ئەخمەتجان قاسىمى تۈركىيە باش ئەلچىسى ھوزۇرىدا

ئورنى Wikipedia


(مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن يازغان «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق كىتابنىڭ 15-بابىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تەييارلاندى)[تەھرىرلەش]

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

(1946-يىلى دېكابىر، نەنجىڭ)ئەخمەتجان (قاسىمى) تۈركىيە باش ئەلچىسى ھۇلۇسى فۇئات توغاي ئەپەندىنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ ئايالى ئامىنە خانىم ئارقىلىق ئۇچرىشىشنى پۈتۈشۈپتۇ. ئەخمەتجان ماڭىمۇ «بىللە بارايلى» دېدى ۋە شۇنداق قىلدۇق.

ھۇلۇسى فۇئات توغاي ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقاندا، ئەخمەتجان ئۇنى خۇش قىلىش مەقسىتىدە خىتايلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. فۇئات ئەپەندى: «مەن سىزنى روسپەرەس بىر كىشى دەپ ئاڭلىدىم ۋە بۇنىڭغا ئېچىنىمەن. ئىلىدا پارتىلىغان قوزغىلاڭغا قاتنىشىپسىز، توغرىمۇ؟ نۇرغۇن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپسىز، شۇنداقمۇ؟» دېدى. ئەخمەتجان:«ئاساسەن دېگۈدەك توغرا» دېدى. «بۇ قوزغىلاڭغا روسلار ئادەم كۈچى ۋە قورال-ياراق ياردەم قىلىۋېتىپتۇ، بۇلار توغرىمۇ؟» دەپ سورىدى فۇئات ئەپەندى. ئەخمەتجان بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇندىن كېيىن فۇئات ئەپەندى: «سىز بۈگۈن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. «توغرا» دېدى ئەخمەتجان. ھۇلۇسى فۇئات ئەپەندى: «مەن روسنىمۇ، خىتاينىمۇ بىلىمەن. بۇنداق ئىش روسىيەدە يۈز بەرمەيدۇ. بىر ئادەم روسلارغا قارشى قوزغالسا ۋە نۇرغۇن روسنى ئۆلتۈرسە، شۇ قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە غەربىي تۈركىستاندا بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئىككىنچى قول رەھبەرلىكىگە روسلار سىزنى تەيىنلەرمۇ؟ بۇنداق ئىش روسىيەدە يۈز بەرمەيدۇ» دېدى. يەنى بۇ ئەخمەتجاننىڭ خىتايلارنى قارىلىغانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب ئىدى.

سۆھبەتنىڭ بىر جايىغا كەلگەندە ئەخمەتجان:« بىز سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارنى قىلدۇق» دېدى. ئۇ ئاتاتۈركنى ئېغىزغا ئالماي تۇرۇپ «سىلەر، يەنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى يۇنانلار (گىرىكلار) دىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن روسلاردىن ياردەم ئالدىڭلار. بىزمۇ شۇنىڭ دەل ئەينىنى قىلىۋاتىمىز» دېدى. ھۇلۇسى فۇئات ئەپەندى «شۇنداق، بىز روسلاردىن ياردەم ئالدۇق. ئەمما بىز روسلارنى تۈركىيەگە كىرگۈزمىدۇق. روسلارنىڭ تەسىرىنى تۈركىيەدىن ئۇزاقلاشتۇردۇق. بۇنى سىلەر قىلالمايسىلەر، كۈچۈڭلار يەتمەيدۇ» دېدى. ھۇلۇسى فۇئات ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرى بىر تۈرك دىپلومات دېيەلەيدىغان گەپلەر ئەمەس ئىدى. ھازىر ھېچبىر دىپلومات بۇلارنى ئېيتالمايدۇ. رەھمەتلىك بۇ سۆزلەرنى ئېيتتى، ئۆزىمۇ جەسۇر ئادەم ئىدى. ئەخمەتجان قايتىشىمىزدا يول بويى شىكايەت قىلىپ ماڭدى ۋە رەنجىگەن ھالدا: «بىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلىۋاتىمىز. ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى بىزگە راۋا كۆرمەيۋاتىدۇ» دەيتتى. ئەخمەتجان بۇ زىيارەتتىن مەمنۇن ئەمەس ئىدى.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى