ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئەخمەتجان قاسىمى)


شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى- ئەخمەتجان قاسىمى

بالىلىق ۋە ياشلىق[تەھرىرلەش]

1914 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 14 - ﻛﯜﻧﻰ شەرقى تۈركىستاننىڭ ﻏﯘﻟﺠﺎ شەھىرىنىڭ توغرا كۆۋرۈك مەھەللىسىدە، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ دىھقان ﯪئﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .دادىسى نادىر تەمبۇر،ئانىسى شەرۋانەم قاسىمى ئىدى. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ئاﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﻛﯜﻥ ﯪﻟﻤﺎﻕ ﯴﭼﯜﻥ 1924 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﯲﻣﻪﺭ قاسىمى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺖ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﺍ ﺩﺍﺭﯨﻠﺘﺎﻡ ، ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯞﻩ ﺗولۇﻗﺴﯩﺰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1929 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1932 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺗولۇﻕ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﯪﻟﻤﯘﺗﯩﺪﺍ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . ﯮﻗﯘﺷﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ ئوقۇتقۇچىلىق ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

1934 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1937 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﯲﺯﺑﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﯮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯪﺳﯩﻴﺎ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳﺘىتى(ساگو)دا ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1937 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺳﻜﯟﺍ ﺷﻪﺭﻖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻤﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﯬﻣﮕﻪﻙ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳﺘىتﯩﻐﺎ ﯮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﯰﻧﯟﯦﺮﺳتىتىدا ﭘﯩﺮاﻛﺘﯩﻜﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . 1941 - ﻳﯩﻠﻰ گﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﯮﻗﯘﺵ ﺗﻮﺧﺘىﺗﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻤﯘ ﯲﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

ئەسكەرلىك[تەھرىرلەش]

مىللى ئىنقىلاب دەۋرىدە[تەھرىرلەش]

ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ 1942 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، ﻳﻪﺭ ﯪﺳﺘﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﯪﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1943 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﯪﻳﺪﺍ ﺷﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﯪﻳﺪﺍ ﯴﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﺎﻻﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . 1944 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﯪﻳﺪﺍ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ شەرقى تۈركىستان مىللى ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ،«ئازاد شەرقى تۈركىستان گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھەربى ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑۆﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ، ھﯚﻣﯜﻣﻪﺕ ﯬﺯﺍﺳﻰ ، ھﻪﺭبى ﺋﺸﻼﺭ ھﻪﻳﯭﺗﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﯬﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1946 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﯪﻳﺪﺍ ئىلى تەرەپ ﯞﻩﻛﯩﻠى ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯴﺭﯛﻣﭽﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯲﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﯪﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1947 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﺪﺍ ﯲﻟﻜﯜﻟۈﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ،شەرقى تۈركىستان ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭىشىﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺷﯩﻐﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .

تىنچلىق بىتىمى دەۋرىدە[تەھرىرلەش]

شەخسى ھاياتى[تەھرىرلەش]

ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن ماھىنۇر قاسىم ئايالى ئادالەت قاسىمى قىزى ئادىلجان قاسىمى ئوغلى

ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن ئۆلۈمىگىچە[تەھرىرلەش]

1948 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﯰﻟﻐﺎﻳﺘﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ << ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﻪلقچىلىقنى ھﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ >> ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ << ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ >> ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1948 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﯪﻳﻨﯩﯔ 22 - ﻛﯜﻧﻰ، ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ خىتاي كومۇنىستلىرى رەھبىرى ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎئەﻥ ، شەرقى تۈركىستان ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﯲئۆﻣﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﻴﭙﯩﯖﮕﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ يېڭى ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪھﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﯴﭼﯜﻥ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، 27 - ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﺮﻛﯘﺗﺴﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﻰ ھﺎﯞﺍ ﺑﻮﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﯪﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .گەرچە كۆپ قىسىم تارىخى ماتىرىياللاردا شۇنداق يېزىلسىمۇ ،ئەينى چاغدىكى مەرھۇمنىڭ يېقىن سەبداشلىرى ھەم جەسەتلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قاتناشقان شاھىتلار ئەھمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئاۋۋال ئالمۇتا دا سوۋېت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ،بۇ جەرياندا ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاش تەرەپدارى بولغانلىقىنى،ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ موسكىۋاغا كەلتۈرۈلۈپ،شۇ جايدا ۋەھشى بىر ئۇسۇلدا سۇيقەست قىلىنغانلىقىنى ئېيتىشماقتا. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ئارﺍﻥ 35 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ .