ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

تۈرك ۋە ئۇيغۇ كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات


ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق

1-ئىسىم قويۇش ۋە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈركلەردە كىشى ئىسىملىرى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئات قويۇش، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بېرى، ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئىشى بولۇپ كەلدى. خۇسۇسەن، تۇنجى پەرزەنت كۆرۈش ئالدىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. كۈنىمىزدىكى ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىش ياكى مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىچىلىكى، ئۆزىگە خاسلىقى ۋە ئۆزىگە ئائىت مىللىيلىقى بىلەن ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىپادىلەش، تونۇتۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان مۇشۇنداق پەيتتە، پەرزەنتلىرىگە ئەڭ مەنىلىك ئاتنى قويۇش، ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مۇھىم بىر ئىشتۇر. يېڭى توي قىلىپ ئۆز ئۇۋىسىنى قۇرغان ياش ئەر-ئاياللار ئادەتتە، ھامىلىلىك رەسمىيلەشكەندىن كېيىن، ئۆز ئارىسىدا ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ياكى جەمەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەڭ ئۇيغۇن بىر ئىسىمنى تېپىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. بۇ جەرىياندا، ئاتا-ئانىلار مۇزاكىرە قىلىپلا قالماي، ھەتتا ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئارىسىدا مەسلىھەت ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئەگەر ياش ئانا-دادا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ بېكىتىلىشىدە ھوقۇقلۇق بولسا، بوۋاق دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا بېكىتىپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار بۇ تېمىدا، ئائىلە چوڭلىرىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدىغان ياكى چوڭلار بەلگىلەيدىغان ئەھۋالدا بولسا، ئۇلار مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرى مۇۋاپىق كۆرگەن بىر ئىسىمدا بىرلىككە كېلىشىمۇ مۇمكىن. تۈرك تۆرەسىدە ( تۆرە— قەدىمكى تۈركچىدە(ياكى ئۇيغۇرچىدا) تۈرە، تۆرە شەكلىدە كۆرىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى تۆرە—بىر جەمئىيەتتە ئۆزلەشكەن، ئومۇملاشقان ھەرىكەت ۋە ياشاش شەكىللىرىنىڭ، قائىدىلەرنىڭ، ئادەت ۋە ئەنئەنەلەرنىڭ؛ جەمئىيەت ئەزالىرىغا ئورتاقلاشقان ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ، جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن توغرا بىلىنىپ تۇتۇلغان يوللارنىڭ تامامىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن چوقۇم ئىجرا قىلىنىشى كىرەك بولغان ۋىجدانىي بەلگىلىمىلەر بولۇپ، جەمئىيەت ئەزاسى ئۆزى تەۋە بولغان جەمئىيەتنىڭ تۆرىسىنى ئىجرا قىلغىنىدا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ تەقدىرلىنىدۇ، ئىجرا قىلمىغاندا بولسا، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماي چەتكە قېقىلىدۇ. تار مەنىدىكى تۆرە، بىر جەمئىيەتتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۆرە، ئۆتمۈشتە بۇگۈنكى مەنىدىكى قانۇننىڭ رولىنى ئوينىغانىدى.) ئىسىم قويۇش ھەققىدە مۇنداق بىر ئەنئەنە بار؛ ئەگەر ياش ئاتا-ئانا، چوڭلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقان بولسا، (يەنى چوڭلار ھاياتتا بولسا) ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ ياكى ئۇلار قويۇپ بەرگەن ئاتنى، رەسمى ئىسىم قىلىپ ئىشلىتىدۇ. قىسقىسى، كىشىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش، ئايرىش، تونۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن مەخسۇس ئاتالغۇلار "ئىسىم، ئات" دېيىلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان ھەر بىر بوۋاققا ئات قويۇش، بىر ئەنئەنە، تۆرە بولغاندىن باشقا، بىر ئىھتىياچ ۋە ھەتتا بىر مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ خىل مەجبۇرىيەت ياكى ئىھتىياج، ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەت شەكلىدە ياشاشقا باشلىغان تۇنجى كۈنلىرىدە باشلانغان ئىدى. بوۋاققا قويۇلغان ئىسىمنىڭ مەنىسى، بوۋاقنىڭ كىشىلىكى، كەلگۈسى، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى مۇۋەپپىقىيىتى ۋە ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسىمنىڭ تاللىنىشى، دىققەت ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش بولۇپ كەلگەنىدى(ئا.نەۋزات ئودياقماس، «ئات قويۇش ئەنئەنىسى»، لالە بايراق، م.فارۇق بايراق ئا'دىن ز'گە زامانىۋى بالىلار ئىسىملىرى سۆزلۈكى، ئالفا نەشرياتى 2000-يىل ئىستانبۇل.7. بەت.). ئات تاللاش، تەسەۋۋۇر قىلىنغاندەك ئۇ قەدەر ئوڭاي بىر ئىش ئەمەس. ئەگەر خۇسۇسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالدىن قارارلاشتۇرۇلغان بىر ئىسىم يوق بولسا (مەسىلەن تۈگەپ كەتكەن يېقىنلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇش، ئىككى تەرەپنىڭ بىرىسى ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىرەر تارىخىي شەخسنىڭ ئىسمىنى قويۇغنى ئالدىن بېكىتىۋەتكەن...)، ئانا-دادا تۇغۇلغۇسى پەرزەنتىگە ئەڭ ئۇيغۇن بىر ئات قويۇش ئۈچۈن بىلىدىغان پۈتۈن ئاتلارنى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزىشىدۇ، ئويلىشىدۇ. ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە، ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ۋە مىللەت، ئۆزلىرىگە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە ۋە ئادەتلىرىگە، دىنىي ئېتىقادىغا، مىللىي پەلسەپە-تەپەككۇرىغا ئۇيغۇن ئىسىملەر ئىشلەتكەن ياكى ئىشلىتىۋاتماقتا. جەمئىيەتتىكى ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېرىشى ھەمدە مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ كىشى ئىسىملىرىدە، جىنسىيەت ئايرىملىشىش ھادىسىسى روشەنلىشىپ بارغان. يەنى، بەزى ئىسىملار يالغۇز قىز پەرزەنتلەرگە قويۇلسا، بەزىلىرى يالغۇز ئوغۇل بالىلارغا قويۇلۇشقا باشلىغان. ئەلبەتتە بۇ ئەھۋال پۈتۈن مىللەتلەرگە ئورتاق ئەمەستۇر. خەنزۇلارغا ئوخشاش بەزى مىللەتلەردە كىشى ئىسىملىرىدىكى جىنسىيەت ئايرىمى ئۇ قەدەر روشەن ئەمەس ياكى يوقتۇر. ئەمما تۈركىي تىللىق خەلقلەر، پارسلار، ئەرەبلەر ۋە رۇسلاردا بولسا بۇ ئەھۋال ناھايىتى روشەن. تۈرك كىشى ئىسىملىرىنى تەتقىق قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرى باسقۇچى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى چوقۇم دىققەتكە ئېلىش شەرت. چۈنكى بۇ ئىككى دەۋردىكى كىشى ئىسىملىرى بىر-بىرىدىن روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، بۇ كىشى ئىسىملىرىنىڭ تامامەن دېگۈدەك تۈركچە بولۇشى ئىدى. بۇ دەۋردە تۈركلەر كۆكتەڭرى، مانى، بۇددىزم، زەردۈشت ۋە خرىستىئان دىنلىرىگە كىرىپ چىققان بولسىمۇ، ئۆز ئىسىم ۋە تۆرەلىرىگە نىسبەتەن سادىق قالغان ئىدى. ئەڭ تەقۋا بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى كىتابلىرىدا (ھەتتا تەرجىمە ئەسەرلىرىدە) سانسكرىتچە ئاتالغۇلار ئۇ قەدەر كۆپ بولسىمۇ كىشى ئىسىملىرى يەنىلا تۈركچە ئىدى. يات دىنلارنىڭ تەسىرىدە قالغان خاقان، تېكىن، بەگ ۋە خاتۇنلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ يەنىلا تۈركچە ئىدى. يەتتەسۇ رايونىدىكى نەستۇرى خرىستىئان تۈركلىرىگە ئائىت مازار تاشلىرىدا كۆرۈلگەن يۈزگە يېقىن كىشى ئىسىملىرىنىڭ يالغۇز بەشىلا يات (تۈركچە بولمىغان) كىشى ئىسمى ئىدى. مەسىلەن، مىلادى 885—1335 يىللىرى ئارىسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ مازارلىقىدىكى قەبرە تاشلىرىدا تۆۋەندىكى كىشى ئىسىملىرى كۆرۈلگەن: مەڭگۈتاش، تېگىن، ئالتۇنتاش، قىزتۈرك، كۈمۈش خاتۇن...تېخىمۇ قىزىقارلىقى ئۇلارنىڭ پاپازلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭمۇ تۈركچە بولۇشى ئىدى مەسىلەن، ئاقباش پاپاز، يۇلۇقئۇتۇغ پاپاز..دېگەندەك(كەمال زەكى گەنچئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000 يىلى، 4. بەت.). قەدىمكى تۈركلەر، تۇغۇلغۇسى بوۋاقلارغا ئات قويۇش ئىشىنى ناھايىتى مۇھىم ئىش قاتارىدا كۆرەتتى. قەدىمكى تۈركلەرگە كۆرە، بوۋاققا قويۇلىدىغان ئىسىم بىلەن پېشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىر ئارىسىدا بىر خىل مۇناسىۋەت، مەخپىي بىر ئوڭ تاناسىپلىق/ئۇيغۇنلۇق بار ئىدى. ئۇلار كىشى ئىسمىنىڭ، ئىنسانلار ئۈچۈن بىر خىل يازغى (پېشانىسىگە پۈتۈلگەن، يېزىلغان) ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. دەدە قورقۇت ھېكايىلىرىدىمۇ ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىدۇ. بۇ خۇسۇستا تەتقىقاتچىلار، شۇ نۇقتىدا ئورتاق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن: قويۇلىدىغان ئىسىم بوۋاق تۇغۇلغان ھامان ئەمەس، مۇئەييەن بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قويۇلىدىغانلىقىدۇر. دەدە قورقۇت بۇ ھەقتە شۇنداق دەيدۇ: "بىر ئوغۇلغا، باش كېسىپ قان تۆكمىگۈچە، ئات قويۇلماس ئىدى"( بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 4 بەت.). ئاسىيا قىتئەسىدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ بەزىلىرىدە، پەرزەنتلىرى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئۆتكۈنچى ئىسىم قويىدىغان ئادەت بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بالىسى چوڭ بولۇپ يىگىتلىككە يارىشا بىر نەتىجە ياراتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا رەسمىي ۋە ئۆزگەرمەس ئىسمىنى قويۇشاتتى. يىگىتلىككە قەدەم قويغان بالىلار، ياي تارتىپ ئوق ئاتماي، ھەركىمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر يىگىتلىك كۆرسەتمەي تۇرۇپ مۇقىم بىر ئىسىم ئالالمايتتى. بۇ ھەقتە مەيلى دەدە قورقۇت كىتابىدا، مەيلى ئوغۇز قاغان داستانىدا بولسۇن، يىگىتلىكىگە ئاساسەن بېرىلگەن بىرمۇنچە ئىسىم قويۇش ئەھۋالىنىڭ بارلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭغا مىسال ئۈچۈن ئوغۇزخان داستانىدىكى بىرمۇنچە كىشى ئىسىملىرى ئارىسىدىن بوزئوق، قارلۇق، قىپچاق، ئوغۇز، ئۇيغۇر ۋە ئۈچئوق ئاتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. يەنە، بۇ يەردە «دەدە قورقۇت كىتابى»دىكى يۇقىرىدا توختالغان تېما بىلەن ئالاقىدار بىر ھېكايىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتەيلى (مۇھاررەم ئەرگىن، دەدە قورقۇت كىتابى، بوغازئىچى نەشرياتى، 2000-يىل، 21-نەشرى. 24-26 بەتلەر.): «....قول كۆتۈرۈشۈپ دۇئا قىلىشىپ تىلەك تىلەشتى. بىر دۇئاگۇينىڭ خەير دۇئاسى بىلەن ئاللاھتائالا، دىرسە خانغا بىر پەرزەنت بەردى. خاتۇنى ھامىلدار بولدى. بىر قانچە مۇددەتتىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغدى. ئوغلىنى ئىنىكئانىلارغا بەردى، باقتۇردى. ئات ئايىغى شامالدەك ئىتتىك، ئوزان (خەلق سەنئەتچىسى) تىلى چاققان بولۇر، ھەرقايسى سۆڭەكلەر تەرەققىي قىلدى، قوۋۇرغىلىرى چوڭايدى. ئوغلان ئون بەش ياشقا كىردى. ئوغلاننىڭ دادىسى بايىندىرخاننىڭ ئوردۇسىغا (ئارمىيىسىگە) قاتنىشىپ كەتتى. ئەسلىدە خاقانىم بايىندىرخاننىڭ بىر بۇقىسى بار ئىدى. يەنە بىر ئەركەك تۆگىسىمۇ بار ئىدى. ئۇ بۇقا قاتتىق تاشقا مۈڭگۈزىنى ئۇرسا، ناھايىتى قاتتىق قورام تاش كۇكۇم-تالقان بولۇپ كېتەتتى. بايىندىرخان قۇدرەتلىك ئوغۇز بەگلىرى بىلەن بىر يازدا، بىر كۈزدە ئەركەك تۆگىسى بىلەن بۇقىسىنى سوقۇشتۇرۇپ تاماشا قىلاتتى، كۆڭۈل ئاچاتتى. مەگەر سۇلتانىم، يەنە بۇقىنى سارايدىن چىقاردى. ئۈچ كىشى ئوڭ تەرىپىدىن، ئۇچ كىشى سول تەرىپىدىن تۆمۈر زەنجىر بىلەن بۇقىنى يېتىلەشكەنىدى. مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەكىلىپ قويۇپ بېرىشتى. دىرسە خاننىڭ ئوغلى، ئۈچ تەڭتۇشى بىلەن بۇ مەيداندا ئويۇن ئويناۋاتقانىدى. بۇقىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەن بالىلار دەرھال قېچىشتى. دىرسە خاننىڭ ئوغلى قاچمىدى. مەيداننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا قاراپ تۇردى. بۇقا، ئوغۇلغا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. گويا بىر ئۈسۈش بىلەنلا پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغاندەك پەيلى بار ئىدى. ئوغلان، ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگەن بۇقىنىڭ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا مۇشتى بىلەن ئۇردى. بۇقا ئارقىسىغا سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. ئەمما بۇقا يەنە ئوغلانغا ئېتىلىپ كەلدى. ئوغلان يەنە، بۇقىنىڭ پېشانىسىگە مۇشتى بىلەن قاتتىق بىرنى سالدى ۋە مۇشتىنى بۇقىنىڭ بېشىغا تىرەپ تۇرۇپ بۇقىنى ئارقىسىغا ئىتتىردى ۋە مەيداننىڭ بىر چېتىگە چىقاردى. بۇقا بىلەن ئوغلان يەنە داۋاملىق تىركەشتى. بىر-بىرىنى يېڭىشەلمىدى. ئوغلان شۇنداق بىر ئوي ئويلىدى؛ بىر تامغا تىيەك تاقاشتىن مەقسەت، تامنىڭ يىقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر، مەن بۇ بۇقىنىڭ پېشانىسىغا مۇشتۇمنى تىرەپ نېمىگە تىيەك بولۇپ تۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئوغلان، بۇقىنىڭ پىشانىسىدىن مۇشتىنى تارتىپ دەرھال يان تەرەپكە چېكىندى. پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىپ تۇرغان بۇقا ئۆزىنى توختىتالماي ئالدىغا سەنتۈرۈلۈپ تىك موللاق ئاتتى. ئوغلان دەرھال پىچىقىنى چىقىرىپ بۇقىنىڭ كاللىسىنى كەستى. ئوغۇز بەگلىرى كېلىپ ئوغلاننىڭ ئەتراپىغا توپلاندى، «ئاپىرىن!» دېيىشتى، ۋە « دەدەم قورقۇت كەلسۇن، بۇ ئوغلانغا ئات قويسۇن، دادىسىنىڭ قېشىغا ئالىپ بارىپ بەگلىك ئىستەسۇن، تەخت ئالىپ بەرسۇن!» دېيىشتىلەر. دەدەم قورقۇت چاقىرىلدى، ئوغۇلنى ئېلىپ دادىسىغا باردى. دەدە قورقۇت ئوغلاننىڭ دادىسىغا شۇنداق دەپتۇ؛

ھەي دىرسە خان بەگلىك بەر بۇ ئوغلانغا، تەخت بەر ئەردەملىكتۇر. بوينى ئۇزۇن، بۈيۈك ئات بەر بۇ ئوغلانغا، مىنەر بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر. ئېغىللاردىن ئون مىڭ قوي بەر بۇ ئوغلانغا، ئەتلىك بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر. تۆگىلەردىن قىزىل تۆگە بەر بۇ ئوغلانغا، يۈك توشۇغۇچى بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر. ئالتۇن باشلىق ئوتاق بەر بۇ ئوغلانغا، سايە بولسۇن ئەردەملىكتۇر. مۈرىسى قۇشلۇق تون، كىيىم بەر بۇ ئوغلانغا، كىيەر بولسۇن ھۈنەرلىكتۇر.

«سېنىڭ ئۇشبۇ ئوغلۇڭ بايىندىر خاننىڭ ئاق مەيدانىدا جەنك قىلىپتۇ، بىر بۇقا ئۆلتۈرۈپتۇ، ئىسمى بوغاچ بولسۇن، ئاتىنى مەن بەردىم، ياشىنى ئاللاھ بەرگەي!» دېدى. دىرسە خان ئوغلىغا بەگلىك بەردى، تەخت بەردى. ساخا (ياقۇت) تۈركلىرى، قەدىمكى تۈرك ئەنئەنىلىرىنى يېقىنقى زامانلارغىچە داۋام قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇلار بوۋاققا ئىككى قېتىم ئات قوياتتى. تۇنجىسىنى بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق بولغاندا قوياتتى. بۇ ئىسىم ئۆتكۈنچى ئىسىم ئىدى. ئىككىنچىسى بولسا، بالا ئوقيا كېرىپ ئوق ئاتالىغۇدەك بولغاندا قوياتتى(بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 6 بەت.) ، بۇ قويۇلغان ئىسىم ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىسمى بولۇپ قالاتتى. ئالتاي تۈركلىرىدە مۇنداق ئومۇملاشقان بىر ئادەت بار ئىدى؛ بالىسى تۇرمىغان ئائىلىدە، تۇغۇلغان بالىغا سەت بىر ئىسىمنى قوياتتى. مەسىلەن ئىت، ئىتبالا، توڭگۇز، ئىتئالماس دېگەندەك. بۇ خىل ئادەت كۈنىمىزدىكى قازاق-قىرغىزلاردىمۇ مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئىشىنىشىگە ئاساسلانغاندا ئەزرائىل، سەت ئىسىم قويۇلغان بالىلارنىڭ جېنىنى «توڭگۇز، ئىت» دەپ يىرگىنىپ ئالماسمىش(بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 7 .بەت.). باشقا مىللەتلەردىمۇ ناھايىتى كۈلكىلىك ئىسىملەر بار. مەسىلەن، فرانسۇزلاردا، بەرگەر Berger (چوپان)، پىئېررە/Pierre (تاش)، بوۋئىللون/Bouillon (گۆشسۈيى)، بوۋئۇف/ Boeuf (ئۆكۈز). گېرمانلاردا، Arseh/ئارسېخ (ئۆكۈز)، كاتزېنېللېنبوگېن /Katzenellenbogen (مۈشۈك جەينىكى). رۇسلاردا، سوباكىن/ Sobakin(ئىت ئوغلى)، سۋېنىن/ Swenin(توڭگۇز ئوغلى)، سۋېنوۋخوۋ/ Svenouhov (توڭگۇز قۇلىقى ئوغلى)، بىكوۋ/ Bikov (ئۆكۈز ئوغلى) دېگەندەك. تۈرك تىللىق خەلقلەردىكى مەنىسى ياخشى بولمىغان كىشى ئىسىملىرىنىڭ قىسمەن تۈرك تىللىق خەلقلەردىلا بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ قەدەر كۈلكىلىك ئەمەسلىكى كۆرۈلىدۇ. ئەرەبلەر كىشى ئىسىملىرى ئۈچۈن «ئەلەسمائۈ تەنزىلۈ مىننەسسەمائى» دەيدۇكى، بۇ «ئىسىملەر ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. قەدىمكى تۈركلەر، ئىسىملەرنى ئاسماندىن چۈشكەن دەپ ھېساپلىمايتتى. ئۇلار بالا، قابىلىيىتىگە يارىشا، ئۆزىگە ئۇيغۇن ئىسىمنى ئالىدۇ دەپ قارايتتى. بۇ سەۋەبلىك تۈرك كىشى ئىسىملىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ قىممىتى بار(بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935 يىلى ئىستانبۇل دۆلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنجى نەشرى. 9 .بەت). ئەلبەتتە بۇ ھال، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى، ياشىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە ئۇ مىللەتلەرنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىدىغان خاسلىقى، قىممەت قاراشلىرى، ھايات پەلسەپىلىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى مىللەتلەر ياشايدىغان ئىقلىم، ماكان، تەسىرلىشىدىغان مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرلەر(كۈلتۈر ئاتالغۇسى تىلىمىزدا «مەدەنىيەت» (غەرپ تىللىرىدا Culture ، خەنزۇ تىلىدا 文化) دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ھادىسىنىڭ ئىلىم تىلىدىكى ئاتىلىشىدۇر. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پېنىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى جەمىيەتشۇناسلىق (سوتسىئولوگىيە)، ئىنسانشۇناسلىق (ئانتروپولوگىيە) قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى، بۇ تۈپەيلى بۇ ساھەدەىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يوقلۇقىدەك رىئال سەۋەبلەر بىلەن «كۈلتۈر»گە ئوخشاش ئاتالغۇ ۋە ھادىسىلەر ئىلمىي شەكىلدە ئىزاھلىنىپ مۇقىملاشتۇرۇلمىغان. بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇنلا ھەل قىلىپ بولغان مىلەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلىغا تەرقخمە قىلىنغاندا بۇ خىل ئاتالغۇلار تەرجىمانلار تەرىپىدىن يەنىلا «مەدەنىيەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان پەقەت ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن مەنالار ئاڭقىرىلمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئاتالغۇ قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە «كۈلتۈر» بىلەن «مەدەنىيەت» بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان ھادىسىلەر بولۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئىزاھات ياكى نەزەرىيىۋى چۈشەندۈرۈشلەر ئۈچۈن قاراڭ: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت ئاتالغۇلىرىغا سوتسىئولوگىيىلىك ئىزاھات» تۇرپان، 2003-يىلى 4-سان، ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق «كۈلتۈرنىڭ مەدەنىيەتتىن پەرقى ۋە مىللىي كۈلتۈر» تۇرپان، 2004-يىلى، 2- سان.) بىر-بىرىدىن پەرقلىق. ئەڭ مۇھىمى بىر مىللەت، مىللەت بولۇپ مەۋجۇدىيىتىنى ئەسىرلەرچە داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكىنىڭ تۈپ بەلگىسى، ئۇنىڭ مۇكەممەل ۋە ئۆزىگە خاس مىللىي كۈلتۈرىنى يارىتالىغانلىقىدا. ئەنە شۇ مىللىي كۈلتۈر، مىللەتلەرنىڭ مىللىي تەپەككۇرىنى، قىممەت قارىشىنى قىسقىسى ھەممەر نەرسىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كىرەككى، كۈلتۈرلەردىكى مىللىيلىقنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تېمىمىز بولغان كىشى ئىسىملىرىنىڭمۇ مىللىيلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

2-ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈرك كىشى ئىسىملىرى

ئىسلامىيەت ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئاساسلىق دىنغا ئايلانغاندىن كېيىن ۋەرخىل يوللار بىلەن ئەتراپقا يېيىلىشقا باشلىغانىدى. ئىران ئىگىزلىكىنىڭ ئىسلاملىشىشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئىسلامىيەت ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشكە باشلايدۇ. 7-ئەسىردە تۈركلەرنىڭ غەرپكە كېڭىيىش ۋە كۆچۈش ھەرىكىتى ئەمىلىيلىشىۋاتقان ئىدى. تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمان ئەرەبلەر بىلەن ئۇچرىشىشى 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خوراسان رايونىدا، يەنى ئىران-تۇران چېگرىسىدا بولغانىدى. بۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈنچە، يۈزەكى ئۇچرىشىش ئەمەس ئىدى. بۇ ئۇچرىشىش كېيىنكى يىللاردا تەسىرى داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ بارىدىغان كۈلتۈرەل ئۇچرىشىشنىڭ باشلانمىسى ئىدى. بۇ دەۋردىن كېيىن ئىسلام دىنى بىلەن بىرلىكتە ئەرەبچە ۋە سامانىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە پارسچە كىشى ئىسىملىرى، تۈرك ئارستوكرات سىنىپى تەرىپىدىن دەسلەپتە ئۇنۋان، كېيىنرەك كىشى ئىسىملىرى بولۇپ قوللىنىلىشقا باشلىدى. «تەبەرى تارىخى»دا يېزىلىشىچە، خوراساندىكى تۈرك بەگلىرىدىن، نىزاق تارقاننىڭ جيەنلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى «ئوسمان» ئىدى. بۇ كىشىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەرەبچە ئىسىم ئىشلەتكەن تۈرك ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تىلىمىزغا كىرگەن تۇنجى ئەرەبچە ئىسىمنىڭ «ئوسمان» ئىكەنلىكى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن(ئابدۇلقادىر ئىنان، «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈركچە ئىسىملار»، تۈرك تىلى ژۇرنىلى، 1958، 7. جىلت، 82. بەت.). بۇ تارىختىن كېيىن، ساپ تۈركچە كىشى ئىسىملىرى بار بولغان سۇلتان ۋە دۆلەت بۈيۈكلىرىنىڭ بالىلىرى ئەرەبچە ۋە پارسچە ئىسىم ئىشلىتىشكە باشلىغان. بەزى تۈرك دۆلەتلىرىدە مەسىلەن، كېيىنكى ئانادولۇ سالچۇقلارى تېخىمۇ كۆپ پارسچە ئىسىم قوللىنىشقا باشلىغانىدى. ئۇلار پارسلارنىڭ شاھنامەسىدىكى پۈتۈن قەھرىمانلارنىڭ ئىسىملىرىنى بالىلىرىغا قويۇشقانىدى. پەقەت بۈيۈك تۈرك-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پارچلىنىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بەگلىكلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۈرك خەلقى ئارىسىدىن چىققانلىقى تۈپەيلى يەنە تۈركچە ئىسىملارغا قايتقانلىقى كۆرىلىدۇ. مەسىلەن، سالچۇقلار دۆلىتىنىڭ تارقىلىشىدىن كيىن، ھېراتتا ئايتېگىن؛ خوراساندا ياغمۇر، بۇغرا؛ ئانادولۇدا ئىنال، ئىنالدى، دەمىرخان، ياخشى، تۇرغۇت، دۇرسۇن---غا ئوخشاش ئىسىملىك بەگلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. تۈركىيەنىڭ سىنوپ ۋىلايىتىدە سەلچۇقلۇلارنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە ۋە جاندار ئوغۇللىرىغا ئائىت 1212-1445 يىللىرى ئارىسىدىكى مازار تاشلىرىدا تۇغرۇل، قۇتلۇجا، ياۋاش، ئارتۇق، ئاياس، ئىلدېڭىز، تۆرەخاتۇن، كۈندۈز، قايماس دېگەندەك ئىسىملەرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى(كەمال زەكى گەنچئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000 يىلى، 5.بەت.). ئىسلامىيەتنى تۇنجى بولۇپ دۆلەت دىنى قىلغان سۇلتان ساتۇق بۇغراخانمۇ ئەرەبچە ئابدۇلكەرىم ئىسمىنى ئىشلەتكەنىدى. قاراخانىيلار دەۋرىدە خاقان ۋە سۇلتانلارنىڭ ئىسىملىرى تامامەن ئەرەبچە بولماستىن تۈركچە ئىسىملەرنىمۇ بىرگە ئىشلەتكەنلىكى كۆرىلىدۇ. بۇ دەۋردىكى زىيالىي تەبىقىسىدىكىلەرگە قارىغىنىمىزدا، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاساسەن ئەرەبچىلەشكەنلىكىنى ھەتتا ئەرەب ئىسىم-فامىلە ئادىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئوڭايلا بايقاش مۇمكىن. مەسىلەن فارابى (تولۇق ئىسمى: ئەبۇ نەسىر بىننى مۇھەممەد بىننى تارخان بىننى ئۇزلۇق فارابى)، كاشىغارى (تولۇق ئىسمى: مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن كاشىغارى)، يۈكنەكى (تولۇق ئىسمى: ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى)، خاراباتى (تولۇق ئىسمى: مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى)، مۆجىزى (تولۇق ئىسمى: موللا ئىسمەتۇللاھ بىننى موللا نىمەتۇللاھ)، ناقىس (تولۇق ئىسمى: سابىر ئاخۇن بىننى ئابدۇقادىر)...گە ئوخشاش. بۇ خىل ئەھۋال ئەسلىدە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوقۇغان زىيالىي تەبىقىسىدە نىسبەتەن ئومۇملاشقان ئەھۋال ئىدى. ئوسمانلى خاقانلىرى، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى ئىچىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ تۈركچە بولۇشىغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن خاقانلار ئىدى. تۈرك-ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئەرتۇغرۇل، گۈندۈزئالپ، ساچاجى بەي دېگەندەك ساپ تۈركچە ئىسىملار كۆرۈلسىمۇ، 600 يىللىق ھاكىمىيەت تارىخىدا، ئوسمانلى ئۇرۇقىدىن كەلگەن خاقانلار، ئورخان غازىدىن كېيىن ھېچبىرى تۈركچە ئىسىم قۇللانمىغانىدى. 600 يىللىق تارىخ بويىچە، خانىداننىڭ شاھزادىلىرى ئىچىدە پەقەت 6 ئورخان، 2 جەنگىز (ئۇيغۇرچىدىكى=چىڭگىز)، 2 قورقۇت، 2 ساۋاجى، 4 ئەرتۇغرۇل، 1 ئوغۇزخان؛ سۇلتانلار ئىچىدە پەقەتلا 3 سەلچۇق، 2 بەيخان بار ئىدى. ئوسمانلى ئۇرۇقىنىڭ ئەرەبچە-پارسچە كىشى ئىسىملىرىغا بۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىشىدە، بۇ تەبىقىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان دىۋان ئەدەبىياتىنىڭ رولى چوڭ بولغانىدى(كەمال زەكى گەنچئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000 يىلى، 6-7.بەت). دەسلىپىدە، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلار بىلەن ئۈست تەبىقىدىكىلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ ئىسىملىرىدا كۆرۈلگەن ئەرەبلىشىش، پارسلىشىش ھادىسىسى، كېيىنكى نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا پۈتۈن مىللەت ئىچىدە ئومۇملىشىشتەك بۈگۈنكى نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كۈنىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈرك تىللىق خەلقلەردىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، ئەزەربەيجان، تۈركىيە تۈركلىرى (جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە بولغان دەۋردە)، بالقان تۈركلىرى ۋە ئىران، ئىراق، سۈرىيە تۈركمەنلىرىدە ئەرەبچە–پارسچە ئىسىملارنىڭ نىسبىتى ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن، ئۇلارنىڭ تۈرك تىللىق مىللەتكە مەنسۇپلىقىنى بايقاش ناھايىتى تەس ئىدى. لېكىن قىپچاق تۈركلىرىنىڭ كىشى ئىسىملىرى (قازاق، قىرغىز، تاتار، باشقۇرت، نوغاي، قاراچاي) يۇقىرىقى ئوغۇز تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈركچە ئۆزگىچىلىكىنى مۇھاپىزەت قىلغان. بۇ ئەھۋال، ئۇلارنىڭ كۆپىنچە قونار-كۆچەر ھالەتتە ياشايدىغانلىقى، تامامەن ئولتۇراق ھاياتقا ئۆتۈپ ئىسلام مەدەنىيىتىدىن چوڭقۇر تەسىر ئېلىشنىڭ باشلانمىغانلىقى، ئىسلامىيلىقنىڭ ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئوغۇز ۋە ئۇيغۇرلار (ئۆزبەكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر-قارلۇق گۇرۇبى) دىكىدەك چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغانلىقى ئېھتىمالىدىن بولسا كېرەك. يەنە تاغ ۋە دالالاردا ياشايدىغان قىپچاقلار بىلەن ئوغۇز ۋە ئۇيغۇرلارغا يېقىن ياكى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە شەھەرلەردە ياشايدىغان قىپچاقلارنىڭ كىشى ئىسىملىردا روشەن پەرق بار. يەنى ئوغۇز ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە شەھەرلەردە (مەسىلەن ئارتۇش، غۇلجا، چۆچەك، ئوش، جالالئابات قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدىغان قازاق، قىرغىز ۋە تاتارلار) ياشايدىغان قىپچاقلارنىڭ ئىسىملىرىدە ئىسلامى (ئەرەب-پارىس) كىشى ئىسىملىرى بولسا قىر-دالىدا ياشايدىغان قىپچاقلارنىڭكىدىن كۆپرەك.

3- يېقىنقى زامان تۈركىيە تۈركلىرىدە كىشى ئىسىم-فامىلىلىرى

ئوسمانلى تۈركلىرى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە غەربىي ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادا ھەر قايسى جەھەتتە خۇسۇسەن ئەسكىرىي جەھەتتە ئەڭ ئۈستۈن كۈچ ئىدى. ئوسمانلىلار 1698-يىلىدىكى ياۋرۇپا خرىستىئانلىرىنىڭ بىرلەشكەن ئارمىيىسى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، گەرچە ئوسمانلىلار ئۇلارنى ۋىيانادا ئۇلارنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، ئاقىبەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇنجى قېتىم ياۋروپالىقلاردىن يېڭىلىدۇ. ئىمپېراتورلۇق قۇرۇلغان تارىختىن بېرى ياۋروپالىقلادىن ھەر جەھەتتىن ئۈستۈن بولۇپ كەلگەن ئوسمانلىلار، ئۇلار بىلەن قىلغان پۈتۈن ئۇرۇشلاردىن غالىب چىققانىدى. ۋىيانا قورشاۋىدىكى يېڭىلىشتىن كېيىن ھەممە جەھەتتە ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ كەلگەن ئوسمانلى تۈركلىرى، ياۋروپانىڭ ئۆزلىرىدىن قايسى جەھەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلايدۇ. ئوسمانلى سۇلتانلىرى ۋە باش ۋەزىرلىرى 18-ئەسىردە ئەسكىرىي ساھەدە باشلىتىلغان غەربتىن ئۆگىنىش ياكى غەربتىن تېخنىكا كىرگۈزۈش ھەرىكىتى كېيىنچە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غەربنىڭ باشقۇرۇش شەكىللىرىنى، تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى، قانۇن تۈزۈملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە قەدەر تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ. ياۋروپادىكى تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىش، ئوسمانلىغا قارىتىلغان «ئۆزگەرتىشلەر» ۋە ئاخىرى ئۈزۈلمىگەن ئۇرۇشلار ئاقىبىتىدە بۇ ئىسلاھاتلار تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەي جۇمھۇرىيەت تۈركىيەسىگە باقىۋەندە بولىدۇ. ئۇرۇشتىن غالىپ ئايرىلغان ۋە مۇستەقىللىقىنى پۈتۈن ياۋروپالىقلارغا ئېتىراپ قىلدۇرغان يېڭى تۈركلەر، يېڭى شەرت ۋە يېڭى دەۋردە زامانىۋى ئۇلۇس-دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇستافا كامالنىڭ باشچىلىقىدا بۈيۈك بىر ئىنقىلابنى باشلايدۇ. بۇ ئىنقىلابنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولسا، ئۈممەتتىن مىللەت يارىتىش ۋە بۇ مىللەتكە زامانىۋى مەنىدىكى مىللەت ئېڭىنى سىڭدۈرۈپ زامانىۋى دۇنيادىكى لايىق ئورنىنى تاپقۇزۇش ئىدى. بۇ خۇسۇستا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مىللىي ئاڭنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى، مىللىي تارىخنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ يورۇتۇلىشى، ئەسلىي تۈركلۈكلىرىگە قايتىش... ھەرىكەتلىرى ئىدى. يېڭى جۇمھۇرىيەتچىلەر، كەسكىن قارارلار بىلەن ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى تەرەققىياتقا، زامانىۋىلىشىشقا، زامانىۋى ئۇلۇس-دۆلەت بولۇشقا توسالغۇ بولىدۇ دەپ قارالغان ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئىسلاھ قىلىشقا ھەتتا، تامامەن ئۆزگەرتىشكە كىرىشىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى تۈرك كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىدىمۇ روشەن بىر شەكىلدە ئەكس ئېتىدۇ. تۈركىيە تۈركلىرى مەركىزىي ئاسىيانى ئاتا يۇرت، كىچىك ئاسىيانى (ئانادولۇ يېرىم ئارىلىنى) ئانا ۋەتەن دەپ بىلىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار ئانا ۋەتىنى تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقى بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، 600 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ياۋروپالىقلار بىلەن ھەر خىل مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى سەۋەبىدىن مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى ھېس قىلىپ تۇرغان. تۈرك زىيالىيلىرى ۋە تۈرك بيۇروكراتلىرى فرانسۇز ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان يېڭىلىقلارنى بىرئاز كېچىكىپ بولسىمۇ قوبۇل قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى توسالغۇلۇق ۋە قاتماللىقلارنى تۈگىتىش، ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ. لېكىن تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ تەۋە بولغان مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر چەمبەرلىرى ياۋروپالىقلارنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىق بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمىلىيلىشىشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، تېمىمىز بىلەن ئالاقىدار بولغان كىشى ئىسىملىرىدە تۈركلىشىش، مىللىيلىشىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جۇمھۇرىيەت زامانىۋى مىللەتلەردەك فامىلە قوللىنىشنى قانۇن بىلەن كاپالەتكە ئالىدۇ. تىل ئىنقىلابى بىلەن، تۈرك تىلىدىكى ئەرەب-پارس تىللىرىگە ئائىت سۆز ۋە باشقا ئامىللار تەدرىجىي چىقىرىلىپ، ئورنىغا خەلق تىلىدا ياشاۋاتقان ساپ تۈركچە، قېرىنداش تۈرك تىللىق خەلقلەرنىڭ تىللىرىدىكى سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن ياكى تۈركچىنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ يېڭى-يېڭى سۆزلەر ياسىلىپ بوشلۇق تولدۇرۇلۇشقا باشلانغان. بۇ جەرىياندا، دەسلەپ زىيالىي قاتلىمى كىشى ئىسىملىرىنىڭ مىللىيلىشىشىگە، تارىخىي تۈرك ئاتلىرىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈپ يېيىلىشىغا باشلامچىلىق قىلىشتى ھەتتا ئۇلار، ئۆرنەك بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدە ئاكتىپ ئىجرا قىلىشتى. بۇ باشلامچىلىق نەتىجىسىدە ئاۋام قاتلىمىدىمۇ بۇ خىل خاھىشنى قوبۇل قىلىش، تېزدىن ئۆزلەشتۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئىسمى ئېتىمولوگىيە نۇقتىسىدىن ئاساسەن تۈركچە، فامىلىلىرى بولسا مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ساپ تۈركچىدۇر. بەزى ئىسلامى ئەقىدىسى چوڭقۇر بولغان تۈركلەرمۇ بالىلىرىغا ئەرەبچە ئىسىم قويۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر تۈركچە ئىسىم قويۇشنى ئەنئەنە قىلىشقان. بۇ خىل قوش ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسى تۈركلەردە خېلىلا كەڭرى. مەسىلەن ئاخمەت گۆكتۈرك گەيلان، مەھمەت دۆۋۈشچۈ ئاقسوي، نېجاتى تۇغرۇل كاباكچى دېگەندەك. بۇ يەردىكى، ئاخمەت گۆكتۈرك، مەھمەت دۆۋۈشچۈ، نېجات تۇغرۇل شەخسنىڭ قوش ئىسمى، گەيلان، ئاقسوي، كاباكچى بولسا فامىلىسىدۇر. كېيىنكى يىللاردا، بىر ئىسىم ۋە فامىلە ئىشلىتىش ئومۇملىشىشقا باشلىماقتا. مەسىلەن، ئەرلەر ئىسىم-فامىلىسىدىن: بوزكۇرت كۆكتۈرك، ئالپەر گۆكبۆرۈ، گۆكخان كۆكتۈرك، ئاتىللا قايا، قۇبىلاي تۈركيىلماز، نىھات كاھۋەجى، ئەمرە بەلەزئوغلۇ، ھاسان شاش، ئىلخان مانسىز... قىز ئىسىملىرىدىن: بىرسەن گۆكچە، داملا گەلەكچى، سەۋىنچ قىلىچ، بىلگە تۈرك، ئاسېنا كۆكھۇن، جاندار ئەرچەتىن، ئاينۇر ئۆزدەمىر... تۈركىيە تۈركلىرىدە، قىزلارنىڭ ئادەتتە ئىككى فامىلىسى بولىدۇ. بىرى قىزلىق فامىلىسى، يەنە بىرى بولسا ئەۋلىلىك (ئۆي-ئوچاقلىق) يەنى توي قىلغاندىن كېيىنكى ئېرىنىڭ فامىلىسى. بۇرۇن قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن چوقۇم قىزلىق فامىلىسىنى ئىشلەتمەي، ئېرىنىڭ فامىلىسىنى ئىشلىتەتتى. كېيىنكى يىللاردىكى قانۇن ئۆزگەرتىشلەر بىلەن قىزلار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ خالىسا ئۆزلىرىنىڭ قىزلىق فامىلىسىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولدى. مەسىلەن، ئايبىكەنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى فامىلىسى ئۇيغۇر بولسا، ئالپئارسلان ئىدىقۇت بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنكى فامىلىسى خالىسا، ئايبىكە ئىدىقۇت، خالىسا ئايبىكە ئۇيغۇر ئىدىقۇت بولىدۇ. تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئىسىملىرى بۈگۈن تېخىمۇ مىللىي ۋە ساپ تۈركچە بولۇشقا قاراپ ماڭماقتا. تۈركچە كىشى ئىسىملىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، تۈركلەرنىڭ كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىدە بىر تەرەپتىن قىسقا ۋە مەنىلىك بولۇشىغا دىققەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنىڭ مۇمكىنقەدەر ساپ تۈركچە بولۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئوڭايلا كۆرىۋالالايمىز. 1934-يىلى چىقىرىلغان سويادى (فامىلە) قانۇنى، بەزى چەكلىمىلەرنى بەلگىلەپ بەزى ئىسىملارنىڭ قوللىنىلىشىنى چەكلىگەنىدى. مەسىلەن، بۇ قانۇنغا كۆرە، تۈرك ۋەتەندىشى (گراژدانى) ئەمەل-مەنسەپ، يات ئىرق ۋە يات مىللەت ئىسىملىرى بىلەن ئەدەپ-قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى يىرگىنىشلىك ۋە كۈلكىلىك بولغان سۆزلەرنىڭ سويادى (سوي ئاتى/فامىلە) قىلپ ئىشلىتىلەلمەيتتى.

4- بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردا كىشى ئىسىملىرى ۋە يېڭى يۈزلىنىش

ئۇيغۇرلار يېقىن دەۋرلەرگىچە بارلىق تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرى ئىچىدە ئاساسەن ئورتاق كۈلتۈردىن بەھرىمەن بولغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ كۈنىمىزگە قەدەر (ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن) قانداق ئىسىم ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە، يۇقىرىدا بىز توختىلىپ ئۆتكەن «تۈركلەردە ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئىسىم قويۇش ئادەتلىرى» بىلەن ئوخشاش بولۇپ كەلگەنىدى. پەقەت يېقىنقى دەۋرلەردىكى بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدە روشەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مۇقەررەر(بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن نۇرمۇھەممەت دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىگە ۋە مۇناسىۈەتلىك تەتقىقاتلارغا قارالسا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇنۇش مۇمكىن.). بولۇپمۇ، 1990-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تاللىنىشىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ قويۇلغۇسى ئىسىملارنىڭ مەنىسىگە، تەۋەلىكىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن نوقۇل دىنىي كىتابلاردىن باشقا تارىخىي، مىللىي كىتابلارنى ۋاراقلىغىلى تۇرغانلىقى كۆرۈلمەكتە. بۈگۈنكى دەۋردە خۇسۇسەن ئۇچۇر دەۋرى دەپ ئاتالغان كەڭ مەنىدىكى يەرشارىلىشىش (全球化Globalization) جەرىيانى داۋام قىلىۋاتقان؛ تار مەنىدە رايون خاراكتېرلىك، نىسبەتەن چوڭ يېپىشقاق كۈلتۈرلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن پەرقلىق، نىسبەتەن كىچىك كۈلتۈرلەرگە ئارام بەرمەي ئۆز دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقان كۈنىمىزدە، ھەر قايسى مىللەتلەر، ئۆزلىرىنى، ۋە ئۆزگىلەرنى نىسبەتەن ئەتراپلىق تونۇپ-بىلىپ يەتمەكتە. زامانىۋى مىللەتلەرنىڭ قىلىۋاتقان، كىرىشىۋاتقان ئىشلىرىدا، ھەرۋاقىت ئاڭ-ئىدراك ۋە مىللىي مەسئۇلىيەتنى بەلگىلىگۈچى قىلىشقانلىقىنى ئوڭايلا كۆرۈپ يەتمەكتىمىز. نۇرغۇنلىغان مەدەنىي مىللەتلەر، ياكى مەدەنىي مىللەت بولۇش ھارپىسىدىكى خەلقلەر، تېمىمىز بولغان كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئىسىملارنىڭ ناھايىتى ئىخچام ۋە مەنىلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مىللىيلىقىغا، تارىخىيلىقىغا ھەتتا ئىسىم ئىگىسىنىڭ ھەر ۋاقىت «ئىسمى-جىسمىغا لايىق» بولۇش تۇيغۇسىنى ئويغاق تۇتىشىغا ئەھمىيەت بېرىشمەكتە. يەڭگىل ۋە تۈز تەپەككۇر قىلىدىغان، ئوڭاي ھاياجانلىنىپ ئاسان سوۋۇيدىغان ھېسسىي مىللەتلىكتىن، ئويلايدىغان، كۆپ تەرەپلىمىلىك تەپەككۇر قىلىدىغان، نىسبەتەن پەلسەپىۋىي مىللەت بولۇش ئىزتىراپىنى ھېس قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ، يېڭى دۇنياغا كەلگۈسى ۋە كەلگەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئاڭ فورماتسىيىسىنى، دۇنيا قارىشىنى، ئارمان-ئىستەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان كىشى ئىسىملىرىنى تاللاش، ئىزدەش ئىشتىياقىغا كىرگەنلىكىنى قەدەمدە بىر كۆرۈپ تۇرماقتىمىز. بۇ ھالنىڭ يالغۇز زىيالىي دېيىلگەنلەر قاتلىمى بىلەنلا ئەمەس، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار بولغان كەڭ خەلق ئاممىسى قاتلىمىدىمۇ پەيدا بولۇپ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، كېلىۋاتقان ئىستەك ۋە تەلەپلەردىن بىلىمەكتىمىز. كۆزىمىز ۋە كۆڭلىمىزدە ناھايىتى قىممەتلىك يېرى بولغان نەسلىمىزنى، ئەسلىمىزنى مۇھىمى ئۇرۇقىمىزنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگۈسىمىزنىڭ كاپالىتى بولغۇسى، جان-جىگەر پەرزەنتلىرىمىزگە لايىقىدا ئىسىم تېپىپ قويۇش، بۇ قويۇلغان ئىسىم بىلەن پەرزەنتىگە ئۆزلىرىنىڭ ئىستەكلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى دائىما ئويغاق تۇتۇش، ھەر دەۋردە بولۇپمۇ كۈنىمىزدە ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە بولماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئۇيغۇر كىشى ئىسىم-فامىلىلىرى تەتقىقاتى گۇرۇپپىسى» نىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر تەتقىقات مىۋىسىنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەھرىگە سۇنۇشى(قاراڭ: «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى»، باش تۈزگۈچى: ئازاد رەخمىتۇللا سۇلتان، ئاپتورلار: كوللېكتىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى، 2002-يىلى، ئۈرۈمچى.) ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئىككى قېتىم رەئىس بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلاردا فامىلە قوللىنىشنى قانۇنىي ئاساسقا ئېلىشقا تىرىشىشى بۇ ساھەدىكى تەقدىرلەشكە، پەخرلىنىشكە ئەرزىيدىغان مۇھىم ئىشتۇر. چۈنكى، فامىلە ئىشلەتكەن بىر ئادەمنىڭ ئىسمى، ئۇرۇقى، شان-شۆھرىتى مىڭ يىللارچە ئۇنتۇلمايدۇ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋام قىلىپ كېتىدۇكى، قىممەتلىك بىر يادىكار، جەمەتنىڭ ئۆزگەرمەس ئورتاق ئىسمى بولۇپ قالىدۇ. جەمەت ئىسمى يەنى فامىلەنىڭ قوللىنىلىشى، بىر ئۇرۇقنىڭ بىرلىكى، ئۆملۈكى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەسلىدە بىزدە بار بولغان كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن «يەتتە ئەجدادىنى بىلىش» ئەنئەنىمىزنى تىرىلدۈرۈلگىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ھەر ئۇرۇق ئۆزىنىڭ شەجەرىسىدىن ئاسانلا خەۋەردار بولالايدۇ ياكى يازالايدۇ. ئۆگۈنىنى ھەتتا ئۇنىڭ بۇرۇنىنى بىلەلىگەن، بۇ بىلگەنلىرىدىن مۇسبەت نەتىجە چىقىرالىغان بىر ئەۋلاد، ئەۋلادىغا قانداق ئەجدات بولۇش كىرەكلىكى ھەققىدە مۇئەييەن مۇقىم ئەقىدىگە كەلگەن بولىدۇكى، بۇنداق ئەجداتنىڭ ئەۋلادى جەمەتىگە، جەمئىيىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولالايدۇ. چۈنكى جەمەتىنىڭ غېمىنى قىلغان بىر ئەۋلاد، ئوخشاشلا جەمئىيىتىنىڭ غېمىنى قىلغان بولىدۇ. مەلۇمكى جەمەت شەخسلەردىن (ئەزالىرىدىن)، جەمئىيەت جەمەتلەردىن مۇتەشەككۈل بولىدۇ. كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىم-فامىلە(كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىنىڭ فامىلىسى يوق. كۆپىنچە خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىياللاردىكى 姓名ئىسىم-فامىلىسى ياكى ئىسىم-فامىلىسى شەكلىدە ئېلىنىپ كەلگەن. ئازاتلىقتىن كېيىنكى مۇقىملاشتۇرۇشتا، مۇئەييەن بىركىشىنىڭ تولۇق ئىسمى، ئۇنىڭ ئىسمىغا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتاش بىلەنلا ئىخچاملانغان. كېيىنكى يىللاردىكى تەرەققىيات ۋە نىسبەتەن ئېشىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئاڭ بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ يىتەكلىشىدە بىر قىسىم زىيالىيلار مەدەنىي قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ جەمەت ئىسمىنى (فامىلىسىنى) غەيرىي رەسمىي شەكىلدە(يەنى قانۇنىي كېنىشكا-كىملكلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىسمى+ئاتىسىنىڭ ئىسمى شەكلىدە بولسا، مەتبۇئات ۋە ئۆزئارا چاقىرىش تونۇتۇشلاردا ئۆزىنىڭ ئىسمى+ئاتىسىنىڭ ئىسمى+فامىلىسى ياكى تەخەللۇسى) قوللىنىشماقتا. بەزىلىرى تىرىشىپ-تىرمىشىپ كىملىكلىرىگە يازدۇرۇشماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىنى تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلىۋاتقان ياكى قوللاۋاتقان ماقالە كىتابلارنىڭمۇ نەشر قىلىنىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. لېكىن مەمۇرىي تەستىق ۋە قوللاشتىن نىسبەتەن ئۇزاق قالغان بۇ ئۇرۇنۇشلار ھازىرچە نەتىجىسىز يەنى قانۇنىي كاپالەتتىن يوقسۇن. بۇ خىل تەتقىقات ۋە تەرغىباتنىڭ خەلق قاتلىمىغا يېيىلىپ بېرىشى، ئەڭ مۇھىمى خەلقنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئارقىسىدا فامىلە قوللىنىش ئېھتىياجى ۋە ئەمىلىيلىشىشى روياپقا چىقىشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئارزۇلىرىمىزمۇ بۇ كۈننىڭ پاتراق يېتىپ كېلىشدۇر.) لىرىدىكى يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئېتىمولوگىيە جەھەتتىن ئەرەبچە-پارسچە ۋە تۈركچە ئىسىملارنىڭ قويۇلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەسىلەن مەقەددەس، مەرھابا، ئازات، بابۇر، ئالپ، ئىلتەبەر؛ مەزمۇن ۋە پۇراق جەھەتتىن مىللىيچە ۋە ئىسلامىيچە بولغان كۈرشاد، ئاتىللا، ئايبىكە، مۇھەممەد، قەدىردىن، سىراجىدىن...بۇلاردىن باشقا يەنە روھلۇق، جەڭگىۋارلىقى بولغان ئىسىملار بۇرۇنقىدىن كۆپەيگەن مەسىلەن؛ جەسۇر، قىلىچ، قەيسەر، قەھرىمان... بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر يۈزلىنىش بولسا، خەنزۇ تىلىدا ئىسىملارنىڭ قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە يېزىلىشى توغرىسىدا باش قاتۇرۇش ھادىسىسىدۇر. ئۇيغۇرلار 80- يىللاردىن كېيىنكى «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش» ۋە 90- يىللاردىن كېيىنكى «سوتسىئالىستىك بازار ئىقتىسادى» دەۋرىدە خەنزۇلار ۋە خەنزۇ كۈلتۈرى بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قويۇق مۇناسىۋەتتە، تېخىمۇ بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇشقا باشلىدى. خەنزۇ كۈلتۈرىدە كىشى ئىسىم-فاملىسىنىڭ جەمئىيسىنىڭ 4 خەت ياكى بوغۇمدىن ئاشمايدىغانلىقى تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچىدە ئىپادە قىلىنىشى باش قاتۇرىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەنزۇ تىلىدا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى قانداق خەتلەرنى ئىشلىتىپ يېزىش ھەققىدىمۇ بۇرۇنقى پەرۋاسىزلىقتىن، ھازىرقى دىققەت قىلىشقا يۈزلىنىلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز. خەنزۇ تىلى ۋە كۈلتۈرى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ئالاقىدە بولىۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ بالىلىرىغا تېخىمۇ ئاز بوغۇملۇق قىسقا ئىسىملەرنى قويۇش بىلەن بىرگە خەنزۇ تىلىنىڭ ئىسىم قويۇش ۋە تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىگە ماسلاشتۇرىۋاتقانلىقى ھادىسىسىمۇ بارغانچە كۆپىيىپ بارماقتا. مەسىلەن ئادىلە خەنزۇچىدا 阿迪娜؛ مۇيەسسەر 美亚沙؛ دىلئارا 迪拉娜؛ ئالپ 阿勒夫؛ قادىرجان 哈德江؛ ئانار 安娜 قاتارلىقلار. بۇ ئىسىملارنىڭ بەزىسىنىڭ خەنزۇچىسىدىن ئۇيغۇرچىسىنى تاپماق ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. قىسقىسى 90-يىللاردىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەڭ مۇھىم يۈزلىنىشنىڭ بىرى تاللىنىۋاتقان ئىسىملەرنىڭ مەنىسىگە، مىللىيلىقىغا دىققەت قىلىش؛ ئاتا-ئانا پەرزەنتىگە قويغان ئىسىم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى (قىلغان، قىلالىغان، قىلالمىغان، قىلماقچى بولغان) دۇنيا قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇش؛ پەرزەنتىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىبارەت بولىۋاتىدۇ.


پايدىلىنىلغان مەنبەلەر

1. مەھمۇد كاشىغەرى، دىۋانۇ لۈغەتىت تۈرك، 1–،2–، 3–جىلد، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى. 2. ئابدۇلقادىر ئىنان، «ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى تۈركچە ئىسىملار»، تۈرك تىلى ژورنىلى، 7-جىلت، 1958-يىلى. 3. ئا.نەۋزات ئودياقماس، «ئات قويۇش ئەنئەنىسى»، لالە بايراق، م.فارۇق بايراق ئا'دىن ز'گە زامانىۋى بالىلار ئىسىملىرى سۆزلىكى، ئالفا نەشرىياتى 2000-يىل ئىستانبۇل. 4. بەسىم ئاتالاي، تۈرك بۈيۈكلىرى ۋەيا تۈرك ئاتلىرى، 1935-يىلى ئىستانبۇل دەۋلەت نەشىرىياتى باسمىخانىسى. ئىككىنچى نەشرى. 5. كەمال زەكى گەنچئوسمان، مىلەنيۇم بالىلىرى ئۈچۈن تۈرك ئىسىملىرى سۆزلۈكى، دوغان مەديا گۇرۇبى نەشرى. 2000-يىل. 6. تۈرك تىل جەمئىيىتى، تۈركچە سۆزلۈك، ئەنقەرە، 1988-يىل. 7. ئەرول ئايدىل، ئادلارىمىز، تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئېنستىتوتى نەشرى، ئەنقەرە، 1992-يىلى 2-نەشىرى. 8. م. كەمال چالىق، تۈرك ئاد ۋە سويادى سۆزلۈكى، 1991-يىلى، 2-نەشىرى. 9. تۈرك ئېنسكلوپېدىسى.. 10. ئابدۈلخالىك چاي،«تۈرك ئايال ئىسىملىرى ھەققىدە»، ئۆتۈكەن، ماي-ئىيۇل سانى، 1975-يىل. 11. ئابدۈلكادىر دونۇك، مەمۇرىي، ھەربىي ئۇنۋان ۋە ئاتالغۇلار ، تۈرك دۈنياسى تەتقىقاتى ۋەخپىسى نەشرى. ئىستانبۇل، 1989-يىل. 12. م. شاكىر ئۈلكۈتاشىر، «تۈركلەردە ئىسىم قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئادەتلەر»، تۈرك كۈلتۈرۈ، ئەنقەرە، ئاۋغۇست 1963-يىل. 13. مۇھاررەم ئەرگىن، دەدە قورقۇت كىتابى، بوغازئىچى نەشرىياتى، 2000-يىلى، 21-نەشىرى. 14. ئابدۈلقادىر ئىنان، قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىدە مەمۇرىي-ئەسكىرىي ئۇنۋان ۋە ئاتالغۇلار، 1987-يىلى. 15. ئەمەل ئەسىن، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك كۈلتۈر تارىخى ۋە ئىسلامغا كىرىش، 1973-يىلى. 16. فارۇق سۈمەر، ئوغۇزلار، تۈرك دۈنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىسى نەشىرى، 1999-يىلى، ئىستانبۇل. 17. ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى، باش تۈزگۈچى: ئازاد رەخمىتۇللا سۇلتان، ئاپتورلار: كوللېكتىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى، ئۈرۈمچى.

بۇ ماقالە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 2- سانىدا ئىلان قىلىنغان.

ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى دوتېسنتى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.