ئېلېكترونلۇق نەشر

ئورنى Wikipedia

epub؛ (electronic publication نىڭ قىسقارتىلمىسى) خەلقئارالىق رەقەملىك نەشر مۇنبىرى (IDPF) نىڭ ئەركىن، ئوچۇق مەنبەلىك ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئۆلچىمى بولۇپ، كېڭەيتىلگەن نامى. epub قۇرۇلما جەھەتتىن مەزمۇن html ھۆججەت شەكلىدە ساقلىنىپ zip پىرېس ھۆججىتى شەكلىدە پىرېسلانغان ھالەتتە بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئىچىدە xml فورماتىدىكى سەپلىمە ھۆججەتلىرىمۇ بار.

چۈشەنچە [تەھرىرلەش]

epub؛ (electronic publication نىڭ قىسقارتىلمىسى) خەلقئارالىق رەقەملىك نەشر مۇنبىرى (IDPF) نىڭ ئەركىن، ئوچۇق مەنبەلىك ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئۆلچىمى بولۇپ، كېڭەيتىلگەن نامى. epub قۇرۇلما جەھەتتىن مەزمۇن html ھۆججەت شەكلىدە ساقلىنىپ zip پىرېس ھۆججىتى شەكلىدە پىرېسلانغان ھالەتتە بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئىچىدە xml فورماتىدىكى سەپلىمە ھۆججەتلىرىمۇ بار.

ئەينى ۋاقىتتا ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ھۆججەت فورماتىغا adobe شىركىتىنىڭ PDFھۆججەت فورماتى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپىيىشى، مەخسۇس كىتاب ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئېلكىتاب ياساش بىر ئاۋارىچىلىق مەسىلىگە ئايلانغان. يەنى ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېكران ئېنىقلىقى، چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، بىر كىتابنىڭ نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان رازمىردىكى نەشرىنى ئىشلەشكە توغرا كەلگەن. بۇ ئاۋارىچىلىقلارنى تۈگىتىش، كىتاب ھۆججىتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەر ئوخشاش بولمىغان بەتلەرگە بۆلۈنۈپ نورمال كۆرۈنۈش، شۇنداقلا PDF ھۆججەت فورماتىغا ئوخشاش رەسىم، تېكىست قاتارلىق مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئېھتىياجنى قانەئەتلەندۈرەلەيدىغان ھۆججەت فورماتى ياساشقا توغرا كەلگەن.

تەرەققىياتى[تەھرىرلەش]

2007-يىلى سېنتەبىردە خەلقئارالىق رەقەملىك نەشىر مۇنبىرى (IDPF) EPUB ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى.

2009-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ مەزكۇر ئۆلچەمگە قارىتا ئەلالاشتۇرۇش، يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ 2010-يىلى ئاپرېلدا EPUB 2.0.1 نەشرىنى روياپقا چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى داۋاملىق تۈردە بۇ ئۆلچەمدىكى مەسىلىلەرنى بايقاپ ۋە تۈزىتىپ، 2010-يىلى 12-نويابىردا EPUB 3 نەشرىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى، 2011-يىلى 15-فېۋرالدا ئاممىۋىي نۇسخىسىنى ۋە 2011-يىلى 10-ئۆكتەبىردە EPUB 3 نىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى چىقاردى.

ePub ھۆججەت فورماتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىنلا چوڭ ئېلېكتىرون، نەشىر بۇيۇملىرى شىركەتلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا sony، iRex ،IRiver قاتارلىق شىركەتلەر ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سىياھ تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن مەخسۇس كىتاب ئوقۇغۇچلىرىغا ePub فورماتىدىكى ئېلكىتابلارنى ئوقۇش ئىقتىدارىنى قوشقان.

iOS ,Android مەشغۇلات سىستېمىلىق يان تېلېفون، پەدلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئۈسكۈنىلەر ئۈستىدە ePub ئېلكىتاب ھۆججىتى ئوقۇيدىغان ئەپلەرمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنداقلا توردا ePub فورماتىدىكى كىتاب ھۆججەتلىرىمۇ سان جەھەتتە خېلى سالماقنى ئىگىلىگۈدەك دەرىجىدە كۆپىيىشكە باشلىدى.

ياسىلىشى[تەھرىرلەش]

ePub ھۆججەت فورماتىنىڭ ئوچۇق ئۆلچەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنى كىڭەيتىش بىلەن بىللە ePub ھۆججىتى ياسايدىغان نۇرغۇن ھەقسىز ۋە ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان.

ePub ھۆججەت ئوقۇغۇچ[تەھرىرلەش]

ePub فورماتتىكى ئېلكىتاب ئوقۇيدىغان يۇمشاق دېتاللار ھەممىلا مەشغۇلات سىستېمىسىدا بار بولۇپ كومپيۇتېردا ئىشلىتىدىغانلىرىدىن Adobe digital editions،calibre قاتارلىقلار بار.

Android مەشغۇلات سىستېمىسىدا Aldiko،coolreader،FbReader،google books، sony reader، بىلكان «ئېلكىتاب» قاتارلىقلار بار. iOS مەشغۇلات سىستېمىسىدا iBook بار.

ePub ھۆججىتى ياساش[تەھرىرلەش]

گەرچە ePub ئوقۇيدىغان ئۈسكۈنە، يۇمشاق دېتاللار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ ئەمما توردا ePub فورماتىدىكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلار تولىمۇ ئاز. چۈنكى، كۆپىنچە كىشىلەر بۇ يېڭى ئېلكىتاب ھۆججەت فورماتىدىن خەۋەرسىز.

ئالاقىدار مەزمۇن[تەھرىرلەش]

Windows مەشغۇلات سىستېمىسىداePub ئېلكىتاب ياسايدىغان يۇمشاق دېتاللاردىن adobe indesigne، calibre، sigil،Atlantis Word Processor، Anthemion eCub قاتارلىقلار بار.

تۆۋەندە Anthemion eCub دە ئېلكىتاب ياساش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

1. دەسلەپكى قەدەمدە ياسىماقچى بولغان كىتابنىڭ مەزمۇنىنى باب ياكى بۆلەكلەر بويىچە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلەكنى ئايرىم- ئايرىم بىردىن txt ھۆججەت قىلىپ، بىر مۇندەرىجىگە ساقلىۋالىمىز. ھۆججەتنى ساقلىغاندا كودلاش شەكلىنىڭ UTF-8 بولۇشىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

2. Anthemion eCub نى قوزغىتىپ، يېڭىدىن قۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.

3. يېڭىدىن قۇرۇش كۆزنىكىدە كىتاب نامى ۋە ئاپتورى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرىمىز.

4. مەزكۇر كىتابنىڭ ھەرقايسى بابلىرىنى ئايرىپ، ساقلىغان مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.

5. مەزكۇر مۇندەرىجىدىكى txt ھۆججەتلەردىن ئېلىشنى تاللاپ بېرىمىز.

6. تاللايدىغان ھۆججەت شەكلى، ھاسىل قىلىدىغان ماۋزۇسى قاتارلىقلارنى تاللاپ بېرىمىز. كودلاش شەكلىدىن چوقۇم UTF-8 نى تاللىشىمىز كېرەك.

7. مەزكۇر مۇندەرىجىدىكى كىتابقا قوشىدىغان .txt ھۆججەتلەرنى تاللاپ بېرىمىز.

8. كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ رەسىمىنى ياساپ بېرىمىز.

9. ئاندىن ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك، بابلارنىڭ تەرتىپىنى بەلگىلەپ بېرىمىز. زۆرۈر بولسا ماۋزۇ ۋە ھۆججەت ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ بەرسەك بولىدۇ. ئۆزگەرتىپ بولغاندىن Compile نى بېسىپ ئېلكىتاب ھاسىل قىلىمىز.

مەزكۇر ئېلكىتاب ياساش يۇمشاق دېتالى ئىنگلىزچە يۇمشاق دېتال بولغاچقا، مۇندەرىجە بېتىدە كۆرۈنىدىغان «مۇندەرىجە» دېگەن سۆز ئىنگلىزچە «contents» دەپ ئېلىنىپ قالغان. تۆۋەندىكى مەشغۇلات شۇ سۆزنى ئۇيغۇرچە «مۇندەرىجە» دېگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇش جەريانىدىن ئىبارەت.

10. يېڭى قۇرۇلغان ئېلكىتابنىڭ فورماتىنى. zip قا ئۆزگەرتىپ يەشسەك، ئۇنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكىدەك ھۆججەتلەرگە ئېرىشىمىز.

11. بۇ ھۆججەتلەر ئىچىدىكىtoc.ncx ۋە TableOfContents.html نى ئېچىپ ئۇنىڭدىكى Table Of Contents دېگەن سۆزنى «مۇندەرىجە» دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن ZIP ھالەتتە پىرېسلاپ، فورماتىنى. epub قا ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ.