ئۇچۇر

ئورنى Wikipedia

ئومۇمەن، بىز كۆزىمىز، قۇلىقىمىز، بۇرنىمىز، تىلىمىز، تېنىمىز ۋە چوڭ مېڭىمىز ئارقىلىق سەزگەن تاشقى شەيئىلەر ئۇچۇرغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ھەر ۋاقىت تۈرلۈك ئۇچۇر بىلەن ھەپىلىشىمىز.

ئۇچۇر ھەققىدە [تەھرىرلەش]

ئومۇمەن، بىز كۆزىمىز، قۇلىقىمىز، بۇرنىمىز، تىلىمىز، تېنىمىز ۋە چوڭ مېڭىمىز ئارقىلىق سەزگەن تاشقى شەيئىلەر ئۇچۇرغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ھەر ۋاقىت تۈرلۈك ئۇچۇر بىلەن ھەپىلىشىمىز.

دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە، بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى، رېنتگېن نۇرى ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت، لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىق يېزىق ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق داۋالاشقا پايدىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ؛ مېتېئورولوگىيە ئىنژېنېرلىرى تۈرلۈك ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ، ھاۋا رايى، شامال كۈچى، شامال يۆنىلىشى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەش ۋە خاتىرىلەش ئارقىلىق مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ؛ كىشىلەر تۇرمۇشتا كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى ئوقۇش، كىنو ۋە تېلېۋېزور كۆرۈش ئارقىلىق ھەر خىل ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.

ئۇچۇرنى شىفىرلاشتۇرۇش [تەھرىرلەش]

بىز ئادەتتە كۆرىدىغان گېزىت، ژۇرنال ۋە كىتابلاردا نۇرغۇن ئۇچۇر بار، ئۇلار ئاشكارا تارقىتىلىدۇ، شۇڭا ھەممە ئادەم خەۋەردار بولسا بولىدۇ. بىراق، بەزى ئۇچۇرلار سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي مەخپىيەتلىككە چېتىلغاندا، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا خەۋەردار بولۇشى كېرەك. شۇڭا، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلار چوقۇم شىفىرلاشتۇرۇلىدۇ.

ئۇچۇرنى شىفىرلاشتۇرۇشتا، ئىككى تەرەپ ئالدىن مەخپىي كېلىشىۋېلىپ، ئالاھىدە بىر خىل شەكىل ئارقىلىق ئۇچۇرنى «پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ».

«يېزىق» نى شىفىرلاشتۇرۇشتا «ئىشارەتلىك سۆز» ئىشلىتىلىدۇ. ئىشارەتلىك سۆز كۆپ خىل بولىدۇ: بەزىلىرىدە رەقەم ۋە بەلگىلەر ئۇچۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، مەسىلەن، «1» رەقىمى «باشقۇرۇلىدىغان» دېگەن سۆزگە، «2» رەقىمى «سىنارەد» دېگەن سۆزگە ۋەكىللىك قىلسا، «12» رەقىمى «باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد» دېگەننى بىلدۈرىدۇ؛ بەزىلىرىدە، ئۇچۇردىكى ھەرپ ياكى سۆزنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى ئالماشتۇرۇۋېتىلىدۇ؛ يەنە بەزىلىرىدە، ئۇچۇر ئارىسىغا مۇناسىۋەتسىز بولغان يېزىق، بەلگە قوشۇپ قويۇلىدۇ ياكى ئۇچۇر باشقا تېكىست، جۈملە ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلىدۇ.

ئەگەر، رادىئو-تېلېۋىزىيە، تېلېفوندىكى سۆز ۋە سۈرئەتلەرنى شىفرلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، شىفىرلاشتۇرغۇچ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدا تىل ۋە سۈرەت ئۇچۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلېكتر سىگنالىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر[تەھرىرلەش]

ئۇچۇر ئادەتتە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. پايدىلىق بىر سودا ئۇچۇر زور بايلىق ئەكېلەلەيدۇ؛ ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن بىر قېتىملىق توغرا مەلۇمات ئاپەت پەيدا قىلىدىغان زىياننى ئازايتالايدۇ.

ھەممىلا ئۇچۇر پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. بەزى ئۇچۇرلار كېرەكسىز بولۇپلا قالماي، بەلكى زىيانمۇ سالىدۇ. مەسىلەن، كومپيۇتېر ۋىرۇسى كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا پەيدا قىلىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

ھازىرقى ئەھۋالى [تەھرىرلەش]

ھازىرقى دەۋردە، ئۇچۇر بىر خىل مۇھىم بايلىق مەنبەسى، ئۇ زېمىن، كان مەھسۇلاتلىرى، ئېنېرگىيە مەنبەسى قاتارلىق ماددىي بايلىقلارغا ئوخشاشلا قىممەتلىك بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە ئۇچۇر كەسپى ئاللىقاچان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]