbekchede Tawush Maslashih Qaidesining Yoq Qilinishi), Türk Dünyasi Dil ve Edebiyati Dergisi, TDK,  Sayi: 5, Ankara, 1998,  ss. 433-443

[7] Wang Yuan-Xin, Çin’deki Türk Diyalektleri Araştirma Tarihi, Türk Dil Kurumu Yayinlari, Ankara, 1994, ss. 20-21

[8] Doç. Turup Barat, “Yakin Dönem Uygurcasi İle Çincenin İlişkileri Üzerine” (Yeqinqi Dewir Uyghurchasi bilen Xitaychening Munasiweti Toghrisida), V. Uluslar arasi Türk Dili Kurultayi Bildirileri 1, 20-26 Eylül 2004, Türk Dil Kurumu Yayinlari, Ankara, 2004,  s. 387

[9]  ئابلىكىم مەمەت، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى توغرىسىدا“، تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنالى، 1993-يىل، 4-سان، 21-26-بەتلەر؛  ھەسەن مۇھەممەت”ئىملا قائىدىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا“،  تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنالى، 1994-يىل، 4-سان، ئۈرۈمچى؛ جۈمە ئابدۇللا، ”ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرىسىدا“ ،  تىل ۋە تەرجىمە ژورنالى، 1994-يىل، 5-سان، ئۈرۈمچى.؛ ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى، ”ئۇيغۇر تىل-يەزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلابقا موھتاج“،  ”مۇھاكەمتۇل لۇغەتەيىن“دىن ”مەئارىفۇل لۇغەتەيىن“ گىچە، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2010، 61 – 90-بەتلەر

[10] Abduraop Polat Teklimakanli, “Uygur Türkçesindeki a, a Ünlülerinin e, i’ye Değişmesi ve Sebepleri”, s. 126- 131

[11] ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى، ئەسلىي يەزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكستلىرى، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 2005، س. 628؛  ئابدۇرەئوپ تەكلىماكاني، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 2007، س. 84 – 86؛

[12]  ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى،”ئۇيغۇر تىل-يەزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلابقا موھتاج“،  81 – 82-بەتلەر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى