ئېرنېست ھېمىڭۋاي

ئورنى Wikipedia

1954-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى-ئېرنېست ھېمىڭۋاي

Ernest Hemingway






ئېرنېست ھېمىڭۋاي (1899-1961) ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى، «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد» ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلىنىڭ بىرى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىكى ئىجادىي ئۇسلۇبى، پىشقان تىل ماھارىتى ۋە مول ھېسسىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇقىم ئورنىنى تىكلىگەن.

ھېمىڭۋاي ئامېرىكىنىڭ ئىللىنوئىس شتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى دوختۇر، ئانىسى سەنئەتخۇمار خرىستىئان مۇرىتى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا تەنتەربىيە، بېلىق تۇتۇش، ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق دالا پائالىيەتلىرىگە ئىشتىياق باغلىغان. 1917-يىلى ئۇ كانساس شەھىرىدە چىقىدىغان «يۇلتۇز گېزىتى»دە پراكتىكانت مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. يۇقىرى تەلەپلىك خەۋەر يېزىقچىلىقى ئۇنىڭ ئىخچام، راۋان ۋە جۇشقۇن بولغان تىل ئۇسلۇبىنىڭ شەكىلىنىشىگە پۇختا ئاساس سالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ھېمىڭۋاي ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئامېرىكا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى ھەيدىگەن. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا يارىلىنىپ دۆلىتىگە قايتقان. 1919-يىلى قىشتا، «تورۇنتو چولپىنى» گېزىتىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ، پارىژدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى ستېيىن، ئېزارا پوند ۋە ئېرىلاندىيىلىك يازغۇچى جامېس جويس قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان. ئۇلارنىڭ مەدەت بېرىشى ۋە ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا، 1922-يىلىدىن باشلاپ «ئاتلانتىك ئوكيان» ئايلىق ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

1923-يىلى تۇنجى توپلىمى «ئۈچ پارچە ھېكايە ۋە ئون پارچە شېئىر» نەشر قىلىنغان. 1924-يىلى ھېكايىلەر توپلىمى «بىزنىڭ دەۋرىمىزدە» نەشر قىلىنغان. 1926-يىلى تۇنجى رومانى «باھاردىكى دولقۇن» نەشر قىلىنغان.

بۇ ئەسەرلەردە ئۇ ئۆزىنىڭ بايان قىلىش سەنئىتى جەھەتتىكى كۈچلۈك تالانتىنى ۋە خاسلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلغان. بۇ مەزگىلدىكى بەزى ئەسەرلىرى، مەسىلەن، «بىزنىڭ دەۋرىمىزدە» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن «ئىندىئانلار لاگېرى» ناملىق ھېكايىسى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مەشھۇر ئەسەر بولۇپ قالغان. 1926-يىلى نەشر قىلىنغان «قۇياش يەنە چىقىدۇ» ناملىق رومانى ئۇنىڭ نامىنى چىقارغان تۇنجى مۇھىم رومانى بولۇپ، بۇ ئەسەردە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىر توپ ياشلارنىڭ ئىدىيە ۋە ئەخلاق كرىزىسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ تېڭىرقىغان ۋە زېرىكىشلىك روھىي دۇنياسى ئېچىپ بېرىلگەچكە، بۇ رومان «تېڭىرقىغان بىر ئەۋلاد» ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ قالغان.

1927-يىلى ھېمىڭۋاي ئامېرىكىغا قايتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، «بويتاق ئەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ توپلامدىكى ئەسەرلەردە ئۇ ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان بىر قاتار جەسۇر ئەرلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۇ ئافرىقىغا ئوۋ ئوۋلاشقا بېرىپ، ئەدەبىي خاتىرە «ئافرىقىنىڭ تېغى» ۋە ھېكايىلەر توپلىمى «كىلىمازارو تېغىدىكى قار» قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇ «كىلىمازارو تېغىدىكى قار» ناملىق ھېكايىسىدە رېئاللىق ۋە خام خىيال ئارىلىشىپ كەتكەن ئاڭ ئېقىمى ماھارىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئىسپانىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندا، ئۇ مۇخبىر بولۇپ بارغان ھەمدە مۇشۇ مەزگىلدە «بەشىنچى كالوننا»(1938-يىل) ناملىق سېنارىيىسىنى ۋە «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى»(1939-يىل) ناملىق رومانىنى نەشر قىلدۇرغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ رومانمۇ ھېمىڭۋاينىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ھېمىڭۋاي مۇخبىر سۈپىتىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ فاشىزمغا قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇرۇشتىن كېيىن كۇبادا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1950-يىلى «دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانلىققا كىرىش» ناملىق رومانىنى نەشر قىلدۇرغان، لېكىن بۇ ئەسەر تازا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقمىغان. 1952-يىلى ئۇنىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق پوۋېستى ئېلان قىلىنىپ، قاتتىق زىلزىلە قوزغىغان. 1954-يىلى شۋېتسىيە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش كومىتېتى «ھېمىڭۋاينىڭ ھازىرقى زامان بايان سەنئىتىگە پىشقان يېزىقچىلىق ماھارىتى ئۇنىڭ يېقىنقى ئەسىرى ‹بوۋاي ۋە دېڭىز›دا گەۋدىلىك ئىپادىلىگەنلىكى ھەمدە بۇ ئەسەرنىڭ زامانىۋى ئۇسلۇب جەھەتتە ئوينىغان رولىنىڭ تەسىرىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن» ئۇنىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى بەرگەن.

ئېرنېست ھېمىڭۋاينى كىشىلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەۋەككۈلچى ۋە جەسۇر خاراكتېرىنى ئۆزىدە ئىپادىلىگۈچى، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل روھ ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرىگە سىڭىپ كەتكەن. ھېمىڭۋاينىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنى ئەسەر ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئادەمنى چەكسىز ئويغا باشلايدۇ.