ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرەسى ھەققىدە

ئورنى Wikipedia

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

«مەپكۇرە <مەفكۇرە>» ئاتالغۇسى  ئەرەبچە «پىكىر <فىكىر>» سۆزىدىن ياسالغان بولۇپ، سۆز مەنىسى «پىكىر يۈرگۈزۈلگەن» ياكى «پىكىردە بولغان نەرسە»، «تەسەۋۋۇر شەكلىدىكى غايە» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ سۆز ئۇقۇم جەھەتتىن «مەقسەت قىلىنغان»، «يەتمەكچى بولغان غايە»، «يەتمەكچى بولغان يۈكسەك مەقسەت» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. پەلسەپىۋى جەھەتتىن «ئەمەلىيەتتە بولمىغان، پەقەت پىكىردە تەسەۋۋۇر قىلىنغان، ھېچقاچان تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدىغان ئەڭ يۈكسەك مەقسەت» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشەنگىلى بولىدۇكى، مەپكۇرە ئېرىشمەكچى بولغان، لېكىن ھېچقاچان تولۇق ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىر مەقسەت / غايىدۇر. بۇ يۈكسەك مەقسەت / غايە يول كۆرسەتكۈچ بىر ئۆرنەك، بىر پىرىنسىپتۇر.

مەپكۇرە بىر خىل مىللىي ئاڭ، بىر خىل ئىدېئولوگىيەدۇر. ئىچكى جەھەتتىن مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرىدۇ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. تاشقى جەھەتتىن تاجاۋۇزچى خاراكتېرلىك بولىدۇ. چۈنكى ھەر مىللەت قۇدرەت تېپىپ دۇنياغا ھاكىم بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىدە مىللىي مەپكۇرەلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى ھۆكۈمدارى ئوغۇز خاننىڭ مەپكۇرەسى دۇنياغا ھاكىم بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ «مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى بولىمەن. يەرنىڭ تۆت بۇلۇڭىنىڭ خاقانى بولسام كېرەكتۇر. سىلەردىن ئىتائەت تىلەيمەن» دېگەن سۆزى، «كۈن تۇغ بولغىل كۆك قۇرىقان»، يەنى «قۇياش بايراق، ئاسمان چېدىر بولسۇن» ئىپادىسى بۇ مەپكۇرەنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۈگۈن بۇ مەپكۇرە تۈركلەردە «قىزىل ئالما» دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. ئەسلىدە بۇ مەپكۇرە دىنىي ئېتىقادتىن كەلگەن. چۈنكى كۆك تەڭرى ئېتىقادى ياكى ئىسلام ئېتىقادى بويىچە كۆكتە تەڭرى / ئاللاھ بىر / يېگانە بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يەريۈزىدىكى ۋەكىلى بولغان ھۈكۈمدارمۇ بىر / يېگانە بولۇشى كېرەك . ئوغۇز خان، چىڭگىز خان ۋە كېيىنكى ئوسمانلى ھۈكۈمدارلىرى مانا مۇشۇنداق بىر مەپكۇرە بىلەن ھەرىكەت قىلغان.

سوتسىيولوگىيە ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇر زىيا گۆكالپنىڭ مەپكۇرە ھەققىدىكى قاراشلىرى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەپكۇرەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا يول كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. زىيا گۆكالپنىڭ قارىشى بويىچە، بىر جەمئىيەت رەقىب جەمئىيەتكە مەغلۇپ بولغاندا، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزگەرتىشى ۋە كۈچلەندۈرۈشى كېرەك . بولمىسا، پۈتۈنلەي ھالاك بولۇپ كېتىدۇ. پالاكەتكە ئۇچرىغان جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ئەمەس، جەمئىيەتلىرىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. بۇ ئورتاق تۇيغۇ مەپكۇرە، دەپ ئاتىلىدۇ. مەپكۇرەلەر مىللەتلەر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بوھرانلىق مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى خەۋپكە دۇچ كەلگەندە، خەلق ئۆزلىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان بىر سۆز تاپىدۇ. بۇ سۆز ئەتراپىدا بىرلىشىدۇ. ئو سۆز مەپكۇرە بولىدۇ. كونا پىكىرلەر يېتەرلىك بولمىسا، جەمئىيەت بىردىنلا پىكرىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى پىكىرنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. مەپكۇرەسى بولمىغان مىللەتلەر غالىب كەلسىمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، مەپكۇرەسى بولغان مىللەتلەر يېڭىلسىمۇ يېڭىدىن تىرىلىدۇ. مەپكۇرەلەر ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ قاراشلارغا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەپكۇرەسىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى بېكىتىپ چىقىشقا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار ھازىر ناھايىتى چوڭ بىر كىرىزىسقا، بوھرانغا دۇچ كەلدى. خىتايدا كۈنسايىن شىددەتلىنىپ كېتىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت سالماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ئۇيغۇر مىللىتى يوقىتىلىش ۋە يوقىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. خەلقئارا جامائەتچىلىك، ئىسلام دۇنياسى ۋە ھەتتا تۈرك دۇنياسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا قارشى جىددىي بىر ئىنكاس قايتۇرالمايۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار خەۋپتىن ۋە ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە مەجبۇر. بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋال ۋە رېئاللىقىغا ماس كېلىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەقەززا قىلماقتا.

بىز دۇنيادىكى خىلمۇ خىل مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيەنىڭ مىللەتچى خاراكتېرلىك مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئىرق، تىل ۋە دىننى ئاساس قىلغان مىللەتچىلىك ئىچكى جەھەتتىن جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئويغىتىش، كۈچلەندۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش، ھەرىكەتلەندۈرۈش؛ تاشقى جەھەتتىن رەقىب كۈچلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھۇجۇمىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش رولىغا ئىگە. مىللەتچىلىك بۇ كۈچىنى مىللىي تارىخ، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەدەنىيەتتىن ئالىدۇ.

ياۋروپالىقلار مىللەتچىلىكنىڭ قۇدرىتىنى 1792 – يىلدا فىرانسىيەنىڭ ۋالمىي يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن پىرۇسسىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا بايقىغان. ناھايىتى كۈچلۈك مۇنتىزىم قوشۇنى بولغان پىرۇسسىيەگە قارشى فىرانسىيەنىڭ ئاچ، يالىڭاچ ۋە يېتەرسىز قوشۇنلىرى گېنېرال كېللېرماننىڭ شەپكىسىنى چىقىرىپ «ياشىسۇن مىللەت!» دەپ ۋارقىرىشى ۋە پۈتۈن ئەسكەرلەرنىڭ بىردەك «ياشىسۇن مىللەت» دەپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ پىرۇسسىيە قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىۋەتكەن. فىرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئۇرۇش تارىخچىلىرى فىرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ غەلبىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچنىڭ «ياشىسۇن مىللەت» دېگەن نىدادا ئەكس ئەتكەن مىللەتچىلىك پىكرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. فىرانسىيە ئەسكەرلىرى مىللەت ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي ئۇرۇشقان ۋە بۇ جاسارىتى بىلەن غەلىبە قازانغان.  شۇنداق قىلىپ ياۋروپادا يېڭى بىر دەۋر، يەنى مىللەتچىلىك دەۋرى باشلىغان. 19 – ئەسىردە باشلىغان بۇ مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى ۋە مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىسىدا ياۋروپادا مىللىي دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان، بۇ دۆلەتلەر قۇدرەت تېپىپ نۇرغۇن ئاجىز دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان. يەنە بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن مۇستەملىكە مىللەتلەرمۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان.

بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بىز ئېھتىياج بولۇۋاتقان مەپكۇرە مىللەتچىلىك ئاساسىدىكى بىر مەپكۇرەدۇر. شۇڭا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا، ئاندىن ھازىرقى دۇنيانىڭ شەرت-شارائىتلىرىغا ۋە خەلقئارالىق ئاساسىي ئېقىمغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

مەن بۇ ھەقتە مۇنداق بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن: بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەپكۇرىسى «نېئو-ئۇيغۇرىزم / يېڭى ئۇيغۇرچىلىق» دەپ ئاتىلىشى، بۇ مەپكۇرەنىڭ شوئارى «بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر» بولۇشى، «ئادالەت، ھۆررىيەت، كەڭ قۇرساقلىق ۋە قېرىنداشلىق» تىن ئىبارەت دۇنياۋى قىممەتلەرنى مەزمۇن قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلىشى كېرەك.

بۇنى مۇنداق سىستېمىلاشتۇرۇش مۇمكىن:

مەپكۇرەنىڭ ئىسمى: نېئو-ئۇيغۇرىزم / يېڭى ئۇيغۇرچىلىق.

شوئارى : بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر.

مەزمۇنى: ئادالەت (ھەققانىيەت، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، تەڭ-باراۋەرلىك)، ھۆررىيەت (ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، دېموكراتىيە)، كەڭ قۇرساقلىق (ئىنسانغا ھۆرمەت، سۆيگۈ ۋە كىشىلىك ھەقلىرى)، قېرىنداشلىق (ئۇيغۇر/تۈرك قېرىنداشلىقى، خەلق / مىللەتلەر قېرىنداشلىقى، دۇنيا قېرىنداشلىقى).

نىشانى: مىللىي ھاكىمىيەت – شەرقىي تۈركىستان.

نېمە ئۈچۈن «نېئو-ئۇيغۇرىزم / يېڭى ئۇيغۇرچىلىق» دەيمىز؟ ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پان-تۈركىزم ۋە پان-ئىسلامىزم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەپكۇرەسى بولۇپ، بۇ مەپكۇرە «ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان ئىدى. شېڭ شىسەي ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دەۋرىدە بۇ مەپكۇرە ھەر خىل سىياسىي ۋاسىتە ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق زەربە بېرىلىپ يوق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ زېھنىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكىنى يوق. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ  زېھنىدىكى بۇ يوشۇرۇن كۈچنى ئويغىتىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرەگە ئېھتىياجىمىز بار. بۇ مەپكۇرە «نېئو-ئۇيغۇرىزم / يېڭى ئۇيغۇرچىلىق» تۇر. بۇ، تۇرانچىلىق، پان-تۈركىزم ۋە تۈركچىلىك مەپكۇرەلىرى بىلەن ماھىيەتتە بىر بولسىمۇ، ئەمما كۆلەم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلىقتۇر. زىيا گۆكالپ تۈركچىلىكنىڭ يېقىنقى مەپكۇرەسىنى ئوغۇز بىرلىكى (ئوغۇز ئىتتىھادى / تۈركمەن ئىتتىھادى)، ئۇزاق مەپكۇرەسىنى «تۇران» دەپ كۆرسىتىپ، بۇنى ئۈچ باسقۇچقا ئايرىغان ئىدى: 1- تۈركىيەچىلىك. 2- ئوغۇزچىلىق / تۈركمەنچىلىك. 3- تۇرانچىلىق. دېمەك، نېئو-ئۇيغۇرىزم / يېڭى ئۇيغۇرچىلىق تۇرانچىلىق، پان-تۈركىزم ۋە تۈركچىلىك مەپكۇرەسىگە خىلاپ ئەمەس. تۈرك كىملىكىنى، تۈركچىلىك مەپكۇرەسىنى تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇپ ئۆزلەشتۈرەلمىگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن  «يېڭى ئۇيغۇرچىلىق» تەلەپپۇزى تېز قوبۇل قىلىنىپ ئومۇملىشىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

نېمە ئۈچۈن «بۈيۈك بىرلىك، بۈيۈك ئۇيغۇر» دەيمىز؟ يەنە ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئىتتىپاقلاشقان»، «بىرلەشكەن» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ئىسىمنى بىزگە ئوغۇز قاغان بەرگەن. شۇڭا بۇ ئىسىمدا بىر خاسىيەت بار دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر بىرلىك دېمەكتۇر، ئىتتىپاقلىق دېمەكتۇر. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقتىن كۈچ تۇغۇلىدۇ. كۈچتىن ھاكىمىيەت تۇغۇلىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە زىيالىيلار «ئىتتىھاد-ى ئىسلام»، يەنى ئىسلام بىرلىكى، «ئىتتىھاد-ى ئوسمان»، يەنى ئوسمانلى بىرلىكى دەپ ئاتىلىدىغان مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە ياراتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى، ئوسمانلى تەۋەسىدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ غەربنىڭ ئىمپېرىيالىست ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. شۇڭا بىزمۇ «بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر» شوئارى بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىرلىشىشكە، ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىشىمىز لازىم. يەنە بىر جەھەتتىن، «ئۇيغۇر» ئىسمى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ھەم تۈرك كىملىكىنى ھەم مۇسۇلمان كىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللىي كىملىك تەبىئىتى بويىچە، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ياتلارنى ۋە يات مەدەنىيەتلەرنى يەكلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدايدۇ.

نېمە ئۈچۈن «كەڭ قۇرساقلىق» دەيمىز؟ چۈنكى بۇ ئۇيغۇرلار ساھىب بولغان ئەڭ مۇھىم دۇنياۋى قىممەتلەرنىڭ بىرىسى. ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل كەڭ قۇرساقلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە. ئىدىقۇت ئۇيغۇر دەۋرىدە تۇرپاندا شامانلىق، بۇدا، مانىخەي، خىرىستىيان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرلىكتە ياشىغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇيغۇرلار ساھىب بولغان بۇ كەڭ قۇرساقلىق مەدەنىيىتى سايىسىدا پەرقلىق قوۋم ۋە مىللەتلەر بىلەن ئىناق ياشىغان. كەڭ قۇرساقلىق بولغان يەردە توقۇنۇش بولمايدۇ، ئادالەتسىزلىك بولمايدۇ. جەمئىيەتتە ئىناقلىق، ھۇزۇر بولىدۇ. كەڭ قۇرساقلىق مەدەنىيىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ «نېمە بولساڭ بول، يەنە كەل» دېگەن جۈملىسى بىلەن فورمۇلالاشقان بولۇپ، بۇ قىممەت دۇنيانىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ھىندىستان شائىرى ۋە مۇتەپەككۇرى تاگور دۇنيا مىقياسىدا يۈكسەلتمەكچى بولغان روھمۇ مۇشۇ كەڭ قۇرساقلىق روھى ئىدى.

نېمە ئۈچۈن «قېرىنداشلىق» دەيمىز؟  ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدە بىر – بىرى بىلەن قېرىنداش، تۈركلەر بىلەن قېرىنداش، تىل جەھەتتىكى يېقىنلىقى ۋە ئوخشاشلىقى سەۋەبى بىلەن موڭغۇللار، ياپونلار، كورېيەلىكلەر بىلەنمۇ قېرىنداش، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن قېرىنداش، ئورتاق ئەجدادىمىز ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا سەۋەبى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن قېرىنداش. شۇڭا قېرىنداشلىق دېگەنمۇ بىر خىل مەپكۇرە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فىرانسىيە بايرىقىدىكى قىزىل رەڭمۇ قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ پۈتۈن فىرانسۇزلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردىكى قېرىنداشلىق تار دائىرىدىن ئېيتقاندا مەلۇم بىر مىللەتنى، كەڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا پۈتۈن ئىنسانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. قېرىنداشلىق بىر جەمئىيەت، بىر دۆلەت، بىر رايوندىكى ئىناقلىقنىڭ، دوستلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئاخىرقى ھېسابتا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئاساسىدۇر.

مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە دېگىنىمىز بىر خىل ھەرىكەت شەكلى، بىر خىل تۇرمۇش شەكلىدۇر. ئىمان ئەمەلنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن پىرىنسىپ بويىچە، بۇ مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە بىزنىڭ پۈتۈن جىسمانىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىمىزغا، ھەرىكەتلىرىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا پايدىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھەر پائالىيەت، قىلىنغان ھەر ئىش مىللىي مەپكۇرەمىزگە ئۇيغۇن، ئەكسى شەكىلدىكى ھەرىكەتلەر خىلاپ بولىدۇ. ھەر ئۇيغۇر بۇ ئاڭ بويىچە ئويلىنىشى، ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ياشىسۇن ئۇيغۇر!

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى