ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسيانكار قوشاقچىسى ئېلاخۇن كۆككۆز

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدا ئۆتكەن خەلق قوشاقچىلىرى مۇستەملىكىگە، ئادالەتسىزلىككە قارشى ھەرىكەتلىرى ۋە  ئەركىنلىك ئىدىيىلىرى،  تولۇپ- تاشقان ئىجادىيەتلىرى  بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقى كۆپچىلىككە ياخشى مەلۇم.

نۇزۇگۇم، سادىر پالۋان، ئېلاخۇن، ئايۇپ سامساق، مۇستاپا سوپى ۋە باشقا قوشاقچىلار ئەنە شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تېررىتورىيىلىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنى مۇشۇ كۈنگىچە ئەستە ساقلاپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مەشھۇر قوشاقچى ۋە ناخشىچى ئېلاخۇن كۆككۆزدۇر.

ئېلاخۇن كۆككۆز 1865-يىلى غۇلجا شەھىرى قازانچى مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا مىللىي سەنئەتكە مۇھەببەت باغلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى زۇلۇم ۋە ئازاب-ئوقۇبەتتە ئۆتتى. ئېلاخۇن كۆككۆز كىچىكىدىنلا باسقۇنچىلارنىڭ خەلق بېشىغا ئېلىپ كەلگەن زۇلۇمىغا چىدىيالماي، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش ئېلىپ باردى.

ئالىم ئۆكتەبىر جامالدىنوف بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مانجۇ ئىشغالىيەتچىلىرى 1900-يىلى دېھقانلارنىڭ قوللىرىدىكى ماللىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىپ ئېلىش كۈچىيىپ كەتكەن بىر دەۋردە ئېلاخۇن ئۆزىنىڭ بىر توپ يولداشلىرى بىلەن دوتەي، شەڭگەن ۋە لوزۇڭلارنىڭ قوللىرىدىكى بۇلاپ ئېلىنغان ماللارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئۇلارنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان دوتەي ئېلاخۇننى تۇتقۇنغا ئېلىپ، يامۇلغا سولاشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ئادالەتسىزلىككە چىدىمىغان ئېلاخۇن كۆككۆز بىر نەچچە قېتىم يامۇللارغا سولانغان بولسىمۇ، دۈشمەن ئالدىدا ھەرگىز تىز پۈكمىدى. ئۇ 1955-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، 1970-يىلى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسىگە قاراشلىق ئازاد يېزىسىدا 105 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.»

ئاپتۇرى: ئويغان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى