ئېغىرلىق ئۆلچىمى

ئورنى Wikipedia

ئېغىرلىق ئۆلچىمى

ئېغىرلىق ئۆلچىمى بويىچە ئەجدادلىرىمىز <فۇڭ>، <مىسقال>، <سەر>، <تاتىم (جىڭ)>، شىڭ، <كۈرە>، <ئىشيەك>، <چارەك>، <تاغار> نى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى قىلىپ كەلگەن. بۇ ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىچىدە فۇڭ، مىسقال، سەر، جىڭ بىرلىككە كەلگەن ئورتاق بولۇپ، فۇڭ ئەڭ كىچىك بىرلىك، جىڭ ئەڭ چوڭ بىرلىك ئۆلچىمى ھېسابلىنىپ كەلگەن. ئالتۇن، كۈمۈش، تېۋىپ دورىلىرىنى ئۆلچەشتە فۇڭ، مىسقال، سەر، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆلچەشتە مىسقال، سەر، جىڭ ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىپ كەلگەن. <سەر> جىڭدىن قانچىلىك ئارتۇق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈپ سان، مۇرەككەپ سان ئاخىرىغا <سەر>، <جىڭ> سۆزىنى قوشۇپ ئىپادىلەپ كەلگەن. مەسىلەن، <ئالتە سەر>، <ئاتمىش سەر> (ئالتۇن)؛ <بەش جىڭ>، <بەشيۈز جىڭ> بۇغداي. 

<شىڭ>، <كۈرە>، <چارەك>، <تاغار> پەقەت ئاشلىقنىڭلا جىڭدىن يۇقىرى ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، <سەر>، <جىڭ> دەك بىرلىككە كەلمىگەن، مەسىلەن، بىر <شىڭ> تۆت جىڭ، بەش <شىڭ> (بەزى جايدا ئون شىڭ) بىر كۈرە؛ بىر <چارەك> ئون ئالتە جىڭ (بەزى جايلاردا ئون سەككىز جىڭ). بىر <ئىشيەك> تۆت جىڭ، تۆت <ئىشيەك> بىر چارەك؛ ئالتە چارەك بىر <تاغار>، بىر تاغار يۈز جىڭ ھېسابلىنىپ كەلگەن. خەلق ئىچىدىكى <چارەك - ئىشيەك>< (بىر تاغار) گەپ> دېگەن ئادەت تىل مۇشۇ <ئىشيەك>، <چارەك>، <تاغار> دېگەن سۆزدىن ئاڭلىنىدىغان <كۆپ> مەنىسى ئاساسىد شەكىللەنگەن. 

يۇقىرىدا ئېيتىلغان <فۇڭ>، <جىڭ> سۆزى خەنزۇچىدىن قوبۇل قىلىنغان. <جىڭ> بۇرۇن ئۇيغۇرچە <تاتىم> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئۇنتۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ پېئىل شەكلى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، <تاتماق> (بىر جىڭ تارتىپ بېرەي). گرام، كىلوگرام، توننا، دادەن، دەن قاتارلىق سۆزلەر خەنزۇچە ۋە خەلقئارا تىلدىن قوبۇل قىلىنغان.