ئېددىنگتون

ئورنى Wikipedia

ئارتور ئېددىنگتون (1882 −1944) بىر ئۆمۈر بويتاق ياشاپ، خوتۇن ۋە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، بىراق قەيسەرانە روھ بىلەن ئېينىشتېين نىڭ «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى» نى تۇنجى قېتىم ئىسپاتلاپ، ئىنسانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى قالدۇردى، بۇ ھەقىقەت: «نيۇتون مېخانىكىسىغا ئوخشاش مۇشۇنداق شانلىق ئىلمىي ھۆكۈمنىمۇ مۇئەييەن دائىرىدىلا تەتبىقلىغىلى بولىدۇ، بولمىسا، خاتا خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئارتور ئېددىنگتون


دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1882-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1944-يىل

كەسپى :ئاسترونوم، فىزىكا ئالىمى، ماتېماتىك

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

ئېنگېلىزچە نامى :Arthur Stanley Eddington

شەخىسلەر ئانكىتى[تەھرىرلەش]

  ئېددىنگتون ئەنگلىيە نىڭ كېندال دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىنلا ياخشى تەربىيە كۆرگەن، 1905-يىلى ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نى پۈتكۈزگەن.

ياراتقان تۆھپىسى[تەھرىرلەش]

1916-يىلى ئېينىشتېين نىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ نەزەرىيە ئىنتايىن ئابستراكت، چۈشىنىش قىيىن بولغاچقا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسى سۇس بولغان. يەنە بۇ نەزەرىيەنىڭ نۇرغۇن خۇلاسىلىرى نيۇتون نىڭ فىزىكىسى بىلەن زىت بولغاچقا، ھەتتا بەزى ئادەملەرنىڭ قارشىلىقىنى پەيدا قىلغان. ئېددىنگتون ئەينى چاغدا نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئاز ساندىكى ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇنىڭغا ئەمەلىي كۆزىتىش ماتېرىياللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىلا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنى قايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئايان ئىدى. 1919-يىلى غەربىي ئافرىقىدا كۈن تولۇق تۇتۇلىدۇ، ئېددىنگتون كۈن تۇتۇلۇشنى كۆزىتىش ئەترىتىدىن ئىككىنى ۋاقتىدا تەشكىللەيدۇ ۋە ئۆزى بىر ئەترەتنى باشلاپ كۆزىتىشكە بېرىپ، ئېينىشتېين بېشارەت بەرگەن ھادىسىنى تۇنجى قېتىم بايقايدۇ. بۇ بايقاش ئىلىم-پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە شانلىق نۇرىنى چاچىدۇ.

ئېددىنگتوننىڭ تارىخ بېتىگە يېزىلىدىغان يەنە بىر نەتىجىسى قۇياشنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاتوم يادرو رېئاكسىيەسىدىن كېلىدىغانلىقىنى قىياس قىلغانلىقى. ئۇ كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: قۇياش مەركىزى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى  20 مىليون سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ھەر مىنۇت-سېكۇنتتا يۈز بەرگەن ھىدروگېن بومبىنىڭ پارتلىشىغا ئوخشايدىغان جەريان قۇياشنى تۈگىمەس نۇر ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. كېيىنكى تەتقىقاتلار ئېددىنگتوننىڭ پىكرى ئاساسەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى