ئەبۇ تەلھە
كۆرۈنۈش
| ئەبۇ تەلھە ئەلئەنسارىي | |||||
|---|---|---|---|---|---|
| تۇغۇلۇش | ھ. بۇرۇن 36 / م. 589 | ||||
| ۋاپاتى | ھ. 34 / م. 655 | ||||
ئەبۇ تەلھە ئەلئەنسارىي (أبو طلحة الأنصاري) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: زەيد ئىبنى سەھل ئەلئەنسارىي. (ھ. بۇرۇن 36 – ھ. 34 / م. 589 – 655) ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتىگە ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان شىجائەتلىك، مەرگەن ساھابە. ئۇھۇد ۋە ھۇنەين غازاتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا سەباتلىق بىلەن تۇرغان زات.