ئۈستىقۇددۇس

ئورنى Wikipedia
ئۈستىقۇددۇس

ئۈستىقۇددۇس(خەنزۇچە: 薰衣草) كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئۈستقۇددۇسقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، مېڭىنى تازىلاش، پەي نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش ۋە قوزغىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

تونۇشتۇرۇلىشى [تەھرىرلەش]

ئۈستىقۇددۇس كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئۈستقۇددۇسقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆتكۈر پۇرايدۇ، غولى ئەگرى، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل، گۈلى كۆكۈچ سۆسۈن، شېخىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسۈپ باشاقسىمان گۈل رېتى شەكىللەندۈرىدۇ.

خۇسۇسىيىتى[تەھرىرلەش]

مېڭىنى تازىلاش، پەي نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش ۋە قوزغىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى[تەھرىرلەش]

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى[تەھرىرلەش]

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى[تەھرىرلەش]

ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 9 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئۆسۈش ئورنى[تەھرىرلەش]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.

رېتسىپلار[تەھرىرلەش]

ئۈستىقۇددۇس، ئاقىرقەرھا ۋە سىركەنجىۋىلنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۇتقاقلىق كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۈستىقۇددۇسنى سەبرى (ئالوي) بىلەن قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تىترىمە كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئۈستىقۇددۇستىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارىمۇچ ۋە يۇمغاقسۈت قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۈستىقۇددۇسنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، پالەچ، لەقۋا، تىترىمە كېسەل، تۇتقاقلىق كېسەل، نەزلە، زۇكام، ئۇنۇتقاقلىق، بەدەن ئاجىزلىقى ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.