ئېكسون موبىل شىركىتى

ئورنى Wikipedia

ئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولغان يېڭى جېرسى ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتى 1882-يىلى داڭلىق يەھۇدى مالىيە دوكاسى يوھان روك فېللىر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلىپىدە ئۆي-مۈلۈك، پولات تۆمۈر ۋە پۇل-مۇئامىلە، نېفىت قېزىش قاتارلىق ئۇنۋېرسال كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان، بولسىمۇ كېيىنكى يىللاردا ئىزچىل نېفىت ساھەسىگە قاراپ تەرەققى قىلىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ نېفىت پىششىقلاش ۋە پارچە سېتىش ساھەسىدىكى ماگىنات بولۇپ قالدى. 1911-يىلى ئامېرىكا فىدىراتسىيە سوتى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ روك فېللىر مالىيە گۇرۇھىنى پارچىلىۋەتكەندىن كېيىن شىركەتنىڭ ئاساسلىق نېفىت پىششىقلاش ۋە سېتىش گەۋدىسى 1920-يىلى تېكساس نېفىتلىكىگە ئېرىشىپ شىركەت تارىخىدا زور بۇرۇلۇش نۇقتىسى ياسىدى، 30-يىللاردا ھىندونوزىيىدە نېفىتلىك ئېچىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 50-يىللاردىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ ئافرىقا رايونىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ سىقىپ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ ئافرىقىغا قارىتىلغان پاراۋانلىق سىياسەتلىرى ئارقىلىق يەرلىك كۈچلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاستا-ئاستا شەرقى ۋە غەربى ئافرىقىدىكى نېفىتلىكلەرگە ئېرىشىپ تۈز سىزىق شەكلىدە تەرەققى قىلدى. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتى ئىزچىل تۈردە شىركەتنىڭ كوزىرلىق ئۈستۈنلىكى بولغانلىقتىن 50-يىللاردىن 70-يىللارغىچە يېڭى جېرسى ئۆلچىمى شىركىتى ھەر تۆت يىلدا مەبلىغىنى بىر قاتلاپ تەرەققى قىلىپ ماڭدى. 70-يىللاردىن كېيىنكى نېفىت كىرزىسىدىن كېيىن شىركەت زور كۈچ بىلەن نېفىت بۇرغىلاش، توشۇش ۋە پىششىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك ماشىنا، تۇرۇبا، ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ بازارغا سېلىپ نېفىت ساھەسىدە كىملا نېفىت ساتسا يېڭى جېرسى ئۆلچىمى شىركىتىگە پۇل تېپىپ بېرىدىغان ئەندىزىنى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندۈردى. 1972-يىلى شىركەت نامىنى ئېكسون شىركىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن توختىماي باشقا شىركەتلەرنى قوشۇۋېلىپ، 1989-يىلىغا كەلگەندە 60-يىللاردا قۇرۇلۇپ روناق تاپقان يەنە بىر كونا شېرىكى موبېل نېفىت شىركىتىنى قوشۇۋېلىپ ئېكسون موبىل شىركىتى دەپ ئاتالدى ۋە 2005-يىلىغا كەلگەندە 328مىلىيارت 210مىلىيۇن دوللارلىق يىللىق تىجارەت سوممىسى بىلەن دۇنيا بويىچە يىللىق تىجارەت سوممىسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، 208مىلىيارت دوللار مەبلەغگە ئىگە دۇنيا نېفىت ساھەسىنىڭ ماگىناتىغا ئايلاندى.