ئەجەل پۈتۈكى

ئورنى Wikipedia

ئەجەل پۈتۈكى ناملىق بۇ كارتون فىلىمدە دىۋە ريۇكۇ ئىنسانلار دۇنياسىغا تاشلىۋەتكەن بىر ئەجەل پۈتۈكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى رايتونىڭ تېپىۋالغانلىقى ۋە بۇ پۈتۈككە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويسا شۇنىڭ ئۆلىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.

ىشلىگەن شىركەت ياپونىيە
رېژىسسور ئاراكى تېتسۇرو
خەنزۇچە نامى 死亡筆記
باشقا نامى デスノート
بۆلۈم سانى 37
ئۇيغۇرچە نامى ئەجەل پۈتۈكى
تۈرى ۋەقەلىك، جىددىي، فانتازىيە، رازۋېدكا، جىنايەت
قويۇلغان ۋاقتى 2006-يىل 10-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 2007-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە

فىلىم ۋەقەلىكى[تەھرىرلەش]

ئەجەل پۈتۈكى ناملىق بۇ كارتون فىلىمدە دىۋە ريۇكۇ ئىنسانلار دۇنياسىغا تاشلىۋەتكەن بىر ئەجەل پۈتۈكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى رايتونىڭ تېپىۋالغانلىقى ۋە بۇ پۈتۈككە كىمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويسا شۇنىڭ ئۆلىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. دەسلىۋىدە ئۇ بۇ خاتىرنىڭ خاسىيىتىگە ئىشەنمەيدۇ، كېيىن ئىسمىنى مۇنداقلا يېزىپ قويغان ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئاستا-ئاستا بۇ خاتىرىنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ ھەم خاتىرىگە تۈرمىدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ھەم قانۇن تورىنىڭ سىرتىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ بىر گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. بىرلەشكەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى (ICPO) نىڭ ئالاھىدە ساقچىسى L بولسا رايتونىڭ قىلمشىنى خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈش، قىرغىنچىلىق دەپ قاراپ پۈتۈن دۇنيا ساقچى كۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ (L نىڭ مۇشۇنداق ھوقۇقى بار، ئۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىسى بولغانلىقتىن ب د ت ئۇنىڭغا مۇشۇ ھوقۇقنى بەرگەن) رايتونى تۇتماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى ھايات ماماتلىق ئەقىل سىنىشىش باشلىنىدۇ.

سىز بۇ كارتوندىن ئاقكۆڭۈل، ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر بالىنىڭ ئاستا-ئاستا رەزىللىك قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىگە، بىر ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل ئادەمگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكىگە شاھىت بولىسىز.

شان-شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

2003-يىلى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ كارتون رەسىم ژورنىلى «ياشلارJump»نىڭ يىللىق ئوقۇرمىنى ئەڭ زور چىمپىيونلۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى كارتون نۇسخىسى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

سىرتقى ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]