ئېينىشتىيىننىڭ 9 چوڭ مەخپىيەتلىكى

ئورنى Wikipedia

ئالبېرت ئېينىشتىيىن 1870-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك تۆھپىلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى «تالانت ئىگىسى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىداش سۆزىگە ئايلاندۇرغان.

ئېينىشتىيىن 1905-يىلدىن باشلاپ بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ھەمدە نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە ئادەتتىكى نەزەرىيەلەر ئارقىلىق كىلاسسىك فىزىكا ئىلىمىنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىيلىدى. بۇ ئالىملارنىڭ بوشلۇق، ۋاقىت قارىشى ۋە ئېغىرلىق كۈچى، ئېنېرگىيە قاتارلىقلارغا ئائىت بارلىق چۈشەنچىلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.

تۆۋەندە 200-ئەسىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ئالىم ئېينىشتىيىننىڭ ئاشكارىلانمىغان توققۇز مەخپىيەتلىكىنى بىرلىكتە كۆرۈپ ئۆتەيلى.

1.ئېينىشتىيىن ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئىشلىيەلمەيدىغان ماتېماتىكا مەسىلىلىرى يوق ئىدى

ئىلگىرى بىر خەۋەردە ئېينىشتىيىننىڭ باشلانغۇچتىكى ماتېماتىكا نەتىجىسى ناھايىتى ناچار دېيىلگەن. بىراق ئېينىشتىيىن بۇ خەۋەر ناھايىتى بىمەنە ھەم كۈلكىلىك، دېگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ 15 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇنلا ئالىي دەرىجىلىك ماتېماتىكا ئىلىمىنى ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ 15 يېشىدا ئوقۇشتىن چېكىنىپ گېرمانىيەدىن كەتتى، شۇ ئارقىلىق گېرمانىيەدە مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇشتىن ساقلاندى. بۇندىن بۇرۇن ئۇ ئىزچىل ھالدا سىنىپتىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ تېماتىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەردە ھەل قىلالمايدىغان مەسىلىلىرى يوق ئىدى.

2. ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ تەقدىرى ھازىرغىچە سىر

ئېينىشتىيىن 1896-يىلى گېرمانىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كېچىپ شىۋېيتسارىيەگە كەلدى ھەمدە شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەلىك تېخنىك ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى. بۇ يەردە ئۇ سېربىيەلىك فىزىكا ئالىمى Mileva Maric بىلەن مۇھەببەت دېڭىزغا غەرق بولدى.

بۇ ئىككىيلەن كېيىن توي قىلدى ھەمدە ئىككى ئوغۇل، بىر قىز جەمئىي ئۈچ پەرزەنتلىك بولدى. بىراق ئېينىشتىيىن ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئۇ قىزىنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان. ئېينىشتىيىننىڭ تەرجىمىھالىنى يازغۇچى ھەتتا ئۇنىڭ قىزى بارلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ قىزىنىڭ تەقدىرى ھازىرغىچە ئېچىلمىغان سىر.

3. ئاددىي بىر مەمۇرىي خادىم ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تۆت پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان

ئېينىشتىيىن شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەلىك تېخنىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىۋېيتسارىيە پاتېنت ھوقۇقى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ناھايىتى راھەت خىزمەت ئىدى، ئۇ كۈندە نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى تاماملايتتى، ئاندىن ئېشىپ قالغان ۋاقىتتا يېزىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇراتتى.

19055-يىلى ئۇنىڭ «مۆجىزىلىك يىلى» دەپ ئاتالدى. تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مەمۇرىي خادىم تۆت پارچە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ داڭلىق تەڭلىمىسى E = mc2 ۋە تار دائىرىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

4. ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئاجرىشىش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئايالىغا بېرىۋەتكەن

1910-يىلى ئېينىشتىيىن بىلەن ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى Mileva Maricc نىڭ نىكاھى بۇزۇلدى. ئۇ ئۆزى يالغۇز ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ بېرلىنغا كۆچۈپ كەلدى. 1919-يىلى ئۇلار رەسمىي ئاجراشتى.

ئېينىشتىيىن ئاجرىشىش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئايالىغا ئۆزىنىڭ ھەر يىللىق مائاشىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى بۆلۈپ بېرىشكە قوشۇلدى ھەمدە كەلگۈسىدە ئۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ مۇكاپات سوممىسىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ماقۇل بولدى. ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنەتتى.

ئېينىشتىيىن بۇ شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئاندىن ئاجرىشىشقا قوشۇلدى. 1922-يىلى ئېينىشتىيىن ھەقىقەتەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بىراق مۇكاپات سوممىسى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ تۇنجى ئايالىغا تەۋە بولدى.

5. كۈن تۇتۇلۇش ئېينىشتىيىننىڭ نامىنى دۇنياغا تاراتقان

1915-يىلى ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ كەڭ دائىرىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: زامان ۋە ماكان قۇرۇلمىسىنىڭ ئېغىشىنى تارتىش كۈچى مەيدانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ نەزەرىيە ئەينى ۋاقىتتىكى فىزىكا قانۇنىيىتىگە قارىتا دادىللىق بىلەن جەڭ ئېلان قىلىش ھېسابلىناتتى. شۇڭلاشقا بۇ نەزەرىيە 1919-يىلى قاتتىق تالاش تارتىش قوزغىدى.

ئېينىشتىيىننىڭ بۇ نەزەرىيەسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەنگلىيە ئاسترونومىيە ئالىمى ئارتور ئېدىنتون غەربىي ئافرىقا دېڭىز بويىغا بېرىپ دېڭىز بويىدا كۈن تۇتۇلۇشنى سۈرەتكە ئالدى. ئۇ بۇ رەسىملەرنى ئانالىز قىلغان ۋاقىتتا قۇياش ئېغىرلىقىنىڭ نۇرنىڭ ئېغىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇ دەل كەڭ دائىرىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيەسىدىكى مۆلچەر بىلەن ئوخشاش ئىدى.

بۇ خەۋەر ئېينىشتىيىننى بىراقلا داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇردى. ھەرخىل گېزىتلار ئېينىشتىيىننى نىيۇتوننىڭ ۋارىسى، دەپ ئاتىدى.

6. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇنى نەچچە 10 يىل مەخپىي كۆزەتكەن

1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئېينىشتىيىن بېرلىندىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى ھەمدە يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلدى.

ئۇنىڭ تىنچلىق ئېقىمى، پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سولچىللىق ئىشلىرىنى قوللىشى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۇنى 22 يىل مەخپىي نازارەت قىلدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېينىشتىيىننىڭ پوچتا ساندۇقىغا ئوغرىلىقچە كىردى ھەمدە ئۇنىڭ دۆلەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش سۇيىقەستى پىلانلىغانلىقى ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماقچى بولدى. ئېينىشتىيىن ۋاپات بولغانغا قەدەر FBI نىڭ ئېينىشتىيىن توغرۇلۇق توپلىغان ھۆججەتلىرى 1800 بەتكە يەتكەنىدى.

7. ئېينىشتىيىن ئاتوم بومبىسى ياساشقا تۈرتكە بولغان، كېيىن يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ئېقىمىنىڭ قوللىغۇچىسىغا ئايلانغان

20-ئەسىرنىڭ 300-يىللىرىدا ئېينىشتىيىن گېرمانىيە ئالىملىرىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقماقچى بولغانلىقىنى بىلگەن. «قىيامەت قورالى»نىڭ ناتسىستلارنىڭ قولىدا رېئاللىققا ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ تىنچلىق ئېقىمى پىرىنسىپىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ھەمدە ۋېنگىرىيە فىزىكا ئالىمى Szilard نى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە فىرانكلىن روزۋېلت زۇڭتۇڭدىن ئاتوم بومبىسى تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

گەرچە ئېينىشتىيىن مانخاتتون پىلانىغا بىۋاسىتە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىلىرىنى ياساشتا ئازدۇر كۆپتۇر ئوينىغان رولىدىن ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ئاتوم بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىيالمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىزمۇ بۇ پىلانغا قاتناشمىغان بولاتتىم.» كېيىن ئۇ يادرو قوراللىرىنىڭ قىسقارتىشنى پائال تەشەببۇس قىلدى.

8. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىنغان

ئېينىشتىيىن يەھۇدىي زېئونىزمچى ئەمەس ئىدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ پىرىزدىنتى 1952-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. بىراق 73 ياشلىق بۇ بوۋاي بۇ شان شەرەپنى سىلىق سىپايىلىك بىلەن رەت قىلدى. ئېينىشتىيىن ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىگە يازغان خېتىدە مۇنداق دېدى: «مەن پۈتۈن ھاياتىمدا ئوبيېكتىپ نەرسىلەر بىلەنلا ھەپىلىشىپ كەلدىم. مېنىڭ خەلق ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىم ۋە تەجرىبەم ناھايىتى كەمچىل.»

9. ئېينىشتىيىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى ئوغرىلانغان

ئۇ 1955-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق ناھايىتى غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى. پىرىنستون ئالىمى توماس شاۋى ئۇنىڭ جەسىتىنى يارغان چاغدا ئۇنىڭ مېڭىسىنى كېسىۋېلىپ ئوغرىلىقچە ساقلاپ قويدى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئېينىشتىيىننىڭ تەڭداشسىز تالانتىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىماقچى بولدى.

توماس ئېينىشتىيىننىڭ ئوغلىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ چوڭ مېڭىنى پارچىلىدى ھەمدە ئالىملارنىڭ تەتقىقات قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

1999-يىلى كانادادىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقات ئەترىتى بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى ھەمدە ئېينىشتىيىننىڭ مېڭە ياپراقچىسىدا غەلىتە ئېرىقچىلار بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى، بۇنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ماتېماتىكا ۋە بوشلۇق ئىقتىدارىغا ئالاقىدار قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەنبە: نۇر تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى