ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن تاللانما
باي بولاي دېسەڭ ئاتنى سېتىپ قوي قىل،
گاداي بولاي دېسەڭ خوتۇن قويۇپ توي قىل.
مەنىسى: تۇرمۇشقا سەل قاراپ تولا ئۆيلەنسە ئاقىۋىتىنىڭ نامراتلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى كۆرسىىتىدۇ.
بىر قىز ئەرگە تەگسە قىرىق قىز چۈش كۆرۈپتۇ.
مەنىسى: بىرەر ئادەمگە مەنپەئەت تەگسە باشقىلارنىڭمۇ تاما قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بويتاقنىڭ تاپقىنىنى ئىت يەر، ياقىسىنى پىت يەر
مەنىسى: بويتاق تۇرمۇشنىڭ مەززىسى يوقلۇقىنى، كۈنلىرىنىڭ مەينەتچىلىكتە ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
پۇلسىز ئەر خوتۇنغا جىن كۆرۈنۈپتۇ.
مەنىسى: ئەركىشىنىڭ پۇل تېپىپ ئائىلىنى قامدىغۇدەك ئىقتىدارى بولمىسا ئايال، بالا-چاقىلىرى ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
تالادىكى ئايجامالدىن ئۆيۈڭدىكى ھەلىمە پاخپاق ياخشى.
مەنىسى: ئائىلىگە ساداقەتمەن بولۇش، ئايالىنى قەدىرلەش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
جاۋابخور خوتۇننىڭ ئۇتتۇر چىشى بالدۇر چۈشۈپتۇ.
مەنىسى: ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە ئاياللارنىڭ يولسىزلىق قىلماسلىقى، ئېرى بىلەن ئورۇنسىز تاكاللاشماسلىقى لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
چىغرىقچى چىگىت دەيدۇ، چوكانلار يىگىت دەيدۇ.
مەنىسى: ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايدۇ.
چاي قىززىق، تاۋۇز سوغۇق، چىشنى بۇزار.
ئۆزى قېرى، خوتۇنى ياش، ئىشنى بۇزار.
مەنىسى: ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراش، خەقنى دوراپ مەسخىرىگە قالماسلىق، زىيان تارتىپ قالماسلىق لازىم دېگەنلىك.
خوتۇنغا ئامراق-بالىغا ئۆچ،
قايماققا ئامراق-كالىغا ئۆچ.
مەنىسى: تۇرمۇشتا ھوزۇر-ھالاۋەتكە ئامراق، ئەمما جاپاسى بىلەن خوشى يوق، ھورۇن ئادەملەرگە قارىتىلغان.
خوتۇن تاللىغان خوتۇنسىز قالار،
ئوتۇن تاللىغان ئوتۇنسىز قالار.
مەنىسى: جۆرە تاللىغاندا ياكى بىرەر ئىشقا چارە تاللىغاندا ھەددىدىن ئارتۇق زىغىرلاپ كېتىپ ئۈنۈملۈك چارىنى تاپالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
خوتۇنۇڭنى خۇش قىلاي دېسەڭ لاپ ئۇر،
ساراڭنى خۇش قىلاي دېسەڭ داپ ئۇر.
مەنىسى: ماختاشقا ئامراق ئادەملەرگە لايىقىدا ياخشى گەپ قىلىپ خۇش قىلىپ قويۇش لازىم دېگەنلىكتۇر.
داڭلىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ.
مەنىسى: بىرەر ئادەمنىڭ جىددى پەيتتە ئەبىيىنى ئاشكارىلاپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.
سارىخان ئاچام ئۆيدە، ئەخلەت ،كۈلى تۆردە.
مەنىسى: ھورۇن ئاياللارغا قارىتىلغان.
شاتراق لايغا تاش ئاتما، گىرى قىزغا قاش ئاتما.
مەنىسى: بىغەرەز، چاكىنا ئادەملەر بىلەن تەڭ بولماسلىق لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
غوجامنىڭ ئالماسلىقىنى بىلىپ، خېنىم تەگمەس بولۇپ قاپتۇ.
مەنىسى: بىرەر ئىشتا نەپ تەگمەيدىغانلىقىنى بىلىپ دەرھال يىنىۋىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
قىزنىڭ كۆزى ئوسمىدا،
تازنىڭ كۆزى پوسمىدا.
مەنىسى: نۇقسانى بار ئادەم ھەمىشە ئۇنى يىپىشنىڭ كويىدا بولىدۇ دېگەنلىك.
كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا،
كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
مەنىسى: تۇرمۇشتا يەڭگىللىك قىلىپ، ئائىلىنى بۇزغاننىڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇستا ئوۋچى ئىز تونۇيدۇ،
زېرەك يىگىت قىز تونۇيدۇ.
مەنىسى: ئەقىللىق ئادەمنىڭ بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە خۇددى قىز تاللىغاندەك ئەستايىدىل بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.