ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى

ئورنى Wikipedia

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن يەنە ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭدىن:

− بىر قىسىم كىشىلەر دۆلىتىمىزگە ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسىنى كىرگۈزۈشتىن قاچىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ −، دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:

− سەرمايىنىڭ بىر دۆلەتتىن چىقىپ، يەنە بىر دۆلەتكە كىرىشى بەئەينى قاننىڭ بىر جانلىقتىن ئېلىنىپ، يەنە بىر جانلىققا سېلىنىشىغا ئوخشايدۇ. سەرمايە بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قېنى ھېسابىلىنىدۇ. سەرمايىسىز بىر دۆلەتنىڭ قانسىز تەندىن پەرقى بولمايدۇ. بۇ تەنگە ئىقتىسادىي قان يۆتكەش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قېنىغا، يەنى سەرمايىسىگە موھتاج بولىدىغان گەپ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىقتىسادىي كىرزىسقا پاتقان ۋەتىنىمىزنىڭ قانسىز قالغان تومۇرلىرىغا ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى سېلىنسا، بۇ سۆيۈملۈك ۋەتەن قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.

مەن دەرھال سۆز قىستۇرۇپ مۇنداق ئېتىراز بىلدۈردۈم:

− ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسىنىڭ ھېچقانداق سەلبىي تەرىپى يوقمۇ؟

− ئەگەر سىياسىي شەرتلەر بىلەن دۆلىتىمىزگە كىرمەكچى بولسا، ئەلۋەتتە بار.

ھازىر بۇنداق شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر تۈرك ھۆكۈمىتى يوق. سەرمايىنىڭ، مەنبەسى ھۆكۈمەتكە تۇتىشىدىغان نامسىز شىركەتلەر سۈپىتىدە كېلىشى توغرا ئەمەس. دۆلىتىمىزدە ئىش قىلىدىغان بارلىق نامسىز شىركەتلەر مەلۇم بىر تۈرك شىركىتى بولۇشى كېرەك.

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا سەرمايىدە ئەنسىرەيدىغان ئىش چەتئەللىكلەرگە بېرىلگەن ئىمتىياز ئىدى. ئەمما ھازىر سەرمايە زىيان سالىدىغان دەرىجىدە چەتئەللىكلەرگە ئىمتىياز بېرىدىغان ئىش يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسىدىن قورقمىساقمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى ۋەيران قىلىنغان دۆلىتىمىزگە كىرسە، گوياكى يامغۇرلۇق بۇلۇتلاردەك دۆلىتىمىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن جانلاندۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى بىر قان شورىغۇچى پارازىتقا ئوخشايدۇ. جانلىق پارازىتلارغا ئوخشاش، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي پارازىتلارمۇ بار. لېكىن ئۇلارغا نىسبەتەن بىزمۇ پارازىتقا ئوخشايمىز. دۆلىتىمىز ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى بىلەن قوش تەرەپلىك پارازىتنىڭ رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن يەنە بەزى ئىپتىدائىي ھايۋانلار بىر – بىرىنىڭ پارازىتلىرى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال «ئورتاق ياشاش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى بېقىپ، بىللە ياشايدۇ.

پارازىت ھەر دائىم زىيانلىق نەرسىمۇ ئەمەس. تەبىئەتنىڭ تارىخى تەتقىق قىلىنسا، پارزىتلار ئىچىدە قېنىنى شورىغان ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكلەرگە پايدىلىق بولغانلىرىمۇ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالنى مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس دۇركېيم «قوش تەرەپلىك پارازىتلىق» دەپ ئاتايدۇ.

قوش تەرەپلىك پارازىتلىق بىر – بىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى بىرى يەنە بىرىگە قىلغان ياردەمنىڭ مۇكاپاتىنى ئالغان بولىدۇ. بۇ تىپتىكى پارازىتلىق نورمال ئىش بولۇپ، زىيانلىق ئەمەس.

دۇركېيمنىڭ قارىشىچە، مىللىي بولمىغان، خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىمۇ قوش تەرەپلىك پارازىتلىققا ئوخشاش بولۇپ، بۇمۇ نورمال ئەھۋالدۇر. چۈنكى بۇنىڭدىمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىق بار.

دۇركېيمنىڭ قارىشىچە، بىر ھەمكارلىق ئۆزگىرىشىنىڭ ئىش تەقسىماتىغا ئوخشاش بولۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورناتقانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر تۇيغۇ بولۇشى شەرت.

مەسىلەن، قەدىمكى تۈركىيەدە خىلمۇخىل مىللەتلەر بىرلىكتە ياشايتتى. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىش تەقسىماتىغا ئوخشىمايتتى. چۈنكى بۇ مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر تۇيغۇ يوق بولۇپ، ئۇلار قوش تەرەپلىك پارازىتلىق ھالەتتە ئىدى.

ھازىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا مىللەتلىرى بىلەنمۇ بىزنىڭ ئورتاق تۇيغۇمىز يوق. شۇڭلاشقا ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا مەۋجۇت بولغان ئېلىم – بېرىم مۇناسىۋەتلىرى خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ پارازىتلىرىمىزدۇر، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي پارازىتلىرىدۇرمىز.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلىتىمىزگە ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى پارازىت ھالەتتە كىرىدۇ. ئەمما پاتولوگىيىلىك ھالەتتە ئەمەس، نورمال پارازىت ھالىتىدە كىرىدۇ. لېكىن ئۇ بىزنىڭ پارازىتىمىز بولغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۇنىڭ پارازىتى بولىمىز.

شەۋكەتى بۇخارىي بىر بېيتىدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي قاپاق! سەن ئۇسسۇزلۇقتىن قىينىلىسەن.

مەن بولسام مەستلىكتىن كېيىنكى باش ئاغرىقىنىڭ قۇلىمەن.

مەن ساڭا ئۇسسۇلۇق بېرەي، سەن ماڭا مەي بەر!».

ئەجنەبىي سەرمايىسىنىڭ دۆلىتىمىزگە قىلغان ياردەملىرىگە بىر مىسال كۆرسىتەي:

دراما ۋە سەرەز كۆچمەنلىرى دۆلىتىمىزدە پاناھلانغان چاغدا ئۇلارغا ھۆكۈمەت پۇل بېرىشتىن بۇرۇن تاماكا سودىگەرلىرى پۇل بەردى. ئۇ كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى تاماكا تېرىيدىغان دېھقانلار بولغاچقا، تاماكا سودىگەرلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن شۇ يىلى ئىنتايىن كۆپ مىقداردا تاماكا تېرىدى.

تاماكا سودىگەرلىرى تاماكا تېرىيدىغان كۆچمەنلەرگە پەقەت شۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا پۇل بەرگىنى يوق، ئەلۋەتتە. ئۇلار بۇ ئىشتا ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئالدىن ئويلىشىدۇ. كۆچمەنلەرگە سەرمايە بەرگەن بۇ سودىگەرلەر يىل ئاخىرىدا ئۆزلىرى بەرگەن ئاشۇ قەرزلەرنىڭ بەدىلىگە باشقا سودىگەرلەرگە قارىغاندا تاماكىنى تېخىمۇ ئەرزان باھادا سېتىۋالىدۇ.

تاماكا تېرىيدىغانلار تاماكا شىركەتلىرىدىن، يەنى ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسىدىن خالىغان مىقداردا قەرز ئېلىپ، مۇشۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ دەرھال تاماكا تېرىشقا تۇتۇش قىلدى. تاپقان – تەرگەنلىرىنىڭ ھەممىسى رىم ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تالان – تاراج قىلىنغان بۇ نومۇسچان دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى كېلىشتىن بۇرۇن ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسىگە تايىنىپ تاماكا تېرىدى. بۇندىن كېيىن يەنە بۇ تاماكا تېرىيدىغان دېھقانلار تاماكا سودىگەرلىرىدىن خالىغان مىقداردا قەرز ئالالايدۇ. كېلەر يىلى دېھقانلار بۇ قەرزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى تۆلەيدۇ ياكى يېڭىدىن قەرز ئالىدۇ.

تاماكا شىركەتلىرىنىڭ كۆچمەنلەرگە قىلغان ئىككىنچى تۈر ياردىمى بولسا، سۈپەتلىك تاماكا يېتىشتۈرۈشنى بىلمەيدىغان دېھقانلارنىڭ يېنىغا تېخنىكلارنى ئەۋەتىپ تاماكىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىشنى ئۆگەتكەنلىكىدۇر.

شىركەتلەر بۇ ياردەملەرنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىزگىمۇ پايدىسى بولغاندىكىن ئۆزلىرىمۇ پايدىلانسا ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئادالەت دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ؟

دۆلىتىمىز قەدىمكى دەۋرلەردىمۇ ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسىدىن كۆپ پايدىلانغان. مەسىلەن، دۆلىتىمىزدە پويىز يوللىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگىنى دەل ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى ئەمەسمۇ؟ ھازىر بىز خالىساق ئۇلارنى سېتىۋالالايدىغان ھالەتكە كەلدۇق. بانكىلار، ئاكسىيە بازارلىرى ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى بىلەن قۇرۇلغان.

ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىلىرى دۆلىتىمىزگە سىرتتىن كىرگەن بىر ئېلېكتر ئېقىمىغا ئوخشايدۇ. بۇ ئېقىمدىن ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيە، ئىسسىنىش ۋە قوزغاتقۇچلار دۆلەتنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرغان بولسا، ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسىنىمۇ كۆپەيتىدۇ.

ناۋادا: «ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى كېلىۋاتىدۇ!» دېگەن گەپنى ئاڭلىساق، «ئوبدان بوپتۇ، ھۇزۇر ئېلىپ كەلگەي!» دېيىشىمىز لازىم.

مىللىي سەرمايىمىز كۆپەيگەنگە قەدەر دۆلىتىمىزگە ئەجنەبىيلەرنىڭ سەرمايىسى كەلسۇن. مىللىي تېخنىكلار يېتىشىپ چىققانغا قەدەر ئەجنەبىي تېخنىكلارمۇ كەلسۇن. بۇلار ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنى ئاۋاتلاشتۇرسۇن.

بىز ھازىرچە ئۆز ئالدىمىزغا، مەيلى شەخسىي، مەيلى ھۆكۈمەت بۇ ئىشلارنى بىجىرىپ كېتەلمەيمىز.

(جۇمھۇرىيەت، 1924 – يىل، 29 – ئاۋغۇست)

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى