ئۈچلۈك تەڭرى

ئورنى Wikipedia

خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە، ئالەمدىكى جىمى مەۋجۇداتنى پەقەت تەڭرىلا بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ. ئەمما، خرىستىئان دىنى يەنە ئىيسانى ھەم تەڭرى، ھەم تەڭرىنىڭ ئوغلى دەپ قەيت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى زىددىيەتلىك قاراشتۇر. نەتىجىدە، خرىستىئانلار بۇنى «ئۈچلۈك تەڭرى» تەلىماتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، تەڭرى ئاتا تەڭرىزادىنى تەۋەللۇت قىلغان، تەڭرى ئاتا بىلەن تەڭرىزادە مۇقەددەس ئەرۋاھنى ئاپىرىدە قىلغان، بۈۋى مەريەم ئانا دەل شۇ مۇقەددەس ئەرۋاھقا ئۇچراپ، توي قىلماي تۇرۇپلا ئىيسانى تۇغقان، دەپ قارايدۇ.

خرىستىئان دىنى ئۈچلۈك تەڭرى سىرلىق ۋەھىيدۇر، ئۇنى ئەقىلگە تايىنىپ بىلگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئېتىقادقا تايىنىپلا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، ئۈچلۈك تەڭرى خۇددى ئۈچبۇلۇڭغا ئوخشايدۇ، ئۈچ دانە بۇلۇڭ بىرلىشىپ بىر پۈتۈن گەۋدىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ بۇزۇۋېتىلسە شەكىلگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل دىنىي ئەقىدە ئۇنى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغاچقا، خرىستىئان مۇرىتلىرى تەڭرى خۇددى ھەر خىل سىياقتا ئۆزىنىڭ يېنىدىلا پەيدا بولۇپ قالىدىغاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ خرىستىئان دىنىغا بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

خرىستىئان دىنىدا ئۈچلۈك تەڭرىنى كۈيلەيدىغان نۇرغۇن قەسىدىلەر بار. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۇپلېتىنىڭ تەخمىنىي مەنىسى مۇنداق: ئالەم تېخى شەكىللەنمىگەن چاغدا، تەڭرى ئاتىنىڭ شاپائىتى زاھىر بولدى؛ ئۇ ئالەم، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى بىنا قىلىپ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئارقىلىق دۇنيانى يورۇتتى. تەڭرى ئاتىنىڭ ئوغلى خرىستوس ئىيسا، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئاۋامنى گۇناھتىن ساقىت قىلدى؛ مۇرىتلار مەڭگۈ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، شۇندىلا ھاياتلىق كۆكلەپ، دۇنيا يورۇقلۇققا تولىدۇ. مۇقەددەس روھ تەڭرى ئاتا بىلەن تەڭرىزادىنىڭ روھىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ روھ مۇرىتلارنى ھەقىقەتنى تېپىشقا، مېھىر - شەپقەتلىك، ئاق كۆڭۈل بولۇشقا يېتەكلەيدۇ؛ مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيسى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، زۇلمەتتىن قۇتۇلۇپ يورۇقلۇققا ئەگەشكەنلەر چەكسىز نۇسرەتكە ئېرىشىدۇ.