ئەتىرگۈل ئۇرۇشى

ئورنى Wikipedia

ئەتىرگۈل ئۇرۇشى 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيەدە پارتىلىغان بىر قېتىملىق فېئودال ئىچكى ئۇرۇشىدۇر.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :ئەتىرگۈل ئۇرۇشى


ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار :يورك كېنەزى رىچارت بىلەن لانكاستېر سۇلالىسىدىكى

ئورنى :ئەنگلىيە

ۋاقتى :1455-يىلى __ 1485-يىلى/ 1487-يىلى

تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى[تەھرىرلەش]

4پارچەئەتىرگۈل ئۇرۇشى15-ئەسىردە ئەنگلىيەنىڭ فېئودال زېمىن ئىقتىسادى پەيدىنپەي خارابلاشتى، چوڭ فېئودال ئاقسۆڭەكلەر تالان-تاراج قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا فرانسىيەگە يۈرۈش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان 100 يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق يېڭى يەر-زېمىنغا ۋە مال-دۇنياغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. 1399-يىلى تەختكە چىققان لانكاستېر سۇلالسى بۇ بىر تۈركۈم چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سىياسىي قورالى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە 100 يىللىق ئۇرۇشتا ئەنگلىيە قاتتىق مات بولدى. چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇستەبىتلىكى، دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قېلىشى يېڭى گۈللەنگەن ئاقسۆڭەكلەر، بۇرژۇئازىيىسەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار ئۈمىدىنى يونكېرىس جەمەتىنىڭ تەختكە چىقىشىغا باغلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن 1455-يىلىدىن ئېتىبارەن ئەنگلىيە پادىشاھ قەسىرىدىكى لانكاستېر جەمەتى بىلەن يورك جەمەتى باشچىلىقىدىكى ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدا تەخت تالىشىش يۈزسىدىن 30 يىل داۋاملاشقان فېئوداللارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشى پارتىلىدى. لانكاستېر ئائىلىسى قىزىل ئەتىرگۈلنى، يورك جەمەتى ئاق ئەتىرگۈلنى جەمەت بەلگىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇرۇش تارىختا «ئەتىرگۈل ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى. ئۇرۇش داۋامىدا ئاساسەن ئىقتىسادىي ئارقىدا قالغان شىمالىي رايۇندىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەر لانكاستېر جەمەتى تەرەپتە تۇردى، ئاساسەن ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان جەنۇبىي رايۇنلاردىكى فېئۇدال ئاقسۆڭەكلەر ۋە يېڭى گۈللەنگەن ئاقسۆڭەكلەر بىلەن بۇرژۇئازىيە يورك جەمەتى تەرەپتە تۇردى.

جەريانلىرى[تەھرىرلەش]

6پارچەئەتىرگۈل ئۇرۇشى1455-يىلى 5-ئايدا يورك كېنەزى رىچارت بىلەن لانكاستېر سۇلالىسىدىكى ھېنرى Ⅵ ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى قېتىملىق قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا رىچارت قوشۇنى غەلبە قىلدى. 1460-يىلى 7-ئايدا يورك تەرەپدارلىرى شىمالىي ئامپتون جېڭىدە غەلبە قىلدى. بىراق، شۇ يىلى 12-ئايدا ۋېنگفېرد شەھىرىدە يورك قوشۇنى مەغلۇپ بولدى، رىچارت ئۆلتۈرۈلدى. ئىككىنچى يىلى رىچارتنىڭ چوڭ ئوغلى ئېدۋارد يېڭىۋاشتىن سەپ تۈزۈپ لوندوننى ئىشغال قىلدى ھەمدە ھېنرى Ⅵ نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزى تەختكە ئولتۇرۇپ، پادىشاھ بولدى ۋە ئۆزىنى ئېدۋارد Ⅵ دەپ ئاتىدى. ھېنرى Ⅵ لوندون مۇنارى ئىچىگە نەزەربەنت قىلىندى ۋە كېيىن مۇشۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئىدۋارد Ⅵ دەسلەپتە چوڭ ھوقۇقنى ۋارۋىك گرافقا بەرگەنىدى. كېيىن ۋارۋىكنىڭ ھوقۇقىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئاجىزلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ۋارۋىك لانكاستېر گورۇھىدىكى مارگارېت خانىش بىلەن يارىشىپ 1470-يىلى قوشۇن باشلاپ كېلىپ لوندوننى ئىشغال قىلدى. ئۇرۇشتا يېڭىلىپ چىقىپ كەتكەن ئىدۋارت Ⅵ ئىككىنچى يىلى قوشۇن باشلاپ قايتىپ كېلىپ، بانېتتا لانكاستېر قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋارۋىكنى ئۆلتۈردى ھەمدە مارگارېتنى ئەسىر ئالدى. لانكاستېر جەمەتىدىكىلەر پۈتۈنلەر قەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت مىراسخورلۇق قانۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يىراق تۇغقىنى رېچموند فرافى، ھېنرى، روئودىزلار فرانسىيەگە سەرگەردان بولۇپ بېرىۋالدى.

1483-يىلى ئىدۋارد Ⅵ كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىدۋارد Ⅴ تەختكە ۋارىسلىق قىلدى، بىراق ئۇنىڭ ئىنىسى چارلىز نائىبلىق قىلدى. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي رىچارت تەختنى تارتىۋېلىپ ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالدى. بۇنىڭ بىلەن يورك ئائىلىسىدىكى ئىدۋارد Ⅴ نىڭ ھىمايىچىلىرى ئۆزىنى لانكاستېر جەمەتىدىكى تەخت ۋارىسى دەپ ئاتىۋالغان ھېنرى تۇدۇر بىلەن بىرلىشىپ ئەسكەر تارتىپ كېلىپ، رىچارت بىلەن قارشىلاشتى. 1485-يىلى 8-ئايدا ئىككى تەرەپ ئەنگىلىيىدىكى بوسۋوس جېڭىدە رىچارت قازا قىلدى- دە، يورك سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى. ھېنرى تۇدۇر تەختكە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅶ دەپ ئاتاپ، دوئودىز سۇلالىسىنى بەرپا قىلدى. ئارقىدىنلا ئۇ ئىدۋارد Ⅵ نىڭ چوڭ قىزى ئېلزابىتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بەلگىسىدە قىزىل ئەتىرگۈل بىلەن ئاق ئەتىرگۈلنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇشقا خاتىمە بەردى.

تەسىرى[تەھرىرلەش]

ئەتىرگۈل ئۇرۇشىئەتىرگۈل ئۇرۇشىدا ئىككى فېئودال جەمئىيەت تەڭلا يوقالدى. زورې تۈركۈمدىكى كونا فېئودال ئاقسۆڭەكلەر بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىش جەرياندا ئۆلدى ياكى ئۆلتۈرۈلدى. بىراق يېڭى گۈللەنگەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋە بۇردۇئازىيىنىڭ كۈچى ئۇرۇش جەريانىدا تېز ئۇلغايدى. ئۇلار تۇدور سۇلالىسى يېڭى ئورناتقان قۇدرەتلىك پادىشاھ مۇستەبىتلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي تۈزۈلمىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى. بۇ مەندىن ئېيتقاندا ئەتىرگۈل ئۇرۇشى ئەنگلىيە مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈلمىسى ئورنتىلىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە بولۇپ ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى