جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى

ئورنى Wikipedia
پارتىيە بايرىقى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى (خەنچە: 中国共产党، ئىنگ: The Communist Party of China، قىسقارتما: CPC) قىسقىچە، جۇڭگو كومپارتىيىسى ياكى ج ك پ. جۇڭگو كۇممۇنىستىك پارتىيىسى، 1921- يىل 7- ئايدا قۇرۇلغان، 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئىشچىلار سىنىپىغا ۋاكالەتەن ئىشچى دېھقانلار ئىتتىپاقى ۋە بىرلىكسەپكە رەھبەرلىك قىلماقتا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا خەلق دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان بىردىنبىر پارتىيىدۇر. جۇڭگو كۇمپارتىيىسى ئۆزىنى، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگو سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، جۇڭگو ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەنفەتىنىڭ ۋەكلى دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگو كۇمپارتيىسى ماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى، دېڭ شىياپىڭ نەزەرىيىسى، "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" مۇھىم ئىديىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانى، ئەڭ ئاخىرىقى مەقسىدى كوممۇنىزىملىق سوتسالىستىك تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.