ماھىنۇر قاسىم

ئورنى Wikipedia

UYGHURCHE, УЙҒУРЧӘ

ماھىنۇر قاسىم
تۇغۇلغان ۋاقتى15 - ئاۋغۇست 1929، قورغاس
جۆرە(لەر)ئەخمەتجان قاسىمى (1945 - 1949)


ماھىنۇر قاسىم (لاتىن: Mahinur Qasim، كرىل: Маһинур Қасим)، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤىنىڭ خانىمى.

ماھىنۇر خانىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە توغۇلغان. 1 يېشىدا ئاپىسى ۋاپات بولغان.[1]

1945 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن توي قىلغان ۋە ئەخمەت ئەپەندىنىڭ يېنىدا كاتىبلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان.[1]

1949 - يىلى 27 - ئاۋغۇست كۈنى ئەخمەت ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرى قىزى بىلەن ئوغلىنى تەربىيلەش بىلەن ئۆتكەن.[1]

1951 - يىلى ئىلى ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1952 - يىلى غۇلجا شەھرىنىڭ باشلىقى بولغان ۋە شۇ يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.[1]

1953 - يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ش ئۇ ئا ر ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.[1]

«مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دا زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ج ك پ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئۈزۈل - كېسىل ئاقلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.[1]

ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.[1]

2003 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققان. [1]

ئەسلىمە[تەھرىرلەش]

ماھىنۇر قاسىمنىڭ ئون نەچچە يىلدا يېزىپ تەييارلىغان، 2014 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 8 - ئايدا نەشر قىلىنغان «ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئىككى جىلدلىق بىر خاتىراتى بار بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ يەنىلا ئۆزى شاھىت بولغان بەزى ھەقىقىي ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 1.2 1.3 1.4 1.5 1.6 1.7 ماھىنۇر قاسىم، ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن، ISBN 978-7-105-12820-4/K . 2242 (ئۇيغۇرچە 109)، تەرجىمھال قىسمى