ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىگى توغرىسىدا

ئورنى Wikipedia

ئابدۇلقۇددۇس ھافىز

مەلۇمكى، ئانا ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۇنسايىن كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە. بۇ خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم بىر تۈرى ئانا تىل-يېزىغىمىز بۇيىچە ساۋاتلىق بولۇش-بىلىم ئاشۇرۇش جەھەتتە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.

ئەلبەتتەكى، بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال. چۈنكى، جەنابىي ئاللاھ ئىنسانلارنى تۈرلۈك مىللەت ۋە ئۇرۇق سۈپىتىدە يارىتىش بىلەن بىللە ھەر مىللەتكە خاس ئانا تىلىنىمۇ ئاتا قىلغان. دېمەككى، ئانا تىل ھەر-بىر مىللەتكە ئاللاھۇ تەئەلا تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان مۆجىزىۋىي نىئمەت ۋە رەھمەتتۇر. بۇ ھەقتە ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەتلىك ھاياتىمىزنىڭ ئۇلۇق دەستۈرى قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ»(ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقىتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت ) بىر ئاتا،بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تۇنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى  نۇرغۇن مىللەت ۋە  ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقىتەن ئەڭ تەقۋابولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر (يەنى، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولىشى نەسەپ بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ) ، ئاللاھ ھەقىقىتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.) (سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت)

«وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافُ أَلْسِنَتِكُمْ وَأَلْوَانِكُمْ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَاتٍ لِّلْعَالِمِينَ» (ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىغى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇ ـ خىل بولىشى ئاللاھنىڭ (كەمالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنىڭدابىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقىتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. (سۈرە رۇم، 22 – ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا تىل ھەر-بىر ئىنساننىڭ ئانىسىنىڭ سۈتىدەك پاك ۋە ھالالدۇركى، ئۇنى ئەزىزلەپ، قەدىرلەپ قوللۇنۇش ــ ئاللاھۇ تەئالانىڭ ھىكمەتلىك ئورۇنلاشتۇرىشىغا نىسپەتەن كاتتا ساداقەتتۇر ۋە شۇڭا ئەگەر ئىنسان ئانا تىلىدىن مەھرۇم ھالدا ياشىماقچى، ياشاتماقچى بولىدىكەن، بۇ، ئاللاھۇ تەئالانىڭ نەزىرىدە خىيانەت ۋە جىنايەتتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ. ئانا تىلىنى قوللۇ- نۇش-قوللانماسلىق مانا شۇنداق ناھايىتى نازۇك ۋە مۇھىم مەۋقەگە بېرىپ تاقىلىدۇ، ھەر-بىر ئىنسان بۇ نۇش جەھەتتە قىلچىمۇ دەلىغوللۇق قىلماسلىغى، بەلكى ئانا تىلغا بولغان تۇنۇشىنى غايەت زور دەرىجىدە يۇقېرى كۆتۈرۈپ، ھەر – بىر سۆز – ھەرىكىتىدە ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى مۇكەممەل جارى قىلدۇرغان ھالدا قوللىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى ناھايىتىمۇ زۆرۈر. مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم مەھمۇت قەشقەرى، مەشھۇر پەيلاسوف شائىر يۇسۇف خاس ھاجىپ ۋە مەشھۇر قۇرئانشۇناس، تەرجىمەشۇناس دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم قاتارلىقلار بۇ جەھەتتە كاتتا ئۈلگىمىزدۇر. چۈنكى، مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم مەھمۇت قەشقەرى ئالەمشۇمۇل شاھ ئەسىرى «تۈركي تىللار دىۋانى»نى، مەشھۇر پەيلاسوف شائىر يۇسۇف خاس ھاجىپ ئالەمشۇمۇل شاھ ئەسىرى «قۇتاتغۇ بىلىك»نى ۋە مەشھۇر قۇرئانشۇناس، تەرجىمەشۇناس دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئىككى ئالەملىك بەخت – سائادەتلىك ھايات دەستۈرىمىز «قۇرئانى كەرىم»نىڭ تەرجىمىسىنى ۋە باشقا مەشھۇر ئىلىم ئەرباپلىرىمىز قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا روياپقا چىقىرالىشى دەل ئانا تىلىمىزنى ئۆگۈنۈش ۋە قوللىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىگى ئۈچۈندۇر. يەنى ئۇلار «ئېلىپبە» ساۋادىنى چىقىرىش بىلەنلا توختاپ قالماي ، بەلكى ئانا تىل سەۋىيىسىنى ئالاھىدە يۈقېرى دەرىجىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشقان. ئاندىن باشقا تىللارنى قەدەممۇ-قەدەم ياخشى ئىگەللىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدە ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھەت – بالاغىتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە نامايان قىلىشقا قادىر بولالىغان. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ۋە سۆزلىگەنلىرى ناھايىتىمۇ مەنتىقىلىق، چۈشۈنۈشلۈك ۋە يۈكسەك سەۋىيىلىك بولۇپ، پۈتكۈل دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە كاتتا شان – شۆھرىتى بىلەن تۇنۇلغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىنى ئەنە شۇ مەشھۇرلىرىمىزنى ئۈلگە قىلغان ھالدا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى، دېمەك «ئائىلە ئانا تىلى» چەكلىمىسىدە تۇرۇپ قالماسلىغى لازىم، ئەلبەتتە.

ئەمما، زامانىمىزدىكى ئىلىم ئەرباپلىرىمىز ئاتالمىش «تىل – يېزىق ئىسلاھاتى»نى باھانە قىلىپ، يېزىق، سۆز ۋە ھەتتا گرامماتىكىنى ئۆزگەرتىشتەك قالايمىقانچىلىقلار بىلەن شوغۇللۇنۇپ ، ئۇيغۇر ئۇيغۇرنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى چۈشىنەلمەيدىغان يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلماقتا، سۆيۈملۈك ئانا تىل-يېزىغىمىز ئاخىرقى نەپىسىنى ئالماقتا!

بۇنى قىسقىچە قىلىپ تۈۋەندىكى ئۈچ نوقتا بۇيىچە ئىزاھلاپ ئۆتىمەن:

يېزىق جەھەتتە:

ئايانكى، 1962-يىلى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايۇنلۇق «تىل-يېزىق كومىتېتى» تەرىپىدىن «يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا سۇئال-جاۋاپلار» دېگەن كىتاپچە ئېلان قىلىنىپ، مونۇ گۈھەردەك يېزىغىمىزغا «تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ، جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ» دېگەن تۆھمەت-ھاقارەتلەر چاپلىنىپ ، لاتىن يېزىغى ئاساسىدىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى»نى قوللىنىش بۇيرىغى چۈشۈرۈلدى. 1966-يىلى باشلانغان «بەدنىيەتلەر ئىنقىلاۋى»(بۇ شۇ چاغدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى»نى كۆرسىتىدۇ) جەريانىدا بولسا بۇ يېزىغىمىز «4 كونا» قاتارىدا قاتتىق تەنقىتكە ئۇچرىدى، بۇ يېزىقنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغان زىيالىلىرىمىز بولسا «ئوڭچى»، «يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر» دېيىلىپ شىددەتلىك كۈرەش قىلىندى ھەتتا تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ پاجىئەلىك ھالدا قىناپ ئۆلتۈرۈلدى…!

ئەمما خەلقىمىز يانىلا نارازىلىغىنى تۈرلۈك يول ۋە ۋاستىلار ئىپادىلەپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جىددىي ۋە قاتتىق تەلەپ قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن 1982-يىلىغا كەلگەندە ، ھۆكۈمەت قارار چىقىرىپ ، «كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى يېڭى يېزىقنى ئىشلىتىپ باقمىدى ھەم ھازىر تېخى شارايىت پىشىپ يىتىلمىدى.» (ۋېي سۈييى : «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ 1950- يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى» (مەركىزى ئاسيا ژورنىلى ، 1993- يىل 3-، 4-سان، ئىنگىلىزچە نەشرىگە قاراڭ) دەپ، ئەنە شۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى»نى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئەمما كۆپ ئەپسۇس! زامانىمىزدىكى زىيالىلىرىمىز ئاشۇ «كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى يېڭى يېزىقنى ئىشلىتىپ باقمىدى ھەم ھازىر تېخى شارايىت پىشىپ يىتىلمىدى.» دېگەن ئىپادىگە «پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن ھامان ئۆز يېزىغىڭدىن ئايرىلىسەن!» دېگەن خۇپىيانە غەرەزنىڭ يۇشۇرۇنـ- ـغانلىغىنى ئازىراقمۇ چۈشۈنۈپ يېتەلمىدى ۋە يەنە ھاماقەتلەرچە لاتىنچىدىن نۇسخا ئېلىش ئاساسىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» دېگەن باشقا بىرخىل ئەبجەش يېزىقنى پەيدا قىلدى. بۇ يېزىق «كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ يېزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»نىڭ ۋاستىسى، دەپ تۇنۇشتۇ- رۇلدى. كېيىنرەك بولسا «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» دەپ بېكىتىلدى ۋە ئۆز يېزىغىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا سۇنۇلدى. بۇنىڭ بىلەن يېزىق كۆپ خىللىغى، ئوقۇش قالايمىقانچىلىغى ۋە ئۇقۇشماسلىق-چۈشۈنۈشمەسلىك كېلىپ چىقتى. چۈنكى بىر چاغلاردا قوللانغان «ئۇيغۇر يېڭى يېزىق ئېلىپبەسى» دىكى بەزى ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلىشى بىلەن «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» ياكى «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» دىكى ھەرپلەرنىڭ ئوقۇلىشى زادىلا ئوخشاش ئەمەس ئىدى. مەسىلەن تۈۋەندىكى سېلىشتۇرمىغا قاراڭ:

ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى ئۇيغۇر يېڭى

يېزىغى

ئۇيغۇر يېزىغى ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى ئۇيغۇر

يېزىغى

Q  q K  k ق 17 A a A  a ئا 1
K  k K  k ك 18 Ee Ə  ǝ ئە 2
G  g G  g گ 19 Bb B  b ب 3
NG  ng NG  ng ڭ 20 Pp P  p پ 4
L  l L  l ل 21 Tt T  t ت 5
M  m M  m م 22 Jj J  j ج 6
N  n N  n ن 23 Ch ch Q  q چ 7
H  h H  h ھ 24 Xx H  h خ 8
O  o O  o ئو 25 D d D   d د 9
U  u U  u ئۇ 26 Rr R  r ر 10
Ö  ö O  o ئۆ 27 Zz Z  z ز 11
Ü  ü Ü  ü ئۈ 28 Jj  (zh) Ȥ  ȥ ژ 12
W  w W  w ۋ 29 Ss S  s س 13
É  é E  e ئې 30 Sh sh X  x ش 14
İ  i İ  i ئى 31 Gh  gh G  g غ 15
Y  y Y  y ي 32 F  f F  f ف 16

ئىزاھات:      

1) «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى» ھەرپلىرى تەركىۋىدە Zh zh ،  ch Ch ،sh Sh  قاتارلىق قوشما ھەرپلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار خىتاي تىل-يېزىغىدىكى ئىسىم-ناملارنى توغرا يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، دېيىلگەن.

2) «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» تەركىۋىدىكى «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY («ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»)بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دېيىلىپ، يەنە بىر خىل خاتالىق ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىنغاننىڭ ئۈستىگە  . «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تۈۋەندىكى تور بەتتە تەپسىلى بايان قىلىنىپ ، ئېغىر ھالدىكى ئۆگۈنۈش ۋە قوللىنىش خاتالىغىغا يول ئېچىلغان :        http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM

3) [zh] ھەرىپى بولسا [zhurnal] (ژۇرنال) دىكى < ژ > ھەرپىنىڭ يېزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تولۇقلىما سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ،دېيىلگەن. شۇنىڭ بىلەن Jj ھەرىپىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىمۇ مۇقىم بولمىغان.

بۇلاردىن ئايانكى، «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» ياكى «ئۇيغۇر كومپىيوتېر يېزىغى» دېگەنلەردە ھەرپلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى بەكمۇ مۇرەككەپ ۋە قالايمىقان بولۇپ، قىلچىمۇ ئىلمىيلىك مەۋجۇت ئەمەس!

شۇنىڭ بىلەن ئەمدى «Mening balam nahayiti yahxi qong boldi» دېگەن جۈملىنى «يېڭى يېزىق» تا ساۋاتلىق بولغانلار «مېنىڭ بالام ناخايىتىياخشى چوڭ بولدى.» دەپ ئوقىسا، «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىقى» ياكى «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى»دا ساۋاتلىق بولغانلار «مېنىڭ بالام ناھايىتى ياھخى قوڭ بولدى.» دەپ ئوقۇيدىغان بولدى…

مانا شۇ ھالدا ئۇيغۇر ئۇيغۇرنىڭ سۆزىنى چۈشۈنۈشتە كېكەش بولۇپ ۋە گاڭگىراپ قالىدىغان يامان ئاقىۋەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى!

ئەمدى، بۇ دەرت ئاز بولۇپ قالغاندەك، ئۆز يېزىغىمىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئۇزىمايلا «يېڭى يېزىق»بىلەن يېزىلغان كىتاپلار يوق قىلىۋېتىلىدىغان تەلۋىلەرچە ھەرىكەت پەيدا بولدى.

بۇ ھەقتە، ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىم «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاۋىنىڭ « خانلىق كۇ-

تۇپخانىدا ئانا يۇرتنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن مۇڭدىشىش» ناملىق ماۋزۇسى (20-باپ، 318-بەت) بىلەن يازغانلىرىدا، شۋېتسىيە خانلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق تۇنۇشتۇرما بىرىپ، بۇ كۇتۇپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىشنىڭ بەكمۇ مۈشكۈللىگىنى، چۈنكى سىرتقا بىرىلگەندە يوقۇلۇپ كېتىدىغانلىقتەك خەۋپنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرستتىكى كىتاپ ماتېريالغا بولغان مەس ئۇلىيەتسىزلىكنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىغىنى، مەسئۇلىيەتسىزلىكلا ئەمەس بۇزغۇنچىلىقنىڭمۇ مەۋجۇتلىغىنى قاتتىق ئېچىنىش بىلەن تىلغا ئېلىپ، «… ھەتتا ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە ئۇنىۋېرستنىڭ كۇتۇپخانىسىنى قايتا رەتلەيمىز، دەپ 60-70-يىللاردا ئۇيغۇر ۋە قازاق يېڭى يېزىقلىرىدا نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى قەغەز قاتارىدا ساتقانلىغىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم …… » دەپ يازىدۇ.

مانا بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟

كىتاپ دېگەن بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مائارىپى، مەدەنىيىتى ، ئۆرپ-ئادىتى …… قاتارلىق نۇرغۇن-نۇرغۇن ساھەلىرىگە تاقىلىدىغان ئىجتىمائىي رېئاللىغىنىڭ مەنبىئى، مول بىلىم قاينىمى ئەمەسمۇ؟

نۆۋەتتە بولسا خىتاي مائارىپى شىددەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئۇيغۇر تىل – يېزىغىنى قوللىنىش مۇتلەق چەكلەندى . بۇ پاجىئەگە نىمە دەيمىز ؟

ئەمدى شۇنىمۇ ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرەيلى، مەن يۇقېرىدا «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» «كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ يېزىلىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»نىڭ ۋاستىسى، دەپ تۇنۇشتۇ- رۇلغانلىغىنى، بۇ نام كېيىن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى» دەپ بېكىتىلىپ يېزىغىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقا سۇنۇلغانلىغىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم.

ئۇنداقتا دەپ باقايلى، ماۋۇ رۇسلار تىلىمىزدىكى < ئىبراھىم > نى < ئىبراگىم >، نېمىس تىلىـ-  ـدىكى < ھىتلېر > نى < گىتلېر > دەپ يازىدۇ، ئەجەبا ئۇلار : « بىزنىڭ يېزىغىمىزدا باشقىلارنىڭ تىلىدىكى ئىسىم – ناملارنى توغرا يازغىلى بولمايدىكەن» دەپ «رۇس لاتىن يېزىغى» ئىجات قىلىپ بېقىپتىمۇ؟ ئىنگىلىزلار< ئۇيغۇر > ئاتالغۇسىنى «ۋىگۇې» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ ۋە <uigu>، <uygu>، <uyghu>دەپ يازىدۇ . ئەجابا ئۇلارمۇ «بىزنىڭ يېزىغىمىز باشقىلارنىڭ ئىسىم – ناملىرىنى توغرا يېزىشقا يارىمايدىكەن» دەپ «ئىنگىلىز ئۇيغۇر يېزىغى»نى پەيدا قىپتىمۇ؟ ماۋۇ خىتايلارمۇ < ئۇيغۇر > نى < ئۇيغۇر > دېيەلمەي ۋە يازالماي < ۋېيزۇ > دەپ يازىدۇ. ئەجەبا ئۇلارمۇ «بىزنىڭ يېزىغىمىز باشقىلارنىڭ ئىسىم –ناملىرىنى توغرا يېزىشقا يارىمايدىكەن» دەپ «خەن-ئۇيغۇر يېزىغى» دېگەندەك بىر يېزىقنى ئىجات قىلىپتىمۇ؟

قەتئىي ياق!

ئۇنداق بولسا بىزگە نىمە لاۋىزىلىق؟ ………

زادى بىز نىمە ئۈچۈن يېزىق ئۆزگەرتىدىكەنمىز؟؟؟

زادى بىز يانىلا بىزگە تېڭىلغان ئاتالمىش« ئۇيغۇر لاتىن يېزىغى»نى قوللىنىشنى داۋام قىلىمىزمۇ؟

  • سۆز-ئاتالغۇ جەھەتتە:

خوش، ئەمدى سۆز-ئاتالغۇلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق، بۇ كەمگىچە نۇرغۇن تىللاردىن

سۆز-ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلدۇق.

بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟

ئەلبەتتە، دۇنيادا مۇتلەق مۇكەممەل، ساپ تىل مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما ئۆز تىلىدا مەخسەت-مۇددىئاسىنى ئىپادىلەشكە يارايدىغان سۆز-ئاتالغۇلار بار تۇرۇپ، ئۇنى يوق قىلىش ھېساۋىغا غەيرى تىلاردىن سۆز-ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ھەرگىزمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەس!

بۇ ھەقتە رۇس يازغۇچىسى ئا.م گوركى مۇنداق دەيدۇ: «تىلدىن ئىبارەت بۇ قۇرال قانچىلىك

ئۆتكۈر، ئېنىق ۋە ساپ بولسا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ.». ئۇيغۇر تىلى بولسا لۇغەت بايلىغىنىڭ موللىغى، ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۈكسەكلىگى ۋە ئالتۇندەك پاك – ساپلىغى جەھەتتىن ھەر قانداق تىلدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ۋە شۇ قىممەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيا ئالىملىرىنىڭ ئاجايىپ ھاياجان بىلەن مەدھىيىلىشىگە سازاۋەر بولغان ئالەمشۇمۇل تىل.

بۇ يەردە شۇنىمۇ دەپ ئۆتىمەنكى، ئۇيغۇر تىلى ـــ ئالەمگە ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان، دۇنيادا تۇنجى قېتىم «ئىمپېراتۇر» بولۇپ تۇنۇلغان، دېمەك «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېراتۇرلىغى»نى قۇرۇپ، پۈتكۈل ئاسيا-ياۋرۇپانى كونترول ئاستىغا ئالغان ۋە قەدىمى يەتكەنلا يەردە ئىنساننىڭ باياشاتلىغى، ھۇزۇرى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سوراپ، ئادىل، ھەققانىي باشقۇرغۇچىلىقنى جارى قىلدۇرغان ھالدا دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، كاتتا ئىلىم-مەرىپەت ئەھلى بولۇپ تۇنۇلغان ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مىللەتنىڭ تىلىدۇر!!!

بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى پۈتكۈل پۇشتى ئۇيغۇر ئىسىدە مەھكەم تۇتىشى، كاتتا ئىلىم پىشىۋا- لىرىنىڭ ئىزى بىلەن ئىلگىرلەشنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرىشى كېرەك. بىز غەيرى تىللاردىكى سۆز-ئاتالغۇلارنى ئەينەن قوبۇل قىلمىساقمۇ، ئۇ خىل سۆز-ئاتالغۇلارنى تەپەككۈرىمىزنىڭ ئۆتكۈرلىگى، تىلىـ- ـمىزدىكى سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ موللىغى بىلەن ئۆز تىل-يېزىغىمىزدا راۋۇرۇس توغرا ئىپادىلىيەلەيمىز ۋە ئىپادىلەنگىنىچە توغرا يازالايمىز.

مەسىلەن، توڭلاتقۇ(冰箱)، سىنئالغۇ(录像机)، كىرئالغۇ(洗衣机)، كومپيوتېر ( computer )  دېگەندەك.

ئۇنداق بولسا بىز تىلىمىزنىڭ ساپلىغىنى ساقلامدۇق ياكى ئەبجەش قىلىپ قاراپ ئولتۇرامدۇق؟

  • گرامماتىكا جەھەتتە:

خوش، ئەمدىكى ئېغىر بىر مەسىلە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسىدىكى بۇزغۇنچىلىقتا رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:



  تۈپ              ھازىرقى خاتا قائىدە        ئەسلىدىكى توغرا قائىدە

سۆزلەملەر            بۇيىچە تۈرلىنىشى            بۇيىچە تۈرلىنىشى

چاتاق                     چاتىقىم                         چاتىغىم

قىزىق                      قىزىقى                          قىزىغى

ئەللىك                     ئەللىكى                         ئەللىگى

ئۆتۈك                      ئۆتۈكۈم                         ئۆتۈگۈم

يىرىك                      يىرىكى                          يىرىگى

غەزەپ                      غەزىپىم                         غەزىۋىم

مەنسەپ                    مەنسىپىڭ                       مەنسىۋىڭ


بۇ مىساللاردىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ ھازىرقى خاتا قائىدە بۇيىچە تۈرلىنىشى :

1) سېستىما تەۋەلىگىدىن يىراقلاشتۇرۇش بىلەن يات بىر تىلغا تەۋە قىلىش خاتالىغى سادىر بولىدۇ؛

2)ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلمىي قانۇنىيىتىگە تامامەن خىلاپ بولۇش بىلەن بىرگە تىل– تاۋۇش ئورگانلىرىمىزنىڭ نورمال ۋە راۋان تەلەپپۇز ئىقتىدارىغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

3) كىشىدە بىرخىل يېقىمسىزلىق، ھۇزۇرسىزلىق ۋە قوپاللىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ.

4) ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت خەزىنىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىـ-

ـيىتىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.

5)ئۇيغۇر تىلىنىڭ يۇمشاق-يېپىشقاقلىق، سىلىقلىقتەك ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولـ-

ـمايدۇ.

ئەمما تۈپ سۆزلەرنىڭ ئەسلىدىكى توغرا قائىدە بۇيىچە تۈرلىنىشى تۈۋەندىكىدەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

1) سېستىما تەۋەلىگىگە ماسلىغىنى دەلىللەشكە بولىدۇ .

2) تىل – تەلەپپۇز قانۇنىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن؛

3) تەلەپپۇز قىلىشقا ناھايىتى ئاسان؛

4) ئاڭلىنىشقا ناھايىتى يېقىملىق بولۇپ، ئاجايىپ ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ؛

5) ئىملا قائىدىسى ئىلمىي ھالدا ئىزچىللىغىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈ-

سى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ كىتاپ ماتېرياللىرىنى خاتاسىز ۋە ۋاقتىدا ئوقۇپ چۈشىنەلىشىگە پايدىلىق؛

6) ئۇيغۇر تىل–يېزىغىنىڭ يۇمشاق-يېپىشقاقلىق ئالاھىدىلىگىنى ھەقىقىي نامايان قىلىش، گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق؛

7) ئۇيغۇر تىل-يېزىغىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۈكسەكلىگىنى ھەقىقىي نامايان قىلىش، گەۋ-

دىلەندۈرۈشكە پايدىلىق؛

8) بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىل-يېزىغىغا چاپلانغان «تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ»، «جە-مىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ»، «مىللەتلەر ئىتىپاقىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ» دېگەن لەنىتى تۆھمەت – ھاقارەتلەرنى ئىلمىي يۇسۇندا يوق قىلىشقا پايدىلىق.

بىلىش كېرەككى، تىل قانۇنىيىتى مەسىلىسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە قارايدىغان ۋە خالىغانچە، قىياس بىلەنلا ئۆزگەرتسە بولىۋېرىدىغان ئەرزىمەس بىر مەسىلە ئەمەس! بەلكى ئۇ ئىنساننىڭ تىل–تاۋۇش ئوگانلىرىنىڭ تەلەپپۇز قۇلايلىغى ۋە راۋانلىغى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى زىل، نازۇك بىر مەسىلە. چۈنكى، ئىنساننىڭ تاۋۇش چىقىرىش قۇرۇلمىسى «بەرگى» ئۇلاپ يېڭى سورت ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان كۆچەت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس تەڭپۇڭلىغىنى ساقلىغان ھالدا تاۋۇش چىقىرىش يۆنىلىشى بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىز تاۋۇش ئورگانلىرىمىزنىڭ چىقىرىشقا تېگىشلىك تاۋۇش ئېلمىنتلىرىنى چىقىرىشىغا تىگىشلىك ئورنىدىن چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلساق، زومۇ-زو قىيىنچىلىققا دۇچ كەلتۈرىمىز! ـــ ئۇنىڭ تاۋۇش چىقىرىش يۆنىلىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىل-تەلەپپۇزغا دائىر مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ ناھايىتى ياخشى ئىلمىي نەتىجىلەر مەيدانغا كەلگەن ۋە مۇناسىپ ھالدىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەر بىكىتىلگەن. بۇ ئۈچۈن مەن تۈزگەن « مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن دەرسلىك ـــ ئۇيغۇر تىلى» (1-قىسىم) ناملىق كىتاپنىڭ 12-، 13-بەتلىرىدىكى «ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى» ماۋزۇسى بىلەن بىرىلگەن تەبىرلەرگە قارىساقلا مەسىلە ئۆز-ئۆزىدىن ئايدىڭلىشىدۇ.

دېمەككى، يۇقېرىدىكى مىسالدىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ ئەسلىدىكى قائىدە بىلەن تۈرلىنىشى ئىلمىي، قانۇنىيەتلىك بولۇپ، مۇنداق قانۇنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە قېرىنداش تىللاردىن تۈرك تىلىدىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن:

ç → c : ağaç→  ağacı , havuç→  havucu , kazanç→ kazancı ;

k → ğ : gözlük→  gözlüğü , yatak  →  yatağı , çocuk  → çocuğu ;

p → b :  kitap→  kitabı , dolap → dolabı , sahip  → sahibi ;

t → d : yurt→  yurdu , vücut  → vücudu , art  → ardı ;

nk → ng : ahenk→  ahengi , renk →  rengi , denk → dengi ;

nç → nc : sevinç→ sevinci ;

دېگەندەك.

ئەگەر بىز تۈركچىدىكى ھەرپ-تاۋۇشلارنىڭ بۇ خىل قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىشىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنمىز، ئۇھالدا تۈركچە بىلگەن بولمايمىز، بەلكىم مەسخىرىگىمۇ قالىمىز(؟)

ئەمدى بۇ يەردە شۇنىمۇ مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى، ئەگەر مەن  9 = 5+5  ياكى، 9 = 5 × 5 دېسەم ، ياكى تۇزنىڭ خېمىيىۋىي فورمىلاسى H₂Cl  دىسەم، ياكى    = I دەپ يېزىپ ، توك كۈچى قارشىلىققا ئوڭ تاناسىپ كۇچۇنۇشقا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ، دېسەم < توغرا > دەمسىلەر؟

چۇقۇمكى، ئەسلا توغرا دىمەيسىلەر ۋە شۇڭا ئۇنداق ھېساپ نەتىجىسى ۋە فورمۇلالارنى رەت قىلىسىلەر. چۈنكى، ئاشۇ ھېساپلاش نەتىجىسى ۋە فورمۇلالار ئىلمىي قانۇنىيەتكە خىلاپ،-تە!؟ چۈنكى، 10 =  5 + 5 ياكى، 25 = 5 × 5. ئوخشاشلا تۇزنىڭ خېمىيىۋىي فورمىلاسى HCl ، توك كۈچى بولسا كۇچۇنۇشقا ئوڭ تاناسىپ قارشىلىققا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ ۋە  ئۇنىڭ فورمۇلاسى:      I =

ئەجەبا، تەبىئى پەن بىلىملىرىدە قائىدە–قانۇنىيەتكە شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بىرىلىپ، توغرىسىنى

قوبۇل قىلمىسا بولمايدىكەنۇ، ئىجتىمائىي پەنلەرگە، جۈملىدىن تىل-تاۋۇشلارنىڭ قائىدە–قانۇنىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ بولىدىغان ئىش بارمىكەن؟

زادى ھەممىسى ئوخشاشلا ئىلىم ئەمەسمۇ ۋە شۇڭا تىل – يېزىق ئىلمىگىمۇ قەتئىي ئىجابىي  مۇئامىلە قىلىش كېرەك ئەمەسمۇ؟

ئەمدى بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەنكى، ئۇيغۇر تىلى «تۈركىي تىللار» سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، يۇمشاق ، يېپىشقاق ، ئەۋرىشىم تىل . شوڭىلاشقا سۆزلەرنىڭ بىرلىك شەكلىنى ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق ھالدا تۈرلەپ ياكى كۆپلۈك ھالىتىدە ئېيتىپ قوللىنىشقا توغرى كەلگەندە بىرلىك شەكلىدە قانۇنىيەتلىك ھالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ . مەسىلەن :

تۈپ  سۆزلەملەر                                تۈرلىنىشى

چاتاق                                              چاتىغىم

قىزىق                                               قىزىغى

ئەللىك                                              ئەللىگى

ئۆتۈك                                               ئۆتۈگۈم

يىرىك                                               يىرىگى

غەزەپ                                               غەزىۋىم

مەنسەپ                                             مەنسىۋىڭ

دېگەندەك ۋە مانا شۇ ئالاھىدىلىگى بىلەن خىتاي تىلىنىڭ قاتتىقلىق ، بۇغۇم ئۆزگەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىگىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. يەنى،خىتاي  تىلىدا :

كۆپلۈك                                       بىرلىك      

      我 wǒ            مەن           我们 wǒ mén بىز                        

      你 nǐ    سەن                    你们 nǐ mén سىز، سىلەر                

         他  tā                 ئۇ                     他们 tā mén  ئۇلار                                      

         她  tā                 ئۇ                       她们 tā mén;                                   ئۇلار

     书shū    كىتاپ                 书籍 shū jí   كىتاپلار                        

     树 shù      دەرەخ               树林 shù lín                      دەرەخزارلىق

                                        树丛 shù cóng         دەرەخزارلىق                                                       树艺 shù yì دەرەخزارلىق سەنئىتى         

بولىدۇ.

بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،خىتاي تىلىدىكى بىرلىك شەخستە كەلگەن سۆزلەر كۆپلۈككە ئۆزگەرگەندە بۇغۇم قۇرۇلمىسىدا قىلچىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

ئۇنداق بولسا ئەمدى ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ تۈرلەنگەن ھالىتىنىڭ ھازىرقى خاتا قائىدە بۇيىچە:

چاتاق                                            چاتىقىم

قىزىق                                             قىزىقى

ئەللىك                                            ئەللىكى

ئۆتۈك                                             ئۆتۈكۈم

يىرىك                                             يىرىكى

غەزەپ                                             غەزىپىم

مەنسەپ                                           مەنسىپىڭ

دەك يېزىلىشىنىڭ ئۇنىڭدىن نىمە پەرقى بار؟

مىڭ ئەپسۇس!

بۇ كەمگىچە بولغان 20 يىل مابەينىدە تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتاپلىرىدا بۇخىل خاتالىق ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى. بۇھال  2010 – يىلى ئارسلان ئابدۇللا تەھۇرنىڭ باش تۈزگۈچىلىگى بىلەن تۈزۈلگەن، ئاتالمىش شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىگى ، 2015-يىلى ئەخمەتتوختى مۇھەممەت تۈزگەن، ئاتالمىش شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ۋە نۆۋەتتە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تۈزگەن «ئۇيغۇر تىلى دەرسلىگى» ۋە «ئېلىپبە» كىتاۋىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.

بۇ يەردە مەن باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرى توغرىسىدا توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمۈدۈم . چۈنكى ئۇلار كۆز يەتكۈسىز ئۇزاقتا . جۈملىدىن ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش پۇرسىتىمىزمۇ يوق . شۇڭا پەقەت ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ خاتالىقلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ، ئۇنى مۇنازىرىگە چاقىرىمەن .

ئۇنداقتا ، ئۇ تۈزگەن ، ئېلان قىلغان ئىككى كىتاۋىدىكى نوقتىلىق خاتالىقلار نىمە ؟

1) تۇنجى كىتاۋىنىڭ ماۋزۇسىدىلا ئىملا خاتالىغى سادىر قىلغان . مەسىلەن «ئانا تىلى دەرسلىكى» دېگەندەك . ئەمما ئەسلى: دەرسلىك ← دەرسلىگى بولىدىغان توغرا قائىدە بۇيىچە «ئانا تىل دەرسلىگى» دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى . مۇشۇنداق خاتالىق ھەممە بەتتە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ .

2) سۆزلەرنىڭ ئىستىمال مەنىسىدە مەنتىقىي خاتالىققا يول قويۇلغان . مەسىلەن شۇ كىتاپنىڭ «كىتاپ بوسۇغىسى» ماۋزۇسى بار بەتتىكى 3 – قۇرغا قارىساق «ئىقتىدارىنى تاۋلاش» دېگەن ئىبارىنى كۆرىمىز . بۇ زادى قانداق گەپ ؟ تاۋلاش دېگەن پولات – تۆمۈر ۋە باشقا كۆرگىلى بولىدىغان مەدەن تۈرلىرىگە قارىتىلىدۇ . ئىقتىدار دېگەن مەۋھۇم مەۋجۇتلۇق . شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەردە «تاۋلاش» سۆزى جايىدا ئىشلىتىلمىگەن . ئەڭ توغرىسى ، «ئىقتىدارلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش» ئىبارىسىنى قوللىنىش لازىم.

3) ھېچ قانداق تىل ئىقتىدارى يوق بالىلارنى شېئىر يېزىشقا ئىندەشتەك ئەخمىقانىلىق سادىر قىلىنغان . بۇ قانداق ئىش ؟

بالىلار ئۈچۈن كىتاپ يازغان ئىكەنمىز ، ئەۋۋەل ئۇلارنىڭ خەت – ساۋادىنى چىقىرىش ئالدىنقى شەرت قىلىنىشى ۋە بۇ ئۈچۈن ئېلىپبە ساۋادىنى ياخشى چىقىرىش لازىم.

شۇكرىكى ، ئابدۇۋېلى ئەپەندىم «ئېلىپبە» كىتاۋىنىمۇ تەييارلاپتۇ ، ئەمما بۇ كىتاۋىدا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىشىغا يول قويۇلغان :

1) ئېلىپبەنىڭ خاس ئالاھىدىلىگى مەۋجۇت ئەمەس . ئۆزىچە مەن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ئىزىدىن ماڭدىم ، دەپتۇ ۋە سۆزلەرنى بۇغۇم سانى بۇيىچە تىزغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ .

بۇ قانداق «ئېلىپبە» ؟ ئابدۇۋېلى ئەپەندى «ئېلىپبە» دېگەن سۆزنى چۈشىنەمدۇ – يوق ؟ ئۆزى قانداق ئوقىغان ؟ بۇنى بىلەمدۇ – بىلمەمدۇ ؟

ئوبدان ئويلىنىش كېرەككى ، مەھمۇت قەشقەرىنىڭ تۈزگىنى ئېلىپبە ئەمەس ، بەلكى يۇقېرى سەۋىيىلىك لۇغەت . ھېچ قانداق خەت – ساۋادى يوق بالىلارنى مۇنداق يۇقېرى بېسىملىق سۆزلەر ئامبېرىغا سولاپ قويساق ، قانداقمۇ راھەت – راھەت ساۋاتلىق قىلالايمىز ؟ ئېلىپبە شۇناسلىرىمىزنىڭ 40 – 50 يىللاپ  نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرۈپ تەييارلىغان «ئېلىپبە»مىزنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى مۇشۇنداقمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇش كېرەكمۇ ؟

مەھمۇت قەشقەرى تۈزگەن ئۇ لۇغەت يۇقېرى سەۋىيىلىك بولۇش بىلەن بىرگە باشقا ھېچ قانداق لۇغەتكە ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ، ئالاھىدە ئېندىكىس ئىشلەپ چىقىلىپ ، زامانىمىز ئىلىم ئەھىللىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋنى»دىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى ئاسانلاشتۇرۇلغان . شۇنىڭچىلاپ  ئەمدى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى تۈزگەن ئېلىپبەدىن پايدىلىنىپ ساۋات چىقىرىش ئۈچۈنمۇ مەخسۇس ئىندېكىس ئىشلەپ چىقىش كېرەكمۇ – قانداق ؟

ياق ، توغرىسى ، بۇخىل ئېلىپبەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، ئەنئەنىۋىي ئىلمىي ئېلىپبەنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش لازىم . چۈنكى «ئېلىپبە» دېگەنلىك :

(1) بىرەر تىل-يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ بەلگىلىك تەرتىپ – قائىدە بۇيىچە تىزىلغان يىغىندىسى ، دېگەنلىكتۇر . بۇ كەمگىچە  باشقىلار تۈزگەن ئېلىپبە بۇ قائىدىگە تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ .

(2) باشلانغۇچ مەكتەپ 1 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساۋات چىقىرىش كىتاۋى ، دېگەنلىكتۇر .

(3) كۆچمە : باشلانغۇچ ساۋات ، دېگەنلىكتۇر .

مانا بۇ نوقتىلار چۇڭقۇرراق ئويلىنىلىشى لازىم ، ئەلبەتتە .

2) كىشىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدىغان يەنە بىر ئەھۋال ، بەزى ھەرپلەرنىڭ تەركىپداشلىرىنى زومۇ -زو قىسقارتىۋېتىلىشىدا كۆرىلىدۇ . مەسىلەن ، < ئا > ، < ئە > ھەرپلىرىگە قارىساق ئىككى خىل ، < ئې > ، < ئى > ھەرپلىرىگە قارىساق 4 خىل شەكلى بىرىلىپ قالغانلىرى قىسقارتىۋېتىلگەن .

بۇ نىمە ئىش ئەمدى ؟

3) بەزى دىنىي سۆز – ئاتالغۇلارمۇ «كېيىن ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ» دەپ قارالغان .

مانا شۇنداق .

ئۇنداق بولسا ، يېزىق ، سۆز ۋە ئىملا ئۆزگەرتكۈچىلەرنىڭ مۇددىئاسى زادى نىمە؟ ياكى بىزنىڭ تىل-يېزىغىمىز ئۇ بىرقانچە ئادەمنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتسە بولىۋېرىدىغان شەخسى قورالىمۇ؟ ياكى بىزنىڭ تىل-يېزىغىمىز ئۇلارنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئوينايدىغان شاخمىتىمۇ؟

ئەسلا ئۇنداق ئەمەس ۋە ئۇنداق بولماسلىغى شەرت!

ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ ، تىل – يېزىغىمىز دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە ئۆنۈملۈك تاقابىل تۇرالايمىز ؟

بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاستىسى «خەلقئارالىق ئۇيغۇر تىلى ئىلمىي جەمىيىتى»نى تەسىس قىلىش ئاساسىدا ، بۇ كەمگىچە سۆز ، مەتبۇئاتلاردا كۆرىلىۋاتقان سۆز ئىشلىتىش خاتالىغى ، ئىملا خاتالىغى ۋە جۈملە قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى خاتالىقلارنى كەڭ دائىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ ، تەپسىلى مۇزاكىرە قىلىپ ، ئۆلچەملىك ، توغرا بولغان ئىملا لۇغىتى ۋە دەرسلىك ماتېرياللىرىنى تۈزۈپ چىقىش .چۈنكى ، ئانا ۋەتىنىمىزدە تۈزۈلگەن لۇغەت ۋە دەرسلىك كىتاپلىرىمىز خىتاي تىلشۇناسلىرىنىڭ ۋە خىتايلار ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان ماڭقۇرتلارنىڭ رەزىللىك بىلەن ئارىلىششى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرى بىلەن سۆز ۋە ئىملا قوللىنىش پىرىنسىپىمىز نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرتىلىپ ، بى باھا ئالتۇندەك ، گۈلدەك تىل – يېزىغىمىز ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ ، ئەۋلاتلىرىمىز بىلەن ئەجداتلىرىمىز ئارىسىدا چۈشىنىشىش مۇجمەللىگى پەيدا قىلىندى . خۇسۇسەن تىل مەنسۇپلىغىمىز خاس مەنبەسىدىن يىراقلاشتۇرۇلدى . بۇ ھەقتە يۇقېرىدا بەزى مىسال ۋە تەھلىللىرىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم .

قىسقىسى ، سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئېغىر سۈيقەست ۋە قالايمىقانچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ . بۇ ئەھۋالنى تېزلىكتە كونتىرول قىلىش ۋە يوق قىلىش ، ئەلۋەتتەكى، ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېساپلايدىغان ھەر-بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ترىخىي مەسئۇلىيىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەھبەرلىگى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ مانا شۇ «خەلقارالىك ئۇيغۇر تىلى ئىلمىي جەمىيىتى» نىڭ تېزلىكتە تەسىس قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بىرىشىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن .

بىزنىڭ بۇ يېزىغىمىز-گۈلدەك يېزىق ، تىلىمىز بۇلبۇلدەك تىل. مۇشۇ تىل–يېزىغىمىز بى باھا گۈھەر! مۇشۇ تىل – يېزىغىمىز بىلەن 50 نەچچە يىلدىن بۇيان سانسىزلىغان كىتاۋىي بىلىم خەزىنىسىنى بەرپا قىلدۇق! ئۇنى ئەمدى ئەخمىقانە خىياللار بىلەن يېزىق، سۆز ۋە گرامماتىكا بۇزغۇنچىلىغىغا يول قويۇپ، نابۇت قىلىۋەتسەك ئەۋلاتلىرىمىز ۋە تارىخ ئالدىدا كەچۈرگۈسىز جىنايەتلەرنى سادىر قىلىمىز. بۇ يەردە قاتتىق ئازاپلىنىۋاتقان قەلبىمنىڭ ئىسيان چۇقانلىرى بىلەن شۇنى تەشەببۇس قىلىمەنكى، توغرىنى ئۆگىنەيلى، توغرىنى ئۆگىتەيلى! ئەۋلاتلىرىمىزنى خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەيلى!

ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا، ھۇشيار بولايلى!!!

ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدىكى كۆز قاراشلار تامامەن ئاپتۇرنىڭ شەخسى كۆز-قاراش ۋە تەشەببۇسلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى