ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

ئورنى Wikipedia

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ( 1944 - يىل )

1944 - يىلى 8 - ئايدا پاتىخ قاتارلىقلار نىلقا ناھىيىسىدە گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، قوزغىلاڭچىلار 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت قۇردى . ئىككىنچى يىلى تارباغاتاينىڭ شىمالىدىكى تۆت ناھىيىسى ، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار شىخونى ئىشغال قىلىپ ، ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تۇتاشتۇردى فرونتىنى ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا مۇقىملاشتۇرۇپ ، تاكى تىنچلىق سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا قەدەر ، گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن روبىرو تىركىشىپ تۇردى .




ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىي مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن تولدى. بۇ دەۋردە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسى بويىچە كەڭ كۆلەمدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى پارتلاپ، يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ 30-يىللاردىكى ئىنقىلابلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسا، 40-يىللارغا كەلگەندە قايتىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاپ ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسى، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئۆزلىرىنى- ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن شىمالدىكى ئۇچ ۋىلايەتنىڭ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ۋە ئاخىرىدا ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يېقىنقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن ئىنتايىن مۇھىم بىر سىياسىي ۋەقە بولغاچقا بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلار يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان كۆپىيىشكە باشلىدى ھەمدە ئىلگىرى كىيىن جۇڭگو، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، بۈگۈنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە باشقا ئەللەردە بىر قاتار ئىلمىي ئەسەرلەر ۋە تۈرلۈك خىلدىكى ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇر ئىنقىلابىي شاھىدلىرىمۇ بۇ ھەقتە كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرى، كېيىنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىرىدىن زاھىر ساۋدانوۋ، سوپاخۇن سوۋۇروف، زىيا سەمەدى، توختى ئىبراھىم قاتارلىق ئونلىغان ئەربابلار ئۆز ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلدى شۇنىڭدەك خەنزۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەخسۇس “ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى”، “مۇھىم ۋەقەلەر خاتىرىسى” غا ئوخشاش بىر قاتار كىتابلار نەشر قىلىندى. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ بولسا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دېمەك ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي. تۆۋەندە مەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا ئائىت مەسىلىلەرنىڭ بىرى “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” مەسىلىسى ھەققىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يۈزەكى بولسىمۇ، توختالماقچىمەن.

20-ئەسىرنىڭ 20-40-يىللىرىدا سوۋېت رۇسىيىسى ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاسىيا، ئافرىقا ھەم باشقا جايلاردىكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” دەپ باھالاش پرىنسىپى بويىچە 30-40- يىللاردا تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كاتېگورىيىسىدە كىرگۈزگەن.

كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ تەبىرىگە تايانغاندا، “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت”، يەنى رۇسچە “Национально-освободительное движение، ئىنگلىزچە ناتىئونال لىبەراتىئون موۋەمەنت، خەنزۇچە 民族解放运动 مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكە ئاستىدىكى بارلىق خەلقلەر ۋە بارلىق ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە، جاھانگىرلىككە ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغان ھەرىكەتدۇر. بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەت 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئەۋجى ئالغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە دۇنيا، ئۇلۇغ برىتانىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيە، چار رۇسىيە، ياپونىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى قاتارلىق جاھانگىرلىك دەۋرىگە كىرگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىنغان ئىدى.

ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى جاھانگىر كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەسىر دائىرىسى ئاستىدا بولۇپ، دۇنيادا ئەزگۈچى ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەردىن ئىبارەت ئىككى كاتېگورىيە شەكىللىنىپ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدىكى كۈرەش ئۆتكۈرلەشتى. نەتىجىدە دۇنيا يۈزىدە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كېلىپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا خېلى كۆپ مىللەتلەر مۇستەقىل بولدى.

رۇسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تېخىمۇ ئەۋجى ئالدى. دۇنيا يۈزىدە جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ يېڭى دولقۇنى شەكىللىنىپ، ھەر قايسى مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىش مەسىلىسى خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ جەھەتتە سوۋېت رۇسىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدىكى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ، “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ئىدىيىسىنى” ھەممە يەرگە يېيىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، يەنە كۆپلىگەن مىللەتلەر ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىگ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلدى. دېمەك، سوۋېت رۇسىيىسى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 30-40-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىنى ” مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىچىلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى “دەپ ئاتىشى تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس ئىدى. تارىختىكى سۇن جوڭشەننىڭ مانجۇلارنىڭ مەنچىڭ سۇلاسىغا قارشى مىللىي ئىنقىلابى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى سەككىز يىللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق شەرقىي ياۋروپا خەلقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ھەمدە كورىيە خەلقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى كۈرەشلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇستەقىللىق ئىنقىلابلارنىڭ ھەممىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپتۇر.

1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، ئەنە شۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت پرىنسىپ بويىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ سېكرېتارى باۋمان سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ” مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت خاراكتېرى” غا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇ ھەرىكەتكە ياردەم بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.(1) بۇ مەزگىلدە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى ” ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” دەپ ئاتالغان بولۇپ، سوۋېت رۇسىيىسى كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، قىزىل ئارمىيە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتى ھەم تاشقى ئىشلار كومىسسارىياتى قاتارلىق ئورگانلار شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭلار ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشى شۇنىڭدەك تاشقى ۋە ئىچكى تەسىرلەر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىش نەتىجىسىدە، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىشىدە ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى پەيدا بولدى.

ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش. بۇ ئىدىيە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن باشتىن –ئاخىرى تەكىتلىنىپ كەلگەن. ئابدۇللا روزىباقىيېۋ، ئىسماھىل تاھىروف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف قاتارلىق يەتتە سۇ ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت رۇسىيىسىدىن ئۈمىد كۈتكەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش پىكرىنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماستىن بەلكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىگەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر كوممۇنىست دۆلەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ نۇتۇقلىرىدا ۋە ماقالىلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.(2) ئابدۇللا روزىباقىيېۋ 1922-1930-يىللىرى ئارىسىدا لېنىن ۋە ستالىن نامىغا ھەمدە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەم مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى ھەققىدە دوكلاتلار ۋە خەتلەر يازغان. ئۇنىڭ “غەربىي جۇڭگودا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى توغرىسىدا ۋە بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىلەر ھەققىدە” ناملىق دوكلات تېزىسى ساقلىنىپ قالغان.(3) ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ يەتتە سۇ ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە تەلەپلىرىنى نەزەرگە ئالغان بولۇشى ئېھتىماللىققا ئۇيغۇن بولۇپ، بۇ ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغاش ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى خىلدىكى پىكىر ئېقىمى، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللىماستىن بەلكى خەنزۇ مىلىتارىستلىرىغا ياردەم بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەنگىلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى تۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. بىرىنچى خىلدىكى پىكىردىكىلەر ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئىككىنچى خىلدىكى پىكىر ئېقىمى ستالىن قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ھەمدە شۇ بويىچە شېڭ شىسەي يۆلەپ تۇرغۇزۇلۇپ، سابىت داموللام باشچىلىقىدا تەسىس قىلىنغان “شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى” ۋە ما جوڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان كۈچلىرى يوق قىلىندى ھەمدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە تونۇلغان خوجا نىياز ھاجىم سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشى، كۆرسەتمىسى ۋە ۋەدىلىرى بويىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ شېڭ شىسەينى قوللاشنى قارار قىلىشى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر ۋە ياكى دۇنيا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تەرەپدارلىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان (4) بولۇپ، بۇ چاغدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ موسكۋانىڭ بۇ قارارىغا قارشى تۇرۇپ ستالىن رەھبەرلىكىدىكى مەركىزى كومىتېتقا ئەۋەتكەن دوكلاتىدىمۇ ئوخشاشلا “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت “ئىبارىسى تەكرارلىنىپ، ” گەرچە، مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى قاتارىدا فېئوداللار بار بولسىمۇ، بۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ” دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. (5)

قىزىق يېرى شۇكى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، شېڭ شىسەينى قوللىغان ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسىمۇ بۇ چاغدا ئوخشاشلا” ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ” ئاتالغۇسىنى قوللىنىۋەرگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنى “مۇستەملىكە ئاستىدا ئېزىلگەن مىللەتلەر” كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، سوۋېت دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي خادىملىرى خوجا نىياز ھاجىمغا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىن گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى ۋە باشقىلارغا ئۆزلىرىنىڭ “ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى” ۋە “سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ نىجات يۇلتۇزى” ئىكەنلىكىنى ئىزچىل بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ” تايانچ كۈچ” دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە ئۈمىد باغلىغان. لېكىن، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋە 1937-1939-يىللىرىدىكى شېڭ شىسەينىڭ قىرغىنچىلىقى، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبىرىي شەخسلىرى ۋە قوزغىلاڭ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۆلتۈرۈلۈشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلاشقان تەرىپى بولۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ” ۋە “ئېزىلگەن مىللەت” ئاتالغۇلىرىنى ئويۇنچۇق قىلغانلىقىدەك ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. سوۋېت سىياسەتچىلىرى بۇ مەزگىلدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت نەزەرىيىسىنى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسىدە چۈشەندۈردى ھەمدە ئۇلارنى شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ، بۇ ئۆلكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنىڭدەك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلدى. شۇ ۋەجىدىن شېڭ شىسەينىڭ “ئالتە سىياسىتى”نىڭ تۈزۈلۈشىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئەسلىدە مىللىي ئازادلىق ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغان موسكۋا ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئارزۇسىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ ئالتە سىياسىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى شەرھلەپ، ئۆز چېگرىسىنىڭ يېنىدا مۇقىم ۋەزىيەت ھەمدە سوۋېت تەسىرى ئاستىدىكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئەمما، 1940‏-1943-يىللارغا كەلگەندە شېڭ شىسەينىڭ يۈز ئۆرۈشىدىن غەزەپكە كەلگەن ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ” مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ” نەزەرىيىسىنى يەنە بىر قېتىم قوللاندى. 1943-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدا ئىنقىلاب قوزغاش ھەققىدە قارار ئالغاندىن كېيىنكى ھۆججەتلەردە(6) ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىمۇ قوزغىماقچى بولغان بۇ ھەرىكەتلەر “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى “دەپ ئاتالدى. مەسىلەن، 1943-يىلىدىن ئېتىبارەن چىقىرىلىپ، مەخسۇس شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن “شەرق ھەقىقىتى”، “قازاق ئېلى” جۇرناللىرىدىكى ماقالىلاردىمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىبارىسى ئىشلىتىلگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونسۇلخانە خادىملىرىنىڭ ئىنقىلابنى نەدە قوزغاش ھەققىدە موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتلىرىدىمۇ “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” ئىبارىسى قوللىنىلغان ئىدى. (7)

موسكۋا ئەنە شۇ “مىللىي ئازادلىقى ھەرىكىتى” شوئارىغا ئاساسەن غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەمدە 1945-يىلى 5-يانۋاردا توققۇز ماددىلىق خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى شۇنىڭدەك مەزكۇر خىتاپنامىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا ئوچۇق قىلىپ، ” مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش” (8) شوئارىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا يول قويدى ھەتتا كۆرسەتمە بەردى. “مىللىي مۇستەقىللىق شوئارى، ئەلىخان تۆرە باشلىق “ئازادلىق تەشكىلاتى”نىڭ پائالىيەتلىرىدىن تارتىپ، تاكى جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىش ھەمدە بىتىم تۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا كەڭ تەشۋىق قىلىندى. سوۋېت تارىخشۇناسلىرىدىن ئالىمجان ھاكىمبايېۋ ۋە مىنگۇلوۋ قاتارلىقلار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ مەزكۇر توققۇز ماددىلىق خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە دۆلەت تۈزۈلمىسى ھەمدە ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلىرى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق توختالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدىلا مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق شوئارلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى يوشۇرمىغان ئىدى(9). ئىنقىلاب شاھىتى سەيدۇللا سەيفۇللايېۋمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بايانىغا تايانغاندا، “1944-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھىرى ئازاد بولغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە مۇستەقىللىق شوئارى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەشكىل قىلىندى. بۇ ئەھۋال بىر يىل داۋام قىلىپ، تىنچلىق بىتىمنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى”(10). مانا شۇ 1943-يىلىدىن تاكى 1946-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنى قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدا قوزغالغان “مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى” نىڭ “مۇستەقىللىق ئىنقىلابى” خاراكتېرىنى ئېلىشىنى چەتكە قاقمىدى. ھەتتا ئازادلىق تەشكىلات ئەزاسى ۋە كېيىنكى جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ ئەسلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلى داباشىن قاتارلىقلار “ئازادلىق تەشكىلاتى” غا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلارنىڭ تاشقى موڭغۇلىيىدەك مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ھەتتا نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى فاتىخ مۇسلىموفقىمۇ سوۋېت تەرەپ شۇنداق دېگەن(11)، جۇمھۇرىيەت تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋەكىللىرى بارلىق ئورگانلارغا مەسلىھەتچىلىك قىلغان بولۇپ، بۇ مەسلىھەتچىلەر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن ئىكەنلىكىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالمىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەردە “سوۋېت ئىتتىپاقى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتىدۇ” دەيدىغان ئىشەنچ ھەم خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىنغان. بىراق، موسكۋا دائىرىلىرى 1946-يىلى 6-ئايدا 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمنىڭ ئىمزالىنىپ، “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” ھۆكۈمىتىنىڭ نامدا ئەمەلدىن قېلىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشى قاتارلىق سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنى ئاشكارا يوسۇندا “مۇستەقىللىق” ئىبارىسىنى ئىشلەتمەسلىككە كۆندۈرگەن شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا ياردەم بېرىشى ۋە ئۇنى ھەربىي-سىياسىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن قوللىشىنىڭ مەقسىتىنىڭ “مۇستەقىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەسلىك” ئىكەنلىكىنى ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا يۈزەكى بولسىمۇ ئاشكارىلىدى. ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ئەربابلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرەپكىمۇ قايتا-قايتا شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەتتا بۇ نۇقتىنى “سوۋېت- جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى” نىڭ قوشۇمچە ماددىلىرىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى گەرچە ئىلى ھۆكۈمىتىنى جۇمھۇرىيەت ئاتالغۇسىنى ئىشلەتمەي، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۈزۈشكە دەۋەت قىلغان ھەمدە مۇستەقىللىق شوئارىنىڭ ئاشكارا ئىشلىتىلىشىنى توسۇپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” شوئارىدىن يەنىلا ۋاز كەچمەي، ئۈچ ۋىلايەتتىكى بۇ ئىنقىلابنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى دەپ ئاتاشنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1946‏-يىلى 7‏-ئايدىن كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ” ئىدىيىسى ۋە شوئارىنىڭ داۋاملىق تەرغىب قىلىنىشىغا، ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سۆز- نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدە مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ كەڭ ئورۇن ئېلىشىغا چەك قويمىدى. مەسىلەن، 1946-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۆزلىرى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالغىنىدا، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى بۇ ئىنقىلابلارنىڭ پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى “ۋە ياكى ” مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى” ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلىگەن ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزىنىڭ “مىللىي مەسىلىدىكى بەزى خاتالىقلىرىمىز” ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى:

“مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇستەبىت تۈزۈمنى يوقىتىش، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلقچىللىق سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت”، ” ھەقىقىي خەلقچىللەرنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا سادىر بولغان مىللىي مەسىلىدىكى خاتالىقلارنى تېزدىن تۈزىتىپ، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللەت ئايرىماي، گومىنداڭ ۋە جاھانگىرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بولمىغان، مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىكى، باراۋەرلىكىنى ئاساس قىلغان، ئەمەلىيەتتىكى يېڭى خەلقچىللىق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت”.(12)

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سۆز-نۇتۇقلىرىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ مەقسىتىنىڭ دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ كىم تەۋەلىكى ھەمدە رەھبەرلىكى ئاستىدا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋە دوكلاتلىرىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ ئېڭىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى يەنىلا سابىق جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرە دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان توققۇز ماددىلىق خىتابنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشاندىن چەتنەپ كەتمەيدۇ دەيدىغان تۇيغۇنى بەرگەن بولۇپ، چۈنكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىك قىلغان مەزگىلىدىمۇ 9 ماددىلىق خىتابنامە ھەم سىياسىي پروگراممىغا ئەمەل قىلىنىدىغانلىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، 9 ماددىلىق خىتابنامە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەخمەتجان قاسىمى تەرىپىدىن ھېچقاچان بىكار قىلىنغان ئەمەس، ئەكسىچە ئەلىخان تۆرە بىلەن ئالىي سوت باشلىقى مۇھەممەدجان مەخسۇم ئىمزا قويغان ” شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى” ۋە “جىنايى ئىشلار قانۇنى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق قوللانمىسى” تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈچ ۋىلايەتتە ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇننىڭ دەسلەپكى 9-ماددسىدا “ھۆكۈمەتنىڭ توققۇز ماددىلىق خىتابنامىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە ياكى بۇ خىتابنامىگە خىلاپلىق قىلغان ھەر بىر پۇقرا جازاغا تارتىلىدۇ” دەپ بەلگىلەنگەن.(13)

ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلابنىڭ كېيىنكى رەھبەرلىرىنىڭ “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” نۇقتىئىنەزىرىنى داۋاملىق قوللىنىشىنىڭ مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىدىن، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ” مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” نۇقتىئىنەزىرىدىن ئاخىرغىچە ئۈمىد كۈتكەن ۋە ياكى موسكۋانىڭ بۇ شوئارنى ئۆز ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ “مىللىي مۇستەقىللىق شوئارىنى ئاشكارا ئىشلەتمەسلىك” كۆرسەتمىسىگە بىنائەن “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ” ئىبارىسىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ ئەسلى تەبىرى بويىچە، يەنى مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان خەلقلەرنىنڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە ئىستىقلالىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مەنىسىدىن چۈشەنگەنلىكى ئېھتىماللىققا يېقىن. بۇنداق بولۇشىدىكى بىر سەۋەب شۇكى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ “ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش” ۋەدىلىرىدىن تېخى تولۇق ئۈمىد ئۈزمىگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمىسا كېرەك. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1946-يىلى 7-ئايدا ئەلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلىپ، جۇمھۇرىيەت نامى رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى، 1949-يىلى 10-ئايغىچە، يەنى جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مۇستەقىل ھالدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە بويسۇنمىغان ھالدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللىغان. گەرچە، سوۋېت ئىتتىپاقى “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” ئاتالغۇسىنى رەسمىي يوسۇندا ئىشلىتىشكە يول قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن، “شەرقىي تۈركىستان ئىلى ۋىلايىتى” دەپ ئاتىلىشىغا يول قويغان، بولۇپ 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىن “شەرقىي تۈركىستان ئىلى ۋىلايەتلىك كېڭەش”دېگەندەك ناملار مەيدانغا چىققان ( 14)، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ 1944-يىلى 12-نويابىردا بېكىتىلگەن ش ت ج نىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە داۋاملىق ئېسىلغان(15) ھەمدە مىللىي ئارمىيە بايرىقىدىكى ” شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا ” دېگەن خەتلەر داۋاملىق ساقلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى گېزىت –ژۇرناللاردا “شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى، مىللىي ئازادلىق ۋە مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي ئەركىنلىك، ” چۈشەنچىلىرىنىڭ كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى.(16)

يۇقىرىقى مىساللاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” شوئارىدىن پايدىلىنىش جەريانىنى كۆزەتكەندە شۇنداق خۇلاسىغا كېلىش مۇمكىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 40-يىللاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئىنقىلابىنى باشتىن ئاخىرى “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” دەپ بېكىتسىمۇ، بىراق مەزكۇر تەبىرنى مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق چۈشەنچىلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، ئۇنىڭ تەبىرىنى سۇيىئىستېمال قىلغان. ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسەن بەزىدە “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” ئۇقۇمىنى “مۇستەقىللىق ” بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ چۈشەندۈرگەن ھەم يەنە بەزىدە “ئازادلىق” ئۇقۇمى بىلەن تەبىر بەرگەن. “ئازادلىق” ئۇقۇمى بىرئاز ئابستراكت بولۇپ، كېرەك بولغاندا ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەس، پەقەت بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئازادلىق ئىكەنلىكى نۇقتىسىدىنمۇ شەرھلىگەن. قىسقىسى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى”دىن ئىبارەت بۇ سىياسىي ئاتالغۇنى سۆز ئويۇنى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇشنى قەتئىي قوللىغان ستالىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوۋېت رەھبەرلىكى 1949-يىلىدىن كېيىنمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى “دەپ ئاتاۋەردى شۇنىڭدەك ئۈچ ۋىلايەت خەلقىمۇ مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەسلىكى ھەمدە ستالىننىڭ ئەسلىدە شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى، پەقەت ئۇنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلانغانلىقىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتتى.

سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخشۇناسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىلىرىغا باشتىن ئاخىرى ئەنە شۇ ستالىن دەۋرىدە بېكىتىلگەن “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” تەبىرى بويىچە باھا بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى 30-يىللاردا شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجىم باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغاندا ۋە 1946-1947-يىللىرى “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنى تىنچلىق بىتىم تۈزۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش دەۋرىدە شۇنىڭدەك 1948-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا ” مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” نىڭ مەقسىتىنىڭ ” تەڭ ھوقۇقلۇق، دېموكراتىك سىياسەت قولغا كەلگەن ئازادلىق ئىكەنلىكى “نى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەقسىتىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئېزىلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئازادلىقىنى تەمىن ئېتىش ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىلىرىنى ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەشۋىق قىلىشىغا يول ئاچقان ھەمدە تەشەببۇس قىلغان ئىدى. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن كېيىن، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ “ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ئوخشاشلا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” دەپ ئاتىغاچقا، سوۋېت تارىخچىلىرى مەزكۇر تەبىرنى ئىزچىل قوللاندى. مەيلى، 1949-1959-يىللىرىدىكى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ “شېرىن ئاي” مەزگىلىدىكى ئەسەرلەر بولسۇن ۋە ياكى 60-70-يىللاردىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى دۈشمەنلىك دەۋرىدىمۇ مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك ھالدا بۇ “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” تەبىرى داۋاملاشتۇرۇلدى. سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى دۈشمەنلىك دەۋرىدىمۇ، سوۋېت تارىخچىلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىگە ئىجابىي باھا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئىنقىلابنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ يەنىلا جۇڭگودىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىلىش ئەمەسلىكى، پەقەت دېموكراتىك ھوقۇق، مىللىي باراۋەرلىكنى ھەم دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان دەپ قاراپ، ” ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ” ئاخىرى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى رەھبەرلىك قىلغان جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بىردەك يەكۈننى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم ئۇنى ئۆزگەرتمىگەن ئىدى.(17)

ۋەھالەنكى، سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ، مۇناسىۋەت تازا ئۆتكۈرلەشكەندىن، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا سوۋېت تارىخچىلىقىدىن بەزى پەرقلىق تەرەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر قىسىم جۇڭگو تارىخشۇناسلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئېلىپ بارغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىك سىياسەت ھەم مىللىي باراۋەرلىكنىلا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ، ئۇنى نوقۇل ھالدا “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ “مۇستەملىكىچىلىككە قارشى، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ھەرىكىتى بولماستىن بەلكى، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى، دېموكراتىك ھوقۇق ۋە مىللىي باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت پرىنسىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بۇ مەسىلىدە پروفېسسور لى شېڭنىڭ قارىشى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنقىلاب “شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېكىسلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىچكى كۈرىشى”، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاتا ھالدا بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەتنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ چۈشىنىشى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلىرىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ ئاتاش خاتا بولۇپ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب مەزكۇر ئىنقىلابلارنىڭ ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىدۇر. ئەلۋەتتە، ئاپتورنىڭ يەكۈنى ھازىرقى زامان سىياسىي ئىدىيىسىدىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، بۇ تارىخىي رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەت بىلەن زىتلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئەۋجى ئالغان خەلقئارا خاراكتېردىكى ھەرىكەت بولۇپ، ئازاد بولغان ئۈچ ۋىلايەتتىكى خەلق ھەمدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئۆز ئىنقىلابىنى ئۈزۈل-كېسىل ئازادلىقنى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ” مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى”، “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” دەپ چۈشىنىپ، ئۇنى دۇنيا يۈزىدە داۋاملاشقان مۇستەملىكىچىلىك ۋە جاھانگىرلىكنىڭ زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىك ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى دەپ ھېسابلىغان ئەھۋال ئاستىدا(18)، مەزكۇر رىيال پاكىتنى ئىنكار قىلىش تارىخچىلىق ئىلمىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

لى شېڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت دەپ ئاتىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

“شىنجاڭ مۇستەملىكە زېمىن بولمىسىمۇ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە سوۋېت رۇسىيىسى دائىرىلىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمىغا قارشى ئىچكى سىياسىي كۈرەشلىرىنى خاتا ھالدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ بېكىتىۋالغان، شىنجاڭ خەلقىنىڭ قارشى تۇرغىنى مىلىتارىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە دىكتاتورا تۈزۈم بولسىمۇ، لېكىن چېگرا سىرتىدىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا خەنزۇلارغا قارشى تۇرىدىغان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپ خاتا يېتەكچىلىك قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ، بىر مەيدان داغدۇغىلىق ئىنقىلابى ھەرىكەتكە مۇناسىپ ئىنقىلابى ھاكىمىيەت بارلىققا كەلمەي، ئەكسىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن ئىبارەت بۆلگۈنچى ھاكىمىيەت شەكىللەنگەن. ئورنى خاتا بەلگىلەڭەن “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم نەزەرىيە- مەنبەسىدۇر”.(19)

يەنە بىر پروفېسسور شۇئې شىئەنتىئەن بولسا پروف. لى شېڭ بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ھەم تەپسىلىيرەك خۇلاسە چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاتا ھالدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىدىيىسىنى بېكىتىشىنىڭ “بۆلگۈنچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بۆلگۈنچىلىك قىلىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس يارىتىپ بەردى” تەنقىد قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:

“شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھەر قايسى مىللەتلىرى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغاندىن سىرت يەنە بىۋاسىتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ فېئودال سىنىپىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار خەنزۇ خەلقىگە ئوخشاشلا جاھانگىرلىكىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالە ئۆز ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن پەقەت خەنزۇ خەلقى بىلەن بىرلىكتە جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىدىغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بولغاندىلا، مىللىي زۇلۇم ۋە مىللىي تەڭسىزلىك ئەھۋالىنى بىكار قىلالايدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى خەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ بېكىتىش ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ سىنىپىي مەزمۇنىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىنقىلابنى مىللىي قىرغىنچىلىقتەك يامان يولغا باشلاپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ چوڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىشى ھەمدە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس تېپىشىغا ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت.” (20)

دېمەك، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو تارىخشۇناسلىرىنى خاپا قىلغان نۇقتا، سوۋېت تارىخشۇناسلىرىنىڭ ” ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن “دىن ئىبارەت “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىرى، بولۇپمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغاندىن كېيىنمۇ مەزكۇر “مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت” نىڭ “خەنزۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مىللىي زۇلۇمى ۋە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى” ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت نۇقتىئىنەزەردىن ۋاز كەچمىگەنلىكىدۇر شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ ئاتالغۇلارنى كۆپلەپ ئىشلىتىشىدۇر. جۇڭگو سىياسىي كۆز قارىشى بويىچە ئالغاندا، “ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگونىڭ تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولۇپ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، بۇ مۇستەملىكە زېمىن ئەمەس، تارىختىكى خەنزۇ مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى، مۇستەملىكىلىك ھۆكۈمرانلىق ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دۇنيانىڭ باشقا مۇستەملىكىلىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرگە ئوخشاش باھا بېرىشكە بولمايدىكەن. ئەمما، بىر نۇقتا ئېنىقكى، سوۋېت تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 30-40-يىللاردىكى ئىنقىلابلىرىنىڭ ھەممىسى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا پەقەت ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابىلا “مىللىي ئازادلىق ۋە دېموكراتىيىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى” دەپ باھالىنىپ، ئالدىنقىسى “دېھقانلار ئىنقىلابى، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەت” دېگەن باھالىنىپ، كېيىنكىسىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى تاكى 1949-يىلى، 10-ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىلىك خەنزۇ تارىخشۇناسى دەيۋىد ۋاڭنىڭ يەكۈنى بويىچە ئالغاندا ئۇچ ۋىلايەت نامدا جۇڭگوغا تەۋە دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل سالاھىيىتى بار، ئۆزىنىڭ ئايرىم ھۆكۈمىتى، ئايرىم بايرىقى، ھەربىي قوشۇنى ھەم ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ئىگە “دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىدى” (21). بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن يېشىل بايرىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېسىشى، ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەريانلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، موسكۋا ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەربىي-مەمۇرىي ۋە باشقا بارلىق تەرەپلەردىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، يېڭى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋە جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ، شىنجاڭدا ماناس دەرياسىنى چېگرا قىلغان ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ بەش يىل تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا سەيپىدىن ئەزىزى، ئەسىھەت ئىسھاقوف قاتارلىقلارمۇ ئىچكى جەھەتتە بەلگىلىك مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىزى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قاتناشتى شۇنىڭدەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مۇستەقىل “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى” ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرغانلىقى ھەتتا توققۇز ماددىلىق خىتابنامە ئېلان قىلغانلىقىغا قارىماي، ئۇنى يەنىلا جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتاش ھەمدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت دەپ قاراش ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە قېلىشىدا ستالىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. شۇڭا، سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇقى دەۋرىدە لى شېڭدەك بىرەر ئالىم چىقىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىشىغا زور ھەسسە قوشقان ستالىنغا ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوۋېت ئەربابلىرىغا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارغا “مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى” دەپ باھا بېرىشنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى دادىللىق بىلەن ئېيتالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ستالىننىڭ شىنجاڭدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغۇزغانلىقىنى جىنايەت دەپ تەنقىد قىلىش سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى ۋە يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىلا باشلانغان ئىش بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈش، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۇقۇمى ھەمدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى مەسىلىسى ھەققىدە جۇڭگو ئالىملىرى ئارىسىدا تېخى بىردەك قېلىپلاشقان يەكۈن چىقمىغاندەك، بۇ مۇنازىرە خەلقئارا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغاندەك قىلىدۇ.

يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى باشتىن ئاخىرى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئاتالغۇسىنى ئابىستراكىت ئۇقۇم سۈپىتىدە قوللىنىپ، گاھىدا ئۇنى مۇستەقىللىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويسا، گاھىدا ئازادلىق ئۇقۇمى بىلەن تەڭ قويدى. باشتىن ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىستىقلالىيەت نىشانىغا يېتىشىگە يول قويماي، ئۇنى پەقەت جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇش يولىغا باشلىدى. گەرچە، سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ مەسىلىسىگە باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بولۇپ، بۇ جاينىڭ تەقدىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ زېمىندا جۇڭگودىن ئايرىم بىر ھاكىمىيەتنىڭ مەيدانغا چىقىشى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشىغا يول قويماسلىق سىياسىتى بېكىتىلدى. سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ مىللىي ئازادلىق شوئارلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق نىشانىدىن چىقىش قىلىنماي، ئەكسىچە ئۇنىڭ سىياسىي ئويۇن ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇملۇق ئىنقىلابقا قاتناشقان خەلقلەر ھەتتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق ھەم ئارىسالدىچىلىق ھەتتا ئالدىنىش كەيپىياتلىرىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، پەقەت 1949-يىلىدىن كېيىنلا مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ تۈپ مەزمۇنى ۋە مەقسىتىنىڭ ماھىيىتى ئايدىڭلاشتى. جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا بولسا، دەسلەپكى ماركسىزم ۋە لېنىنىزمچىلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تەبىرى بېرىش پىكرى قوبۇل قىلىنىپ، ھازىرغىچە شۇنداق ئاتىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرى ئۇنى ئىنكار قىلىش كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. گەرچە، 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملاشقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئاساسلىقى ئۈچ ۋىلايەتتە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىلگىرى كېيىن قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدىمۇ ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملاشتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەزكۇر بەش يىل ئىچىدىكى ئىنقىلاب پەقەتلا ئازغىنا ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ئەلىخان تۆرە دەۋرىدە بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىك مەزگىلى بولسۇن ئازاد بولغان ئۈچ ۋىلايەتتىكى خەلق ھېچ قاچان ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئىنقىلابىنى “ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى” دەپ ئاتىمىغان، بەلكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ياكى مىللىي ئىنقىلاب، نويابىر ئىنقىلابى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئاتالغۇسى 1949-يىلىدىنن كېيىن قويۇلغان نامدۇر. ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى مەسىلىسىگە كەلسەك، گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلابقا ياردەم بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىن كۆزلىگەن مەقسىتى باشقىچە بولسىمۇ، بىراق ئىنقىلاب قىلغۇچى ۋە ئىنقىلابنىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان خەلقنىڭ ئۈمىدى، نىشانى موسكۋانىڭ مەقسىتىدىن پەرقلىق ئىدى خالاس!

ئىزاھاتلار:

1. بارمىن.ئا.ب. 1918-1941-يىلىدىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ. بارنائۇل، 1999-يىلى. بارمىن بۇ ئۇچۇرنى “رۇسىيە ھازىرقى زامان تارىخى ماتېرىياللىرىنى ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزى، 62-فوند.2- مۇندەرىجە، 2209-جىلد، 9-10-پارچە”دىن نەقىل ئالغان. (رۇسچە)

2. ئابدۇللا روزىباقىيېۋنىڭ، “ئىستىبدات جۇڭگودا ئازادلىق ھەرىكىتى-ئۇيغۇرىستان”، يوقسۇل مەپكۇرىسىنى قايمۇقتۇرۇشقا قارشى” ۋە باشقا ماقالىلىرىگە قاراڭ.-خەلق ئۈچۈن كۆيىدۇ يۈرەك. جازۇشى نەشرىياتى، 1997-يىلى، ئالمۇتا، 111-129-بەتلەر.

3. ئابدۇمېجىت روزىباقىيېۋ، “تەڭرىقۇت قۇتلۇق”- پەرۋاز ژۇرنىلى، 1994-يىلى، 16-بەت. ئالمۇتا

4. شۈي شىئەنتىئەن. جۇڭگو -سوۋېت مۇناسىۋەت تارىخى-1945-1949-يىللىرى. سىچۈئەن خەلق نەشرىياتى. 2003-يىلى، 217-بەت. (خەنزۇچە)

5. رۇسىيە تارىخچىسى ئا.ب. بارمىننىڭ رۇسىيە ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىشىچە، 1921-يىلىدىن ئېتىبارەن كوممۇنىستىك ئىتېرناتسىيونال ۋە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيۇروسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنقىلاب قوزغاپ، بۇ رايوندا مۇستەقىل سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، 1921-يىلى، 6-ئايدا، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى، تۈركىستان بيۇروسى( كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيورىسى)نىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال شەرق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۇگزۇكتاك قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ تەشەببۇس موسكۋادا لېنىن، تاشقى ئىشلار كومىسسارى چىچېرن قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىپ، رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. بارمىن 1918-1941-يىللىرىدىكى سوۋېت -جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ. بارنائۇل، 1998‏-يىلى. (رۇسچە)

6. بارمىن، ئا. ب. 1941-1949-يىللىرىدىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ، 1999-يىلى، بارنائۇل. 70-83-بەتلەر. ۋادىم.گ.ئوبۇخوۋ. سخۋاتكا شەستى ئىمپېرىيە، بىتۋا زا سىنزيانا، ( ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن كۈرەش). موسكۋا. ۋەچە نەشرىياتى، 2007-يىلى، 273-331-بەتلەرگە قاراڭ. (رۇسچە)

7. بارمىن، ئا.ب. 1941-1949-يىلىدىكى سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ، 1999-يىلى، بارنائۇل، 70 -90-بەتلەر.

8. “شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخى” ناملىق كىتابقا ۋە “شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى”گە قارالسۇن. 1995-يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 67-68-بەتلەر.

9. ئالىمجان ھاكىمبايېۋ. 1931-1949-يىلىدىكى شىنجاڭدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى. 2 قىسىم، 2-قىسىم. س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مەخسۇس توپلىمى، 1974-يىلى، 18-19-بەتلەر ۋە شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى، س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى مەخسۇس توپلىمى، 1971-يىلى، 127-بەتلەر. (رۇسچە)

10. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ، شانلىق سەھىپە، -شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى، 41-سان، 27-28-بەتلەر.

11. ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى بىلەن 2002-يىلى، 12-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتى. ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇمنىڭ ئىبراھىمىڭ “ يېڭى ھايات” گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەسلىمىسىگە قارالسۇن

12. ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي مەسىلىدىكى بەزى خاتالىقلىرىمىز.(1949-يىلى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلىنغان). بۇ ماقالە شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا يوللىغان دوكلاتى ۋە ماقالىلىرىدىن تاللانما” ناملىق كىتابتا قايتا ئېلان قىلىنغان. ئەمما ئەسلى نۇسخىسى قولۇمدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنى ئەسلىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. شۇ كىتاب، 105-بەت. 1997-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

13. يېن دىئانچىڭ. شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قانۇنچىلىق تارىخى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.1999.ئۈرۈمچى. 436-438-بەتلەر

14. سەيدۇللا سەيفۇللايېۋ، شانلىق سەھىپە، شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى، 1999-يىلى، 41-سان، 44-بەت. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى، 231-بەت.1995.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئۈرۈمچى

15. 1949-يىلى، 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى دېڭ لىچۈن بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، “شەرقىي تۈركىستان”نىڭ يېشىل بايرىقىنى ئاسماي، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ئاق رەڭلىك ئىسلام بايرىقىنى ئېسىش، دىنى بايراقنى پەقەت دىنىي تەشكىلاتلار ئېسىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەمدە 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېشىل ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى ئېسىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشتىن ئىبارەت 125-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان. دېمەك، ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر بايراق پەقەت13 كۈن بەش يىل ئېسىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ھەقتە “شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى” گە قاراڭ. شۇ كىتاب، 443- ۋە 447-بەتلەر.

16. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى باشتا “ئازاد شەرقىي تۈركىستان” دەپ ئاتالغان بولسا، مەزكۇر گېزىت 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىن ” ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان” دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ياشلار تەشكىلاتىمۇ شۇ نامنى تاكى 1948-يىلى، 8-ئايدا “شىنجاڭدا تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئىتتىپاقى ” قۇرۇلغانئ غا قەدەر ئىشلەتكەن. “ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى” دە مۇنداق ئاتالغۇلار ماقالە-مۇلاھىزىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپ ئىشلىتىلگەن.

17. بۇ ھەقتە تۇرسۇن رەھىموفنىڭ ” شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىدىكى ئورنى”. – جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىي مەسىلىلىرى ھەققىدىكى 2-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى. موسكۋا، 1977-يىلى، 68-70-بەتلەر.( رۇسچە)

18. بۇ مەزمۇنلار ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئەسەرلىرىدە خېلى كەڭ ئورۇن ئالغان.

19. لى شېڭ باش تۈزگۈچى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى- ئۇيغۇرچە 358-بەت.2006.ئۈرۈمچى.

20. شۈي شىئەنتىئەن. شۇ كىتاب، 2003. 198-199-بەتلەر

<<21. David D. Wang. Clouds Over Tianshan, Essays on Social Disturbance in Xinjiang in the 1940s. NIAS.1999, Singapore bet-113>>