ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئورنى Wikipedia

<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى> - ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولۇپ، 1980 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، تۆت فورماتلىق، ھەپتىدە ئالتە سان چىقىدۇ. گېزىتنىڭ ھازىر <چىمەنزار>، <سۈزۈك بۇلاق>، <نەمۇنە> قاتارلىق ئەدەبىياتقا دائىر بەت - سەھىپىلىرى بار. <چىمەنزار> سەھىپىسىدە شائىر - يازغۇچىلىرىمىزنىڭ شېئىر، ھېكايە، نەسرلىرى؛ <سۈزۈك بۇلاق> سەھىپىسىدە ئوبزورچى - تەتقىقاتچلىرىمىزنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئەدەبىي ئوبزورچىلىققا دائىر ھەر خىل ماقالىلىرى بېرىلىدۇ. <نەمۇنە> سەھىپىسىدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەر، قىسقا ھەجىملىق تەتقىقات - تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرى بېرىلىدۇ. گېزىتتە يەنە <قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى> سەھىپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا چەت ئەل ئەدەبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى قىسقا ھەجىملىك ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلىدۇ.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]