ئۈستۈن ئاتۇش 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلەنگەن لىكسىيە

ئورنى Wikipedia

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار، ئىنى ۋە سىڭىللار! قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۈگۈنكىدەك بىر دەم ئېلىش كۈنىدە سورۇنىمىزغا جەم بولغىنىڭلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئىيتىمىز! (چاۋاك ساداسى) مەن ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچى، شۇڭا ئۆرە تۇرۇپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى مەن ئولتۇرۇپ سۆزلىسەم، بالىلارنىڭ تەپەپككۇرى ۋە خىيالىمۇ ئولتۇرۇپ چىچىلىپ كىتىدىكەن، ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىسەم، بىر ھەرىكەتتە بولساق، كاللىمىزمۇ ھەرىكەتتە بولسا، كۆڭلىمىزمۇ ھەرىكەتتە بولسا، تەپەككۇرىمىزمۇ ھەرىكەتچان بولسا دەپ ئارزۇ قىلىمەن. شۇڭا مەن ئۆرە تۇرىۋالدىم، بۇنى توغرا چۈشىنىڭلار.

مەن ئۈستۈن ئاتۇش 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ تەكلىۋىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ناھايىتى ھاياجانلانغان، چۈنكى بۇ ئۈستۈن ئاتۇش بىزنىڭ مەمتىلى ئەپەندى يىتىشكەن يۇرت، ئاندىن تۇرسۇن ئەپەندى يىتىشكەن يۇرت، ئاندىن بىزنىڭ داموللىرىمىز يىتىشكەن يۇرت، ئابدۇقادىر داموللامنى تەربىيلىگەن يۇرت، بۇ يۇرتقا بىزنىڭ قەلبىمىزدە چۇڭقۇر ھۆرمىتىمىز، ئىپتىخارىمىز بار. بەلكىم مۇشۇ سورۇندا، مۇشۇ يىزىلىرىمىزدا بۇندىن 100يىل مۇقەددەم ئۇستاز مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇغان، ئوقۇتقان بولغىيتى، بەلكىم مۇشۇ كوچىلاردا بۇنىڭدىن 100يىل مۇقەددەم ئابدۇقادىر داموللام ماڭغان بولغىيتى، مەن مۇشۇلارنى ئويلىسام بەك ھاياجانلىنىمەن. چۈنكى بۇ يۇرت بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قان، تەر تۆككەن، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاتا قىلغان ئەزىمەتلەرنىڭ يۇرتى.

مەمتىلى ئەپەندى تۈركىيەگە بىرىپ، تۈركىيەدە ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، مانا مۇشۇ يۇرتقا قايتىپ كەلگەن. بىزنىڭ داموللىلىرىمىز چەتئەللەردە ئوقۇپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە، مۇشۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن. قايتىپ كىلىپ مۇشۇ يۇرت ئۈچۈن، مۇشۇ يۇرتنىڭ ئىستىقبالى، مۇشۇ يۇرتتىكى سىلەرگە ئوخشاش ياغلىقلىق قىزلار ۋە بادام دوپپىلىق باشلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان. بۇ قۇربانلىق ئەرزىگەن، مۇشۇ قۇربانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاشۇ شەھىدلەرنىڭ روھى بولغانلىقى ئۈچۈن، مانا بىزنى ئانىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز ۋە ئاكىلىرىمىز مۇشۇ سورۇنغا شۇ روھنىڭ تۈرتكىسىدە بىلەن يىغىلغان بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلارغا تېخىمۇ جاسارەت، ھەر بىرىڭلارغا تېخىمۇ شىجائەت تىلەيمىز! (چاۋاك ساداسى)

بۈگۈنكى سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇن بولسا «پەرزەنتىمىزدىن پەرقىمىز نەدە؟» دىگەن تىما.

مەن قەشقەرگە قايىتقاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى ھەققىدە بىزدىن كۆپ سۇئاللارنى سورىغان بولدى. بۇ سۇئاللارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ بالىلارغا بولغان تەربىيە سەۋەبلىك كىلىپ چىققان مەسىلىلەر بولۇپ، ئاساسلىقى بالىلىرىمىز ئۆزلۈكىدىن ئۈگەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى تىپىپ قىلالمايدۇ، گېپىمىزگە ماقۇل دەپ قويىدۇ قىلمايدۇ، دىگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا بالىمىز جاھىل، گەپ ئاڭلىمايدۇ، چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، ئاندىن سىرتلاردا بىز خالىمىغان ئىشلارنى قىلشقا ئامراق، دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ھەقىقەتەن بالىلاردا ساقلانغان مەسىلە دەپ قارايمەن. بەزىلىرىنى مەۋجۈت ئەمەس، پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا مەۋجۈت دەپ قارايمەن.

ئەمدى ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇ يەردىكى قاراكۆز ئىنى-سىڭىللىرىمىزدە مەسىلە بولسا، بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرساق بولىدۇ، ئەگەر بۇ مەسىلە بالىلىرىمىزدا ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدا بولسا، بىز بۇنى ئاتا-ئانىلارغا مۇشۇنداق لىكسىيەلەرنى قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىمىز.

مىنىڭچە بالىلار بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ئۈچ خىلدىن ئىبارەت. بىرسى چۈشەنمەسلىك مەسىلىسى. يەنى بالا ئاتا-ئانىسىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇ ئاتا-ئانا بالىسىنى چۈشەنمەيدۇ.

ئىككىنچىسى ئىشەنمەسلىك. يەنى ئاتا-ئانا بالىسىغا ئىشەنمەيدۇ، ئىشەنچ ئاتا قىلمايدۇ. بالا ئاتا-ئانىسىغا ئىشىنەلمەيدۇ.

ئۈچىنچىسى نىمە دىسەك، باراۋەرلىك مەسىلىسى. يەنى ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا بىر باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇلمىغان دەپ قارايمەن.

ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىدىكى، ئېڭىدىكى ياكى چۈشەنچىسىدىكى مەسىلىلەر، بۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئابدۇقادىر داموللام شۇنداق دىگەن: «بالاڭلارنى كەلگۈسى ئۈچۈن تەربىيلەڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەر ياشىغان دەۋردە ياشىمايدۇ». بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز بىز ياشىغان دەۋردە ياشىمىغان. بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئولتۇرغان بۇ قاراكۆز ئېنى-سىڭىللىرىمىزمۇ بىز ياشىغان دەۋىردە ياشىمايدۇ. ئەمدى كىم قايسى دەۋردە ياشىغان بولسا، شۇ دەۋرىدىكى مودا كەيپىيات، مودا ھالەت، ئوموملاشقان تۈرلۈك چۈشەنچىلەر شۇ ئادەمنىڭ كاللىسىغا ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرەيلى: مەسىلەن ھازىر ئارىمىزدىكى 60 ياشلارغا كىرگەن بوۋاي-مومايلار مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دىگەن بىر بالايىئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەن. شۇ دەۋردىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار، ئادالەتسىزلىكلەر، خورلۇقلار، زۇلۇملارنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنداق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ يۈرىكى شۇ خورلۇقتا مۇجۇلغان، شۇ دەۋىردىكى بىسىملاردا ئېزىلگەن. شۇڭا بۇ يۈرەك پۈتۈن ئەمەس، ئەمدى شۇ قورقۇپ كەتكەن شۇ مەزگىلدىكى قورقۇنچ بىلەن بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرمەيۋاتقان بالىلارغا مۇئامىلە قىلساق بولمايدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دىگەن بۇ ئىشلار جۇڭگۇنىڭ تارىخىدىكى بىر قارا سەھىپە، قارا تارىخ بولۇپ بۇ كەلمەسكە كەتتى، يوق. ئەمدى سىز شۇ دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىڭىز، بالىڭىزغا شۇ مەدەنىيەت ئىنىقلاۋى مەزگىلدىكى ھاكىمىيەت، سىياسەت ۋە باشقىلار سىزنى قانداق قورقۇتقان بولسا، سىزمۇ بالىڭىزنى شۇنداق قورقۇتسىڭىز توغرا بولمايدۇ، يەنى دەۋىر ئوخشىمايدۇ.

يەنە بىرسى، بەلكىم 80-يىللاردىن بۇرۇن چوڭ بولغانلار ئىقتىسادى جەھەتتە ناھايىتى ئۈزۈكچىلىك دەۋىرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۈزۈكچىلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەردە، ئىقتىسادچانلىق يېتىلىدۇ، بۇ ياخشى ئىش، لىكىن يەنە بىر خەتەرلىك تەرىپى ئىنتايىن بىخىللىق ئەۋج ئىلىپ كەتكەن بولىدۇ، نىمىشقا دىگەندە، شۇنداق بىخىللىق قىلمىسا ياشىغىلى بولمايدۇ، لىكىن بىزنىڭ بالىمىز ئۇ دەۋىردە ياشىمايۋاتىدۇ. ئىقتىسادىمىز كەڭرى زاماندا ياشاۋاتىدۇ، ئۇنداق بولغاندىكىن ئۇ بالىلارغا بۇرۇنقى تىجەشلىكنى ھەددىدىن ئاشۇرغان دەۋىرنىڭ مۇئامىلىسىنى قىلساق بالىلار قوبۇل قىلمايدۇ. ئاندىن يەنە بىرسى ئۇ مەدەنىيەت ئىنىقىلاۋى دەۋرىدە، بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئىتىقادى«4 كونا» دىيىلىپ مەسخىرە قىلىنغان، تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان، يوقىتىلغان. لىكىن ھازىر «4 كونا» نى يوقىتىدىغان دەۋىر ئەمەس. بۇ مىللەتنىڭ بىشىدىكى ياغلىقى، ئوقۇيدىغان نامىزى ھەرگىزمۇ «4 كونا» ئەمەس، بەلكى بۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيتى. بۇنى ھازىر ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، ھەم ئىنكار قىلىش ھوقوقىغىمۇ ئىگە ئەمەس. ئۇنداق بولغانىكەن، سىز بۇنىڭغا قارشى ئىش قىلغان بولسىڭىز بىر مىللەتكە قارشى ئىش قىلغان بولسىز، شۇڭا ئەگەر مۇشۇنىمۇ چەكلىسىڭىز، مۇشۇنىڭدىنمۇ توسسىڭىز، بالىڭىز بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى بالىڭىز «4 كونا» نى يوقىتىدىغان دەۋىردە ياشىمايۋاتىدۇ، بەلكى قانۇن-تۈزۈم، دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان دەۋىردە ياشاۋاتىدۇ، ئۇنداق بولغانىكەن ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇ بالىلارنىڭ ياغلىقىغا، دوپپىسىغا، ساقىلىغا چەك قويسىڭىز، مەيلى سىزنىڭ كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر بۇنى ھىچكىم قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيتى، بۇ مىللەت شۇ مىللەت بولۇش ئۈچۈن نامىزى، شۇ ياغلىقى، شۇ دوپپىسى، شۇ ساقىلى بولۇشى كىرەك. بولمىسا ئۇ مۇستەقىل مىللەت بولمايدۇ. بۇنى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىغا ئوخشاش «4 كونا»غا چىقىرىۋەتسىڭىز، بۇنى ھىچكىم قوبۇل قىلمايدۇ. بۇلارغا قارشى تۇرغانلار دەل بۇرۇنقى ئەجداتلار بىلەن بۈگۈنكى ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىغا، ھاكىمىيەت بىلەن ئۇيغۇر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالغان بولىدۇ، ئىشەنمەسلىكنى پەيدا قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئىشەنمەسلىك ئاخىرىدا زىددىيەتكە ئىلىپ بارىدۇ، بۇ زىددىيەتتىن ھىچكمنىڭ خوش بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، يەنە ھىچكىمنىڭ رازى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز.

چۈشىنىشمەسلىك مەسىلىسى بىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردە ياشىشىمىزدىن كىلىپ چىققان. بۇنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى مۇنداق: بىرسى ئاتا-ئانىلار مەسىلەن مۇشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى 60-يىللاردا تۇغۇلغانلار بولۇشى مۇمكىن، 60-يىللاردىن 70-يىللارغىچە تۇغۇلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتىكى شارائىت بىلەن ھازىرقى شارائىت ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن: مەن 80-يىللاردا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزنى ئوقۇدۇم، شۇ ۋاقىتىلاردا مەن تاكى ئالىي مەكتەپكە بارغۇچە تېلىفون ئۇرۇپ باقمىغان. 92-يىلى ئالىي مەكتەپكە بارغۇچە تېلىفون ئىشلىتىپ باقمىغان. لىكىن ھازىر شۇ 92-يىلى تۇغۇلغان بالىلار تېلىفونسىز ياشىيالمايدۇ. ھەممىسىنىڭ قولىدا تېلىفون، بۇ بىرسى، ئىككىنچىسى مەن 92-يىلى ئالىي مەكتەپكە بىرىشتىن بۇرۇن كومپىيوتىر دىگەننى ئاڭلاپمۇ كۆرۈپمۇ باقمىغان. ئىنگلىز تىلى دەيدىغان بىر تىلنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان، بۇنداق دىسەممۇ بولمايدۇ لىكىن كۆرۈپمۇ باقمىغان. دۇنيادا بىز ياشاۋاتقان دۆلەتتىن باشقا، بىز ياشاۋاتقان تۈزۈمدىن باشقا دۆلەت ۋە تۈزۈملەرنىڭ بارلىقىنى بىز كىتابلاردىلا ئۈگەنگەن، ئەمەلىيەتتىن كۆرمىگەن. ئەمدىن بىز شۇ دەۋىردىكى ئۆزىمىز ياشىغان، ئۆزىمىز يىتىشكەن، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى شەكىللەنگەن كۆزقارىشىمىز بىلەن بۈگۈنكى ئاددىيىسى ھەممە بالىنىڭ قولىدا تېلىفون بولغان ھەممە بالىلار كومپىيوتىرنى ئاساسەن ئىشلىتەلەيدىغان بىر دەۋىردىكى بالىلارغا باھا بەرسەك چۈشەنمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.

ئۆتكەندە بىر چايدا ئاتا-ئانىلار ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق، بۇ چايدا تۆت-بەش بالا بار، شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا بىردىن تېلىفون، بىرى بىرى بىلەن پاراڭلاشماي، بىزگىمۇ گەپ قىلماي، پاراڭغىمۇ قىزىقماي ئولتۇردى. ئارىمىزدىن بىرىمىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئۇكىسى بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرغان ئاكىسىغا :«ئۇكاڭ بۇ توغرىدا نېمە دېدى دەپ سوراۋاتىمەن» دەپ سورىسا، جاۋاب قايتۇرماي جىم ئولتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە:« ھەي، ئۇكاڭ زادى نېمە دېدى؟» دەپ سورىسا، ئاكىسى :« ھە، ئۇكامغا ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم، ئۇكام ئۆزى دەپ بىرىدىغان بولدى» دىدى. دىمەك بۇ تېلىفون ئۇچۇر دىگەن نەرسىلەر شۇنداق ئوموملىشىپ كەتكەنكى، ئۇكىسىنىڭ قانداقراق ئويدا ئىكەنلىكىنى سوراپمۇ باقماي ئۇچۇر قىلىپ قويىدىغان گەپ. ئەمدى بىز بۇنى مۇنداق چۈشىنەيلى، بايا دەپ ئۆتتۈم، 92-يىلىدىن بۇرۇن مەن تېلىفونمۇ ئىشلىتىپ باقمىغان دەپ. ھازىر ھەممە بالىنىڭ قولىدا تېلىفون تۇرسا، مەن قوپۇپ سەندەك چىغىمدا تېلىفون دىگەننى ئۇقمايتىم بالام، شۇڭا سەنمۇ تېلىفون ئىشلەتمە دىسەم توغرا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. نىمىشقا بولمايدۇ؟ چۈنكى ھەممە ئادەمدە بار نەرسىدىن بالىڭىزنى سىز مەھرۇم قىلىپ قويسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلايدۇ ئەمەس، كۆڭلىدە قارشى چىقىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا تېلىفون تۇرسا، سىزدە بولمىسا دىمەك تۇرمۇشىڭىزغا قۇلايسىزلىق بولىدۇ، سىزنى خەق تاپالمايدۇ، سىزمۇ خەقنى تاپالمايسىز، بۇ مۇشۇنداقلا بىر ئاددى مەسىلە. بۇ ئاددى مەسىلىنى مەن قوپۇپ بالام، مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا تېلىفونمۇ ئۇرۇپ باقمىغان، تېلىفونۇممۇ يوقتى دەپ، تېلىفونىڭىزنى تارتىۋالسام بولامدۇ؟ بولمايدۇ.

ئىككىنچىسى، مەن چوڭ بولغان چاغدا بىز ئالتە بالا ئىدۇق، ئاكامنىڭ ئىشىپ قالغان كىيىملىرىنى مەن كىيەتتىم، ئۇنداق بولغاندىكىن بىز بۇ يەردە ھەممە ئىشنى تىجەشلىك بىر تەرەپ قىلاتتۇق. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئويلاپ بىقىڭلار، يىزىلاردا بىر ئۆيدە ئىشىپ كەتسە تۆت بالا، بولمىسا ئۈچ بالا ياكى ئىككى بالا بار، ئۇنداق بولغاندىكىن يەنە كىلىپ نىفىتىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەن ھەممە نەرسە نىلون بولۇپ كەتكەندىكىن ئەرزان بولۇپ كەتتى. ئۇنداق بولغاندىكىن بىر-بىرىنىڭكىنى كەيمەيدۇ. بالىلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىشىدە مۇنداق بىر ياخشى تەرەپ بار، بىرى ئىقتىسادى جەھەتتىكى تىجەشلىك تەرىپى، يەنە بىرى بۇ يەردە بىر ھەمكارلىق پۇرسىتى بار، يەنى ئاكا ئۆز كىيىمىنى قانچە ئاياپ كەيسە، ئىنىسى شۇنچىلىك كىيەلەيدۇ، ئىنىسى قانچە ئاياپ كەيسە، ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ كىيەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا بىر خىل ھەمكارلىق بار. بۇ ھەمكارلىق ئەينى ۋاقىتتا ياخشى رول ئوينىغان. ئەمدى ھازىر ئۇنداق ھەمكارلىق يوق. مەسىلەن ھازىر ئۇلار نىمە كەيسە ئۆزىنىڭ ئىشى، چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار نەرسىلەر. دىمەك بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالتە بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتىن ئۈچ بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى بىر نەرسىنى ئاياي دىسىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا بار.

مەسىلەن: مەن مانى يىرتىۋەتسەم، ئۇكام كەيمەيدۇ، تاشلىۋەتسەممۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن ئۇكام ئۈچۈن، ئاكام ئۈچۈن، سىڭلىم ئۈچۈن دىگەن نەرسىلەر ئازراق بولىدۇ. ئازراق بولغاندىكىن بالىلار بىر-بىرى بىلەن ئىچىكىپ كېتەلمەيدىغان، ھەمكارلاشمايدىغان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئۇلار قانداق چوڭ بولغان؟ بىر ئۆيدە ئالتە بالا بارنى تەڭ كىيىپ، بارنى تەڭ يەپ چوڭ بولغان، ھازىرقى بالىلار ئۇنداق ئەمەس. ھازىرقى بالىلار بىز ياشىغان دەۋرىدا ياشىمايۋاتىدۇ، ئۇنداق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ ھەم مانا كەيدىم، ياقتۇرمىسام تاشلىۋەتسەممۇ بولىدۇ، دەيدىغان ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى دەل ئوخشىمىغان دەۋىرنىڭ مەھسۇلى. دەۋىر ئوخشىمىغانىكەن، بالىلارنىڭ كۆزقارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. يەنە بىرسى، بىز بۇرۇنقى بەش بالىلىق، ئالتە بالىلىق ياكى ئون بالىلىق ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار قانداق بولىدۇ دىسە، بىر-بىرىگە يول قويىدىغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاكىسى بولىدۇ، ئىنىسى بولىدۇ، ئاچىسى بولىدۇ، بىر-بىرىگە يول قويىدىغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئائىلدە بىر ياكى ئىككىلا بالا بولسا ياكى ئۈچ بالا بولسا، ئون بالا بولغانغا قارىغاندا بىر-بىرىگە يول قويۇشى ئاجىزراق بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن بىز بۈگۈنكى بالىلارغا ئون بالا ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى شارائىتتىكى 60-يىللارنىڭ تەلىۋىنى قويساق ياكى 80-يىللارنىڭ تەلىۋىنى قويساق بالىلار بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

ئوخشىمىغان دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجى مەنىۋىىي مەھسۇلاتلار بازىرىنىڭ قانداق شەكىلدە تەمىنىلىشى، يۈزلىنىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرادي. دېمەكچى پەرقلىق دەۋىردە كىشىلەرنىڭ ھوزۇرلىنىدىغان مەنىۋىي پائالىيەتلىرىمۇ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن ئۆتكەندە بىرسى ماڭا خەت يىزىپتۇ، مادى جېيىن ئۇيغۇرمۇ ياكى ئامرىكىلىقمۇ؟ دەپ. مەنچە بىر ئادەم ھەم ئۇيغۇر ھەم ئامېركىلىق بولسا تامامەن بولىدۇ. قىزىقسىنىپ بۇ نىمە گەپ دىسەم، ئامېرىكىدا ئاسىيا نەسىللىك مۇشۇنداق بىر ناخشىچى بار ئىكەن، بىر قىسىم بالىلار ئۇنى ئۇيغۇر دەپ قارايدىكەن. بۇنى 90-يىلىدىن كىيىن تۇغۇلغان بالىلار بىلىدىكەن. مەن پەقەت بىلمەيدىكەنمەن، مەن ئامرىكىدا ئوقۇغان تۇرۇپ ئامېرىكىدىكى ئۇ داڭلىق ناخشىچىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇنىڭ بىلەن مەن بىلمەيدىكەنمەن دىسەم، ۋاي سىز ئۇ داڭلىق ناخشىچىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟ دەيدۇ، ۋاي تاڭەي. قاراڭلار مانا، مەنمۇ سىلەردىن پەرقلىنىدىكەنمەن. مەن ئامېرىكىدا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ناخشىچىنى سىلەر ياخشى كۆرۈپ يۈرۈپسىلەر جۇڭگۇدا تۇرۇپ، مەن ئامرىكىدا تۇرۇپ بۇ ناخشىچىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىمەن. دىمەك، مەن نىمىشقا ئاڭلىمىغان دىسە، مىنىڭ ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم يوق، ھەم مەن ئاڭلايدىغان ناخشىلار قايسى دىسە، ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ، پەرىدە قاسىمنىڭ، ئايشەم قىيۇمنىڭ ناخشىلىرى دىگەندەك ناخشىلار، مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرى، ئەمدى ھازىرقى سىلەرنىڭ يىشىڭلاردىكى بالىلارغا قوپۇپ سەن نىمىشقا مۇقام ئاڭلىمايسەن؟ چارىگاھنى ئاڭلىمايسەن؟ پەنجىگاھنى ئاڭلىمايسەن؟ دىسە، بۇ بولمايدۇ. سىلەرمۇ مەندەك قىرىغاندا ئاڭلايسىلەر، بىزدەك بولغان چاغدا. (ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈلكە ساداسى)

ئاتا-ئانىلار يەنە شۇنداق دەيدۇ: بۇ بالىلار بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، باشباشتاق، لىكىن مىنىڭ ئويلىغىنىمدا قانچە باشباشتاق بولسا شۇنچە ياخشى. نىمىشقا دىسە، باشباشتاق دىگەن سۆز ئۆزىنىڭ بىشى بار دىگەن سۆز. ئاللاھتائالا سىزگە باش بەرگەن، ئىشلەتسۇن دەپ. باشنى ئىشلىتىش كىرەك. شۇڭا باشباشتاق بولغان ياخشى. باشنى ئىشلەتمەي داۋاملىق دادىڭىزنىڭ بىشىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇ دادا سىزگە مەڭگۈلۈك بولامدۇ؟ ھامان قارار قىلىدىغان باش، يالغۇز ھەل قىلىدىغان ئىش يانا ئۆزىمىزگە قالار ھەقىچان؟ بۇ باش ـــ بىزنىڭ بىشىمىز، بۇ ئەقىل ـــ بىزنىڭ ئەقلىمىز.

ھەر ئىشقا مۇشۇ بىشىمىز بىلەن مۇشۇ ئەقلىمىز بىلەن ھۆكۈم قىلىمىز. ئاتا-ئانىنىڭ ئەقلى بىلەن ھۆكۈم قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ، ئۇ ئاتا-ئانىنىڭ ئەقلى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان دەۋىر نىمىنىڭ مەھسۇلى دىسە، بىلىم، ھۈنەر، تەجرىبە دىگەنلەر مەكتەپ ئارقىلىق ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىۋاستە تەربىيىسى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شاگىرىتلىققا قالدۇرۇشى، تەجرىبە سۆزلىشى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆگىنىلگەن، داۋاملاشقان دەۋىرنىڭ مەھسۇلى. مەسىلەن: سىلەرگە بىر نەرسىنى دەپ بەرسەم، ئۇيغۇرلاردا داستانچىلىق ئاخىرلاشتى. تېخى 80 – يىللاردا داستان ئىيتىدىغان ئىشلار، مەدداھلار داستان ئىيتاتتى، جەڭنامىچىلەر جەڭنامە ئىيتاتتى. خەقلەرمۇ يىغىلىپ قىزغىن كۆرۈشەتتى. ھازىر بۇنىڭغا ئىھتىياج يوق. ئۇ چاغدا نىمىشقا شۇنداق ئىدى دىسەڭلار، تېلىۋىزور يوقتى، نەشرىيات يوقتى، ژورناللار يوقتى، شۇڭا شۇ چاغدا بۇ ۋەقەلەرنى شۇ داستانچىلار سەينادا ئوقۇپ خەقلەرنىڭ شۇ رىۋايەتكە، داستانغا، ھىكايىلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇراتتى. ھازىر نىمىشقا يوق؟ ھازىر تېلىۋىزور بار، كىتاب بار، نەشرىيات بار، ئۇنداق بولغاندىكىن، ئۇلارغا ئېھتىياج چۈشمىدى.

بەزى نەرسىلەرنىڭ يوقىلىشى تەبىئىيلا يوقىلىش بولىدۇ، مەسىلەن يىزىلاردا موتسىكىلىپ ئوموملاشسا، ئاتلار ئەمەلدىن قالىدۇ. تەدرىجى ھالدا ماشىنىلار ئوموملاشسا ھارىۋىلارمۇ ئەمەلدىن قالىدۇ. خۇددى تۈگمەن ئۇن زاۋۇتىغا ئورۇن بەرگەنگە ئوخشاش. ئەمدى بىز تۈگمەنچىنىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئاۋۇ زاۋۇت قۇرىۋاتقانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلساق بولمايدۇ. بىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنىمىز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلىۋاتقنى تۈگمەن ھەيدەۋاتقان ئۇسۇلنى زاۋۇت ھەيدەۋاتقانلارغا تەدبىقلاۋاتقان، قوللىنىۋاتقان گەپ. بۇنداق قىلسا توغرا بولمايدۇ، دەۋىر ئۆزگەردى، ھىلىقى ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتىدا دىيلىدىغان بىر گەپ بارغۇ :« ھازىر دەۋىر ئالماشتى» دىگەندەك، دىمەك دەۋىر ئۆزگەرگەندىكىن، بىزنىڭمۇ كۆزقارىشىمىز ئۆزگەرمىسە، بالىلارغا ئۆتۈپ بولغان زاماننىڭ گەپلىرىنى قىلساق، بالىلارنىڭ قۇلىقىغا خۇشياقمايدۇ، بالىلار بىلەن ئاتا ئانىلار ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشمەسلىك تېخىمۇ كىڭىيىدۇ. يەنە بىرسى مىنىڭ ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىغان يىرىم بار، نىمە دىسە، بالىلارغا ھە دىسىلا بىز بۇرۇن مۇنداق جاپا تارتقان، مۇنداق قىيىنچىلىق تارتقان، كۈنىمىز مۇنداق تەس ئىدى، ئۇنداق ئېغىر ئىدى دەپ، ئۆتمۈشتىكى ئۆزىنىڭ نامراتلىقى ئارقىلىق بۈگۈنكى بالىلارنى كونتىرول قىلماقچى بولۇش، بالىلارغا زىيادە شۈكۈرچان بولۇشنى ئۆگىتىش. مەن بۇنى بەك ئۆچ كۆرىمەن، نىمىشقا دىسە، بىز بىلەن كەتسۇن شۇ نامراتلىق، يوقالسۇن شۇ بىچارىلىق، بالىمىز بىچارە بولمىسۇن، شۇ بىچارىلىقنى بالىمىزغا مىراس قىلمايلى، ھەدىيە قىلىپ بەرمەيلى، بىز بىچارە بولغان بولساق، بۇ بىز بىلەن كەتسۇن، يەنى بىز بالىلارغا بىز بۇرۇن مۇنداق بىسىمغا ئۇچرىغان، ئۇنداق زۇلۇمغا قالغان دەپ، سىنىڭ زۇلۇمدا قىلىشىڭمۇ توغرا دىمەكچىمۇ؟ ياق، ئۇنداق بولماسلىقى كىرەك، ئۇ خورلۇق، نامراتلىق، ئۇ ئاچارچىلىق كەتتى، ئەمدى كەلمەيدۇ، ھەم كەلمىسۇن. ئەگەر بىز ئاتا-بوۋىمىزنىڭ نامرات كۈنىنى كۆرىدىغان بولساق، نىمە قىلىمىز ياشاپ بۇ يەردە! (چاۋاك ساداسى!!!) شۇڭا ئۇ تارىخ كەلمەسكە كەتكەن.

ھەم كەلمەسكە كەتسۇن. شۇڭا تارىختىكى ئۆزىڭىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكۈزگەن نامراتلىق، قاباھەت، ئاچارچىلىق كۈنلىرىڭىزنى بالىلارغا سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئېزىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بالىلار ئۇ ئاچارچىلىق دەۋرىگە قايتىپ بارمايدۇ. ئاتا-بوۋىمىزنىڭ دەۋرىگە قايتىپ ياشىمايدۇ. پەقەت بۈگۈنكى رىقابەت بۈگۈنكى ئىجتىھاد، بۈگۈنكى تىرىشچانلىق دەۋرىدە ياشايدۇ. شۇڭا ئۆتمۈشتىكى جاپا-مۇشەققەتتىن ئۈلگە ئىلىپ، بۈگۈنكى بالىلارغا تەربىيە بىرىمەن دىيىش، پەقەت ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدا چۈشەنمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. دېمەك، ھازىر بىزنىڭ بىرىنچى قىلىپ سۆزلىگىنىمىز چۈشىنىش مەسىلىسى. چۈشەنچىدىكى پەرق مەسىلىسى. يەنى ئاتا-ئانا بىلەن بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۆلەك مەسىلە يوق، پەقەت چۈشەنچە پەرقى مەسىلىسى بار. بۇ مەسىلىنى ئوخشىمىغان زامان كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئوخشىمىغان دەۋىر كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئوخشىمىغان ئىجتىمائى شارائىت، ئىقتىسادى شارائىت كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىككىنچىسى، ئىشەنچ مەسىلىسى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشانغان بىر ئەۋلاد بىلەن ياش بىر ئەۋلاد، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەۋلاد بىلەن قالغان ئىكى تۈركۈمدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆز ئارا ئىشەنچ كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ ئاللىقاچان چوڭ بولغانلىقىڭلار، مۇستەقىللىقىڭلار، ئوي پىكىرىڭلار ئاتا ئاناڭللارنىڭ ئىشەنچىگە نائىل بولالمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ جەمئىيەت ئەنئەنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇن دىققەت قىلغان بولساڭلار، بىز ئۇيغۇرلاردا ھۈنەرۋەنلىك ئەنئەنىسى بار. يەنى دادىسى ماشىنچى، تىككۈچى بولسا بالىسىمۇ شۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. دادىسى ياغاچچى بولسا، بالىسى شۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. ھەتتا دادىسى ئۆلىما بولسا بالىسىمۇ شۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.

بىزنىڭ ئۆلىما بۇرادەرلىرىمىز بار، ئۇلارنىڭ دادىسىمۇ ئۆلىما كىشى ئىكەندۇق، بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئىش. لىكىن بۇ يەردە بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى بوغىدىغان بىر نەرسە بار، مەسىلەن: بۇرۇن كىتاب بارلىققا كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئىنتىرنىت تورى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، دادىسىنىڭ بىلىمى بالىسىنىڭكىدىن جىق بولاتتى، بۇ توغرا، ئەلۋەتتە ئاشۇنداق بولاتتى، دادىسىنىڭ ھۈنىرى بالىسىنىڭكىدىن ئىلغار بولاتتى، بۇمۇ توغرا، لىكىن ھازىر زامان ئۆزگەردى، مەسىلەن: بۈگۈنكى كۈندە دادىسىدىن ئوقۇپ قارى-قۇرئان، ئۆلىما بولغانلارنى ئالساق، دادىسى بەلكىم ئولتۇرۇپ ئىنتىرنىت تورىغا كىرىپ مەككىدە ئوقۇلغان جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىنى ئاڭلىيالماسلىقى مۇمكىن، ياكى دادىسى تورغا كىرىپ تۈركىيە ئىستانبولدىكى سۇلتان ئەھمەد جامەسىنىڭ خۇتبىسىنى توردىن ئاڭلىيالماسلىقى مۇمكىن. لىكىن بالىلار شۇنى قىلالايدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن بۇرۇنقى دادىدىن بالا ئۈگىنىدىغان، بالىدىن نەۋرە ئۈگىنىدىغان بۇ ئىشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۇچۇر قامال قىلىغان ۋە ئۇچۇرنى قامال قىلغىلى بولىدىغان دەۋىر ئەمەس، شۇڭا داۋاملىق ئەجداتلارنى ئۈلگە قىلىمىز، داۋاملىق ئاتا-ئانىلارنى ئۈلگە قىلىمىز، داۋاملىق چوڭلارنى ئۈلگە قىلىمىز دىگەن گەپ، ئەلۋەتتە توغرا، لىكن زامان ئۆزگەرگەنلىكى، ئۇچۇرلارنىڭ ئالمىشىشى تىزلەشكەنلىكى، ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتىمىز ۋە بوشلۇقىمىز كىڭەيگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتا-ئانىلارنىڭ، ئەجداتلارنىڭ توپلىغان بىلىمى بۈگۈنكى ۋاقىتقا كەلگەندە بىزگە يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.

ئۇنداق بولغاندىكىن بىز بۇ بىلىمنى ھازىر مەكتەپتىن، توردىن، كىتابتىن ئۈگىنىۋاتىمىز، شۇڭا ئاتا-ئانىدىن بالا ئۈگىنىدىغان، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا بىر خىل بىلىم ياكى ھۈنەر مىراس قالىدىغان ئىش ھازىر يوقاپ كەتتى، بۇنداق بولغاندا، بالىلاردا ئۆز ئالدىغا بىر ئىش قىلىپ بىقىش ئارزۇسى، ئاتا-ئانىنىڭكىدىن پەرقلىق يوللاردا مېڭىش ئىشتىياقى بولىدۇ، ھەم شۇنداق پۇرسىتىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىنىڭ تورغا كىرىپ توردىن يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكا ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشىشى، توردىن كىتابنى خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان جايدا ئۆيدە ئولتۇرۇپلا سېىتىۋىلىپ ئوقۇش پۇرسىتى بولمىغاندىكىن، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا قارىغاندا شۇنداق پۇرسەتلىرى بولغانلىقتىن ئاتا-ئانىلاردىن تېزراق ئۆگىنىدۇ، كۆپرەك بىلىمى بولىدۇ. توغرا زامان ئۆزگەردى، لېكىن ئۇيغۇردىكى ئاتا-ئانىنىڭ ھۈنىرىگە سادىق بولۇش، كەسپىنى خار قىلماسلىق، ئاتا ئانىنى مۇتلەق رازى قىلىش قاتارلىق ئۇدۇملار ئۆزگەردىمۇ؟ ياق. بۇ بالىغا يول قويماسلىق، بالىنىڭ ئىش قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك، يەنى سەن نىمىنى بىلەتتىڭ؟ مەن دىگەن سەندىن مانچە ئىشتاننى ئوشۇق كەيگەن دەپ. شۇ، شۇنچە ئىشتاننى ئوشۇق كەيگەنلىكىڭىز راست، لىكىن بىز ئىشتاننىڭ گىپىنى قىلمايۋاتىمىز، كەسىپنىڭ، كىتابنىڭ، بىلىمنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىمىز، يەتتە ئىشتان كەيگەنلىك يەتتە كىتاب ئوقۇغانلىق دىگەنلىك ئەمەس. توغرا، سىز يەتتە ئىشتاننى ئوشۇق كەيگەن، بىراق بىز سىزدىن يەتتە كىتابنى ئارتۇق ئوقۇغان. شۇڭا بۇ يەردە يالغۇز ئىشتان مەسىلىسى بىلەنلا بالىلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بىرىدىغىنى نىمە بولۇشى كىرەك دىگەندە، سەن غەلىبە قىلالايسەن، سەن ئىقتىدارلىق، سەن بىز بىلمىگەننى بىلىسەن، قىالمىغاننى قىلالايسەن دەيدىغان ئىشەنچ بولۇشى كىرەك. ئۇلار:«بالام بۈگۈن بىلىم ئومۇملاشقان، ئۇچۇر پاتىلىغان، دۇنيا مىنۇتسىرى ئۆزگىرىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىدۇ» دەپ ئويلىشى كىرەك.

قاراڭلار، ئىنسانىيەتنىڭ 1950- يىلىغىچە توپلىغان بىلىمى، بارلىققا كەلگەن ئىجادىيەتلەر 50-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە 50نەچچە يىللىق توپلىغان بىلىمىگە ۋە ئىجادىيەتكە يەتمەيدۇ. ئۇنداق بولغاندىكىن، ھازىرقى 2000-يىللاردا ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ بىلىم ئالاي، ئوقۇي، ئۈگىنەي دىسە، ئوقۇيدىغان كىتابلىرى، پايدىلىنىدىغان شارائىتلىرى بىز چوڭ بولغان شارائىتتىن نەچچە ھەسسە ياخشى. مەسىلەن: بىر گەپنى دىسەك، ھازىر بىر ئادەم كىتاب ئوقۇپ دىنىمىزدىن بىلىم ئالاي دىسە، توردا ھەقسىز شۇقەدەر كۆپ كىتابلار بار، ئەگەر بىر ئادەم بىلىم ئالاي دەپ قالسا، توردا ئامرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىزچە تور بەتلىرى كۆرۈنۈشلۈك دەرسلىرى بار، پەقەت شۇ خىل تىلنى بىلسىلا. تۈركىيەدىكى ھەر قانداق بىر مەكتەپنىڭ ھەقسىز تورغا چىقارغان ئوقۇغۇچىلار ئىجادىيەتلىرى بار، بۇلارنى ئۈگىنەلەيدۇ، شۇڭا بىز ئۆزىمىز چوڭ بولغان دەۋىردىكى ھالەتنى بالىلارغا تەقلىد قىلىپ ئۇلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلمىساق، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان بىر دەۋىر، ئوخشىمىغان بىر شارائىتتا ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشىنىپ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىگە توغرا باھا بەرمىسەك، ئۇلارغا ئىشەنچ بەرمىسەك، ئۇلار بىزنىڭ ئىددىيىمىزنى قوبۇل قىلمايدۇ.


ئۈچىنچى مەسىلە، باراۋەرلىك مەسىلىسى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەنئەنىسىدە بالا چوقۇم ئاتا-ئانىنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى كىرەك دىيلىدۇ، بالىنىڭ ئاتا ئانا بىلەن توغرا خاتا، ھەق ناھەق مەسىلىسىدە مۇنازىرە قىلىشى قوبۇل كۆرۈلمەيدۇ. بىز كۆنگەن يوسۇنلىرىمىزمۇ شۇ، بۇ توغرا ئەلۋەتتە، شۇنداق بولۇشى كىرەك. لىكىن بۇ يەردە بىر مەسىلە بار، ئەگەر شۇ ئاتا-ئانا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق ئەگىشىش ۋە ئەگەشتۈرۈش ھالىتىدە بولسا، ياكى بالىلار داۋاملىق ئەگەشكۈچى، ئاتا-ئانىلار داۋاملىق ئەگەشتۈرگۈچى بولسا، ئاندىن ئۆيدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا قارار قىلىش، ئۆيدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەت تۇققانلار ئارا مۇناسىۋەتتە بالىلارنىڭ پىكىرى، ئۇلارنىڭ ھوقوقى ھۆرمەت قىلىنمىسا، ئۇلار داۋاملىق ئۆزىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقوقىنى يۈرگۈزمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلاردا ھەققانىيەت تۇيغۇسى يېتىلمەيدۇ، كىچىكىدىن يېتىلمىگەن ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىر ئۆمۈر يېتىلىپ بولالمايدۇ. ھەققانىيەتسىزلىكنى تەبىئىيلىك دەپ چۈشىنىدۇ. ئادالەتىسز مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەندە غەزەپلەنمەستىن توغرا چۈشىنىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ باراۋەر بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، كىيىن ئۇلار بىر پۇرسەتلەر كېلىپ شۇ باراۋەرلىككە ئېرىشكەن چاغدا، ئۇنىڭدىن قانداق بەھرىمان بولۇشنى ئۇقالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ، مەن بۇنداق ئىشلارنى جىق ئۇچراتتىم، مەن ئالىي مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا، مەن ئون يىلدەك ئالىي مەكتەپتە ئىشلىگەن، بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان ئىشلار قانداق ئوقۇغۇچىلاردا كىلىپ چىقىدۇ دىسە، ئاتا-ئانىسى ئۆيدە قاتتىق باشقۇرغان،ئاتا-ئانىسى ئۆيدە ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيىسىنى ئەڭ كۈچلۈك بەرگەن بالىلاردا ئۆزگىرىش تېز بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۈرۈمچىدە قەشقەر، خوتەننىڭ قىزلىرى ياغلىق بىلەن كىلىپ، قىسقا يوپكا بىلەن كىتىدۇ، دەيدىغان بىر گەپ بار. سەۋەبى نىمە دىسە، بەك قاتتىق بىسىم قىلىنغان، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى چۈشەنگىدەك باراۋەر ھوقوق بەرمىگەن، ئەمدى بۇ باراۋەرلىك، ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن بىراقلا بىرىۋىتىلگەن.

يەنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىنغان، باشقۇرۇلغان بىر ئادەم ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن قانداق بولدى؟ باشقۇرغۇچىسىز قالدى، ئۇنداق بولغاندىكىن ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشىنى ئۇقالماي قالىدۇ، ئەگەر شۇ ئاتا-ئانا شۇ بالىغا تولۇقسىزدا، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، بىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، مەسىلەن سىنىڭ گىپىڭنىڭ توغرا يىرىمۇ توغرا، مەنمۇ خاتا گەپلىرىمنى تۈزىتەي، بىز مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا، مەنمۇ پۈتۈنلەي مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلايسەن دىمەي، سەنمۇ پۈتۈنلەي مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلايسەن دىمە، بىز ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى، دەپ مانا مۇشۇنداق باراۋەر بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندا، ئاندىن بالىلار بىز قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغان نەرسىنى ئاسان قوبۇل قىلغان بولاتتى. بالىلارنىڭ نېمە كىيىۋاتقىنى، نېمە ئۈچۈن شۇنداق كىينىۋاتقىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئەمەس، باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ چۈشەندۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆز ئەقلى بىلەن قوبۇل قىلغان بولسا ئېدى، شەھەر ئاتلاپلا ئۆزگىرىپ كەتمىگەن بولارىدى. ئەگەر بىز قوبۇل قىلدۇرماقچى بولغان بۇ ئەنئەنە، بۇ ئەقىدىنى بالىغا بىسىم قىلىش سۈپىتىدە، بىر مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە بەرسەك، ئۇ بالا بىركۈنلەرگە بارغاندا ھامان تاشلىۋىتىدۇ. مەسىلەن: بالام قوپۇپ، بۇ ئىشنى مەنمۇ قىلىمەن دىسە، شۇنداق سەنمۇ قىلىسەن، بۇ يەرگە سەنمۇ بارىسەن، مەنمۇ بارىمەن دەيمىز. چۈنكى ئويلاپ بىقىڭلار، بىز ئەسلىدىنىلا بىر باراۋەرلىككە كۆنگەن خەلق، ھەممىمىز تەڭ تۇرىمىز، يەنى چوڭلارمۇ كىچىكلەرمۇ مەسجىدتىكى سەپتە باراۋەر، سەپتە ھەممىمىز باراۋەر، ھىچكىم يۇقىرى تۆۋەن دەپ ئايرىلمايدۇ، ھىچكىم ئاتا-ئانا بولغانلىقتىن پەرقلەندۈرۈلمەيدۇ.

ھاياتىمىزدىكى بۇ سەپ ئاللاھ شۇنداق بىكىتكەن سەپ. ئەمدى بۇ سەپتىكى باراۋەرلىك ھەممە يەردە ئەكىس ئىتىشى كىرەك. ھەممە ئىشقا چېتىلىشى كىرەك، ھەرگىز مەسچىتتىلا باراۋەر بولۇپ، مەسچىتتىن چىققاندىن كىيىنلا بىر بىرىمىزگە ھۆكۈمران بولۇۋالساق بولمايدۇ. ھۆكۈمران بولىۋىلىپ، ھەممە ئىشتا مىنىڭ دىگىنىمنى ئاڭلايسەن، ھەممە ئىشنى مىنىڭ دىگىنىم بويىچە قىلىسەن، دىسە بولمايدۇ. بەزىلەر بالىسىغا، ئايالىغا باراۋەرسىزلىك قىلىپ بۇنى ئەنئەنىمىز دەيدۇ ئۇيغۇرنىڭ باراۋەرسىزلىك ئەنئەنىسى يوق، ئۇيغۇرنىڭ ئادالەتسىزلىك ئەنئەنىسى يوق، ئۇيغۇرنىڭ كۈچلۈككە ئېگىلىپ ئاجىزنى قۇل قىلىش ئەنەئەنىسى يوق.

باراۋەرلىكنى ئىتىراپ قىلماي قاتتىق قول بولۇشنى تەكىتلەش، بالىنى بۇيرۇققا بويسۇنىدىغان قىلىش، پەرزەنتنىڭ جىسمىدىن تارتىپ روھىغىچە تولۇق كونترول قىلىشنى ئاتىلىق سالاھىيەت ۋە ئانىلىق ھوقۇقنىڭ نامايەندىسى دەپ بىلىش توغرىدەك بىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇنداق تەربىيەدە يېتىلگەن بالالار بىزنىڭ كونتىروللىقىمىزدىن چىققاندىن كىيىن، قولىمىزدىن بوشىغاندىن كىيىن، ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن نىمە قىلىشىنى ئۇقالمايدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئائىلىدە كىچىكىدىن باراۋەر بولۇش، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى، ئۆزىنىڭ غايىسىنى باراۋار يوسۇندا تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىغا دىيەلەيدىغان پۇرسەتنى بىرىش ئىنتايىن مۇھىم، دىمەك بۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار باراۋەرلىككە ئېرىشكەندە، كەڭرى بولغان ئازادە مۇھىتقا ئېرىشكەندە نىمە قىلىشىنى ئۇقالماي قالىدۇ. يەنە بىرسى، بۈگۈن بىز ئەڭ مۇھتاج بولۇۋاتقان نەرسە شۇ باراۋەرلىك، ئەگەر بىز ئائىلىدە بالىلىرىمىزغا باراۋەرلىكنى بىرەلمىسەك، ئۇ بالىمىز جەمئىيەتتىمۇ ئۆزىنىڭ باراۋەر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالمايدۇ، ھەم باشقىلارنىمۇ ھىس قىلدۇرالمايدۇ، مەن ئۆتكەندە خوتەندە لىكسىيە سۆزلىگەندىمۇ شۇنى دىدىم، باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى بالىلاردا يىتىلدۈرەلمىگەن ئاتا-ئانا، باراۋەرلىك ئېڭىدا بالىسىنى تەربىيىلىمىگەن ئاتا-ئانا مەغلۇب بولغان ئاتا-ئانا. بىز ھازىر ئەڭ مۇھتاج بولغان نەرسە نىمە؟ باراۋەرلىك.

مىنىڭچە بىز ھازىر ئەڭ مۇھتاج بولغان نەرسە باراۋەرلىك. قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك، ئىقتىسادى پۇرسەت ئالدىدىكى باراۋەرلىك، ئوقۇش پۇرسىتىدىكى باراۋەرلىك، بىز باراۋەرلىككە مۇھتاج. باراۋەرلىككە مۇھتاج دەپ تۇرۇپ، بالىمىزغا شۇ باراۋەرلىكنى ئۆيدە بەرمىسەك، بالىمىزنى شۇ باراۋەر مۇھىتتا تەربىيلىمىسەك، بالىمىز جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن خەقتىن باراۋەرلىك تەلەپ قىلامدۇ؟ تەلەپ قىلمايدۇ. مەيلى باشقىلار، مەيلى كىم قانداق ئويلىشىدىن قەتئىنەزەر، مىنىڭچە ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىغا:« سەن بىر باراۋەر ئىنسان، سىنىڭ باشقىلاردىن ھىچ يىرىڭ كەم ئەمەس، ھېچكىمنىڭ ئالدىدا قۇل ئەمەس، ھىچكمنىڭ ئالدىدا شاھ ئەمەس، سەن خەق بىلەن ئوخشاش ئىنسان، خەقتىن ھىچيىرىڭ ئاجىز ئەمەس، بىز خەق قانداق بولسا، شۇنداق ئىنسان» دىگەن بىر ئاڭنى سىڭدۈرۈشىمىز كىرەك. ئەگەر بىز ئائىلىدە بالىلارغا شۇ باراۋەرلىكنى بەرمىسەك، جەمئىيەتتىمۇ شۇ بارۋەرلىكنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئۆزىنى داۋاملىق ئەگەشكۈچىدەك، بىقىندىدەك، قۇلدەك ھىس قىلىپ، خەقنىڭ دىققىتىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. خەقنىڭ نەزىرىدىن قالىدۇ، خەقنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ، خەقنىڭ بىقىندىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئويلاپ باقايلى، بىر ئادەم بىقىندى بولۇپ غەلبە قىلالمايدۇ، چۈنكى بىقىندى ئادەم باشقۇرغۇچىنىڭ ئەگەشكۈچىسى، كىشى ئۆزىنى باراۋەر ئىنسان دەپ قارىمىغىنى ئۈچۈن، مۇستەقىل قارار قىلمىسىمۇ بولىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلمىسىمۇ بولىدۇ، قانداق قىلسا بولىدۇ؟ خەققە ئەگەشسىلا بولىدۇ، خەققە ئەگىشىش ئارقىلىق بىز خەق يەتكۈزمەكچى بولغان مەنزىلدىن باشقا ھىچيەرگە بارالمايمىز، ئەگىشىش ئارقىلىق بىز خەق نەگە بارسا شۇ يەرگە بارىمىز. شۇڭا باشقا تىگىشلىك تەربىيەنى قىلالمىساقمۇ، ھىچبولمىغاندا ئائىلىدە :« سەن بىر باراۋەر ئىنسان، سەنمۇ مەندەك ئىنسان، بەلكىم سەن بىلگەننى مەن بىلمەيمەن، مەن بىلگەننى سەن بىلمەيسەن، سىنىڭ دەۋرىڭ ھازىرقى ئىنتىرنىت تورى، ئۇچۇر، ئالاقە تەرەققى قىلغان بىر دەۋىرگە توغرا كەلدى، مىنىڭ دەۋرىم بولسا ئۇچۇر ئالاقە قامال قىلىنغان، ھەممە ئىش چەكلەنگەن، ھەممە ئىش كونتىرول قىلىنغان بىر دەۋىر ئىدى، سەن مۇشۇ باراۋەر ھوقوقۇڭدىن پايدىلىنىپ بالام، بۇندىن كىيىن ھىچكىمنىڭ ئالدىدا قىسىلما، خورلانما، يەرگە قاراپ قالماي، باراۋەر ياشا!» دىگەن تەربىيەنى بەرسەك ياخشى بولىدۇ. (چاۋاك ساداسى!!!)

بۈگۈنكى لىكسىيەنىڭ مەزمۇنىدا مۇشۇ ئۈچ نۇقتا سۆزلەندى، يەنى پەرزەنتىمىزدىن پەرقىمىز نەدە؟ دىگەندە، پەرزەتىمىزدىن پەرقىمىز دەۋىر پەرقى، چۈشەنچە پەرقى، ماكان ۋە موھىتتىكى پەرقلەردىن يۇغۇرۇلغان ئەنئەنە، ئادەت پەرقى بولماقتا. مۇشۇ پەرقلەرنى توغرا تونىماسلىق نەتىجىسىدە، بالىمىز بىلەن ئوتتۇرىمىزدا چۈشىنىشمەسلىك ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئىككىنچىسى، ئارىمىزدىكى پەرق سەۋەبلىك بىز بالىمىزغا ئىشەنچ ئاتا قىلالمايۋاتىمىز، بۇمۇ ئارىمىزدىكى پەرقتىن ياكى بىز 60 يىلدىن بېرى ئىنسانغا ئىشەنچ ئاتا قىلمىغان بىر جەمئىيەتتە ياشىغانلىقىمىزدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچىسى، بىز بالىمىزغا باراۋەر مۇئامىلىدە بولالمايۋاتىمىز، چۈنكى بىز باراۋەرلىكتىن تولۇق بەھرىمان بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بالىمىز بىلەن بولغان پەرق مۇشۇ ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. مانا مۇشۇ يۇقارقى ئۈچ جەھەتتە بىز بالىمىزغا قانچىلىك بىرەلىسەك، قانچىلىك ئاتا قىلالىساق، شۇلارنى قانچىلىك قوللىيالىساق ۋە شۇنداق قوللاپ كىتەلىسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن. ھۆرمەت، ئىشەنچ، چۈشىنىش ۋە باراۋەرلىك ھەممىزگە يار بولغاي. كۆپچىلىككە رەھمەت!



ئالدىنقى: ئىسلاھاتچىلىق ۋە مۇھاپىزىكارلىق مەسىلىسى

كـىيىنكى: ئىكراندىكى نورۇز ۋە زاماندىكى نورۇز