ئېبولا ۋىرۇسى

ئورنى Wikipedia
ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ مىكروسكوپتىكى كۈرۈنىشى

ئېبولا ۋىرۇسى يۇقۇمى 1976-يىلى كونگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكۋاتور ئۆلكىسى ئېبولا دەرياسى بويىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر بۇ نامسىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان. بۇ خىل ۋىرۇس شۇنىڭدىن كېيىن ئېبولا ۋىرۇسى دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئېبولا ۋىرۇسى
چەتئەلچە نامى Ebola virus
خەنزۇچە نامى 埃博拉病毒
تەسىر قىلشى ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلاردا پەيدا بولدىغان ۋىرۇسلۇق قاناش قىزىتمىسى

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

ئېبولا ۋىرۇسى يۇقۇمى 1976-يىلى كونگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكۋاتور ئۆلكىسى ئېبولا دەرياسى بويىدا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەر بۇ نامسىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغان. بۇ خىل ۋىرۇس شۇنىڭدىن كېيىن ئېبولا ۋىرۇسى دەپ ئاتالغان.

قۇرۇلما مورفولوگىيەسى[تەھرىرلەش]

ئېبولا ۋىرۇسى (EBoV) يىپەكسىمان ۋىرۇس ئائىلىسىدىكى ۋىرۇس بۇلۇپ، ئۇزۇنلۇقى مىڭ 970 نانومېتىر، شەكلى ئۇزۇنچاق يىپسىمان تەنچە شەكىللىك بىر خىل مەنپىي زەنجىرلىك ANR ۋىرۇسى، 18959 دانە  ئىشقار رادىكالى بار، مولېكۇلا ماسسىسى4.17×10⁶. سىرتىدىكى ئورالما پەردە ۋىرۇس دانچىلىرىنىڭ دىئامېتىرى تەخمىنەن 80nm، چوڭ-كىچىكلىكى  (1500 ~ 300) × 100nm، يۇقۇملىنىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك ۋىرۇس. ئادەتتە ئۇزۇن nm (805 ~ 665) ئەتراپىدا، تارماق شەكىللىك، U شەكىللىك، ئالتە شەكىللىك ياكى ھالقىسىمان شەكىللىك بۇلۇپ، ئادەتتە تارماق شەكلى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. پېرىتسىستىئۇم پەردىسى بار، يۈزىnm (8 ~ 10) ئۇزۇن تالالىق، ساپ ۋىرۇسى زەررىچە بىر بۇرما شەكىللىك رىبوزا يادرو قېپى بىرىكمە تەنچە ھاسىل قىلىدۇ، تەركىبىدە كىسەللىك ۋىرۇسى زەرىچىلىرى ئالاقىدار قۇرۇلمىلارغا شاخلىماسىمان ھاسىل قىلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 10 مىكرولىتىر.

كىسەلىك ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

زەھەر ئېبولا ۋىرۇسى ( Reston) پەيدا قىلالايدىغان باشقا پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەجەللىك قاناشچان كېسەللىكلەر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشى كلىنىكىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈشى ئىنسانلارغا زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولغان ۋىرۇس بىرى دەپ قارالدى. يەنى «4-دەرىجىلىك ۋىرۇسى». بەزى بىمار ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 48 سائەتتىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيىنىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئېغىر يۇقۇملىنىش تېز ۋە كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ، ئىچكى ئەزالاردا شەكىل ئۆزگىرىپ، نىكروزلىنىپ ھەمدە ئاستا-ئاستا پارچىلىنىدۇ. ئاۋۋال قاناش، ئارقىدىنلا بۇرنىدىن قان ئېقىش ھەمدە ئۈزلۈكسىز بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ چىرىگەن توقۇلما ئاغزىدىن يېنىپ چىقىش  ئەڭ ئاخىرى ئىچى قاناش، مېڭە زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. دوختۇر سېستىرا كېسەللەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ياكى ئائىلە ئەزالىرى، بىمار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇقۇملىنىدۇ. بەزىدە يۇقۇملىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، مەسىلەن:ۋىرۇس تارقالغاندا، بىمار بىلەن ياتاقداش ئۇچرىشىشتن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى % 23 كە، بىمارنى پەرۋىش قىلغۇچىنىڭ يۇقۇملىنىشى %81 كە يەتكەن. دوختۇرخانىدا تەجرىبە خادىملىرى يۇقۇملىنىش ۋە كېسەل پەيدا بولۇشى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈلگەن.

مەنبەسى[تەھرىرلەش]

‹‹تەبىئەت›› ۋە ‹‹ئىلىم-پەن›› دىن ئىبارەت يەر شارىدىكى ئىككى نوپۇزلۇق ژۇرنالنىڭ 9-ئايلىق سانىدائېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا شەپەرەڭنىڭ ئېبولا ۋىرۇسى تارقىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مۇمكىنچىلىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، سيېررالېئون، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، گېن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ئوتتۇرا ئافرىقا قىتئەسىدە تارقالغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا، ئاندىن ئىنسانلار ئارىسىدا تارقالغان، بۇ خىل ۋىرۇس مېۋە شەپەرىڭىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنكەن. تەتقىقاتچى خادىملار ئېبولا ھەققىدە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن، يەنى 60 نەپەر ئالىم گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خىزمىتىگە قاتنىشىپ، بەش نەپەر ئالىم خىزمەت جەريانىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان.

تارقىلىشى[تەھرىرلەش]

‹‹يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر يەر شارىلىشىۋاتقان›› دەۋردە، ئېبولا ۋىرۇسىمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە پۈتۈن يەر شارىغا تارقالدى. 14-دېكابىرغىچە يەر شارىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 18 مىڭدىن ئاشقان، ئارىدىن 7000 غا يېقىن ئادەم قازا قىلغان. ئېبولا ۋىرۇسى تارقالغان توققۇز ئاي ئىچىدە قازا قىلغانلار سانى 1976-يىلى تۇنجى قېتىم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۇنىڭدىن كېيىن 1979-يىلى سۇداننىڭ نزارا رايونىدا تارقالغان. 15 يىلدىن كېيىن يەنى 1995-يىلدىن 2014-يىلغىچە مەركەزلىك ھالدا ئافرىقا قىتئەسىدە 20 قېتىمدىن ئارتۇق تارقالغان. 2000-يىلى ئۇگاندادا 224 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان.

داۋالاش[تەھرىرلەش]

ھازىرقى بىردىنبىر قارشىلىشىش ئۇسۇلى توسقۇنلۇق ئوكۇل دورىسى (NPC1)، ئېبولا ۋىرۇسى توغرا كەلسە ئۆزلۈكىدىن نۇسخىلىنىپ ئۆتۈپ ھۈجەيرە يادروسى بولۇپ ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، ئاقسىل ھۈجەيرە ئارىلىق توشۇش مىقدارى ئېشىپ توشۇش كېرەك بولغان قان تومۇرنى تارايتىدۇ.

باش شىتابى جەنۋەگە جايلاشقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا : بەزى مەھسۇلات ۋە ئەمەلىيىتىنى ئالدىنى ئېلىش ياكى ساقىيىش ئېبولا ۋىرۇسىنى پۈتۈنلەي تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش ئارقىلىق ئېبورا ۋاكسىنىسى 2015-يىلدىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەرچە بەزى ئىستىقبالى بار بولغان مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا تۇرماقتا، لېكىن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى پەن تەتقىقات خىزمىتى تېخى ھېچقانداق داۋالاش ئۈنۈمى ياكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك رولىغا ئىگە دورا بار. ئادەم بەدىنى بويىچە بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە بولدۇ دىيىلدى.

ئېبولا يۇقۇمىغا يەر شارىدىكى ھەر قايسى ساھەلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون يىل ئاخىرىدا لىببېرىيە، كېنىيە، سيېررالېئونقاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم رايونلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. ب د ت ئېبولا يۇقۇمىغا جىددى تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە ئەۋەتىش ئۆمىكى قۇرۇلۇپ، دۇنيا بانكىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار بەس-بەستە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلارغا ماددى ئەشيا ياردەم قىلدى ھەمدە داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىپ يەرلىكنىڭ ئېبولاغا زەربە بېرىشىگە ياردەم قىلدى. 12-ئايغىچە يۇقۇم تارقالغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ئېبولا يۇقۇمى تىزگىنلەندى.

تەسىرى[تەھرىرلەش]

بۇ يىل تارقالغان ئېبولا يۇقۇمى يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇناسىۋەتلىك دورا ۋە ۋاكسىنىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇساپىسىنى تېزلەتتى. جۇڭگو، ئامېرىكا، كانادا،شۋېيتسارىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بەس-بەستە ۋاكسىنا تەتقىقات خىزمىتى ۋە كەينى-كەينىدىن كىلىنكىلىق سىناق باسقۇچىغا كىردى.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. ئىزدە قامۇسى